ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تاماكىدىن يىراق تۇرۇش

تاماكىدىن يىراق تۇرۇش

ۋاقتى: 2016-06-16 ئاۋاتلىقى: 726 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن قاتارلىق خىمىيەلىك ماددىلار تاماكا چەككۈچىنىڭ بەدىنىدە يىغىلىۋالىدۇ. تاماكا كۆيگەندىكى ئىس-تۈتەك تەركىبىدىكى 500 خىلدىن ئارتۇق زىيانلىق ماددىلار ئىنسانلارنى ئاستا خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى، ئۆپكە گازلىق ئىششىقى، يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكى، ئۆپكە راكى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار قىلىدۇ.


تاماكا چېكىش ئادەملەر سالامەتلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى، ھازىرقى ئىجتىمائىي ھادىسىدىن ئېلىپ ئېيتساق، ئەرلەر بارا-بارا تاماكا تاشلاۋاتىدۇ، ھەيران قالارلىقى شۇكى، ئايال تاماكا چەككۈچىلەر بارغانسېرى كۆپيىۋاتىدۇ. ئانا بولغۇچىغا ئاكتىپ تاماكا چېكىش ۋە ئىككىنچى قول تاماكا چېكىشنىڭ (تاماكا چەككۈچىنىڭ يېنىدا تۇرغان كىشى) زىيىنى ئوخشاشلا ئېغىر. بەزى ياش ئاياللار مەن ھامىلىدار بولغاندا تاماكا چەكمىسەملا بولىدۇ، دەيدۇ. بىراق تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىكەنلىكىنى، ئۇزاق مەزگىل تاماكا چەككەن ئايال گەرچە قىسقا ۋاقىت تاماكا چەكمىسىمۇ بەدىنىدە خەتەرلىك مولىكۇلىنىڭ يوشۇرۇن ساقلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.


تاماكا ئىسى بۇرۇن بوشلۇقى ئارقىلىق ئۆپكىگە كىرىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم زىيانلىق ماددا ئۆپكە ئىچىدە ساقلىنىپ قالىدۇ. يەنە بىر قىسمى ئايلىنىش سىستېمىسى ئارقىلىق پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىدۇ. شۇنداق بىر مۇھىتقا ماسلىشىۋېلىپلا بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتىنى باشلايدۇ. تېببىي ئىلىم ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ ئېيتىشىچە، تاماكا كۆيگەندىن كېيىنكى زەھەرلىك تەركىبنىڭ 50 خىلدىن ئارتۇقراقى ھامىلىدار ئايال ۋە ھامىلىگە زىيانلىق ئىكەن. ھامىلىنىڭ يېتىلىشىنىڭ ئاستا بولۇشى ۋە ئېغىرلىقىنىڭ ھەددىدىن زىيادە يېنىك بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن سىرت يەنە تۇغما كەمتۈكلۈك، بالدۇر تۇغۇش، بالا چۈشۈپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھامىلىدار ئايال ئالدى بىلەن ئۆزى تاماكا چەكمەسلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دادا بولغۇچىنىڭمۇ تاماكا چېكىشىگە يول قويماسلىقى، تاماكا ئىسى قويۇق بولغان كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا ئاز بېرىش ياكى بارماسلىقى كېرەك. ھامىلە مەزگىلىدىكى ھامىلىگە پاكىز بولغان تۇرمۇش مۇھىتىنى ھازىرلاپ بېرىش لازىم. بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن تېخىمۇ تاماكا چەكمەسلىكى كېرەك، ئەگەر تاماكا تاشلىيالمىسا بوۋىقىغا بولغان زىيىنى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى