ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئېمىتىش لازىمەتلىكلىرى تۈرلىرى

ئېمىتىش لازىمەتلىكلىرى تۈرلىرى

ۋاقتى: 2016-07-27 ئاۋاتلىقى: 693 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

سۈت سۈمۈرگۈچ بىر دانە ـــــ ئانا سۈتى بىلەن بېقىشتىكى زۆرۈر بويۇم.
سۈت بوتۇلكىسى دېزىنفېكسىيىلىگۈچ ـــــ قولايلىق بولغان مىكرو دولقۇنلۇق دېزىنفېكسىيەلىگۈچ ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. توكلۇق دېزىنفېكسىيەلىگۈچنى تاللاشقىمۇ بولىدۇ. ئۇندىن باشقا ئىسسىق ساقلاش، قىزىتىش رولىغا ئىگە بولغانلىرىمۇ بار.

بەش-ئالتە دانە ئېمىزگە بوتۇلكا ـــــ250ML،120ML نىڭ ھەر بىرىدىن كەڭ ۋە ئۆلچەملىك ئېغىزلىق بولۇپ ئىككىدىن، 50ML  لىق مېۋە شەربىتى ئېمىزگە بوتۇلكىسىدىن 1-2 دانە.

يۇمشاق ئېغىزلىق ئىستاكان 1 دانە ـــــ 4 ئايلىقتىن چوڭ بولغان بوۋاقلارنى مەشقلەندۈرۈشكە ماس كېلىدۇ.
پىپېتكىلىق بوتۇلكا (吸管杯) 1 دانە ـــــ 7 ئايدىن كېيىن بوۋاقنى يۇمشاق ئېغىزلىق بوتۇلكا ئىشلىتىشتىن پىپېتكىلىق بوتۇلكىدا سۇ ئىچىشكە كۆندۈرۈشكە بولىدۇ.
ئاپتوماتىك پىپېتكا 2 تال ـــــ بوۋاق سەل چوڭ بولغاندىن باشلاپ سۈت بوتۇلكىسىغا ئاپتوماتىك پىپېتكا بېكىتىپ بېرىلسە، بوۋاقنىڭ ئوينىغاچ سۇ ئىچىشىگە قولايلىق بولىدۇ.
بوتۇلكا ئېمىزگىسى 2 تال  ــــ دەسلىپىدە M  نومۇرلۇقتىن 2 تال تەييارلانسا بولىدۇ. ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىدىغان بوۋاقلار ئۈچۈن ۋاقتىنچە ھاجەتسىز.

ئېمىزگە 2 تال ـــــ باسقۇچ بويىچە كىچىكرەكىنى تاللاش، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئېغىز شەكلىگە تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن زىيادە چوڭلىرىنى ئىشلەتمەسلىك لازىم.
بوتۇلكا چوتكىسى 1 دانە ـــــ بۇلۇتلۇق چوتكا سۇلياۋ بوتۇلكىغا، نىلون چوتكا ئەينەك بوتۇلكىغا ماس كېلىدۇ. ئايلىنىدىغان چوتكا بولسا تازىلاش تېخىمۇ قولايلىق.
ئېمىزگە چوتكىسى 2 دانە ـــــ بۇلۇت چوتكىنىڭ تازىلاش ئۈنۈمى نىسبەتەن ياخشى، بۇ خىل چوتكا ئاسان ئۇپرىغانلىقتىن كۆپرەك تەييارلىنىدۇ.
سۈت بوتۇلكىسى يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ـــــ سۈت بوتۇلكىسىدىكى قالدۇق ۋە داغلارنى تەلتۆكۈس تازىلاشقا ياردەم بېرىدۇ.
سۈت بوتۇلكىسى قۇرۇتۇش جازىسى 1 دانە ـــــ سۈت بوتۇلكىسىنى قۇرۇتۇشتا ئىشلىتىلىدۇ، بوتۇلكىنىڭ دېزىنفېكسىيىلەنگەندىن كېيىن قايتا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.
يۇمشاق باشلىق قوشۇق 2 دانە ـــــ سۇ ۋە دورا بېرىشتە ئەڭ ياخشىسى يۇمشاق ۋە قىزىمايدىغان قوشۇق ئىشلىتىش لازىم.
تاماق قاچىسى 2 دانە ــــ كىچىكرەك يۇمىلاق چىنە بولسا بولىدۇ، بوۋاققا سۇ ۋە دورا بېرىشتە ئىشلىتىلىدۇ. ئاستىدا شۈمۈرگۈچ تەخسىسى بار، ئۈستەلگە مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدىغان قاچا بولسا، بوۋاق سەل چوڭ بولغاندا ئۆزى ئۈستەلدە تاماق يېيىشنى ئۆگەنسىمۇ بولىدۇ.

سۈت بوتۇلكىسى ئىسسىق ساقلاش خالتىسى ــــ ئۇزاق ۋاقىت ئىسسىق ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، سىرتقا چىققاندا سۈت بوتۇلكىسى ئىسسىق ساقلاش خالتىسىغا قاچىلانسا بوۋاق ھەرۋاقىت 40 گرادۇسلۇق ئىسسىق سۈت ئىچەلەيدۇ.
سۈت پاراشوكى قۇتىسى 1 دانە ـــــ سۈت پاراشوكى مىقتدارغا بۆلۈپ قاچىلىنىدۇ، ئېلىپ يۈرۈشكە قولايلىق، ئادەتتە 3 ياكى 4 شىكالىلىقى تاللانسا مۇۋاپىق.
يېمەكلىك ئەزگۈچ 1 يۈرۈش ـــــ بوۋاققا قوشۇمچە يېمەكلىك بېرىشتە ئىشلىتىلىدۇ، شەربەت سىقىشقا، يېمەكلىكلەرنى ئېزىشكە، سۈزۈشكە ۋە ئارىلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. قولايلىق، تېز بولۇپ، يۇيۇشقا بولىدۇ.
مىكروبسىز ساقلاش قاچىسى 3 دانە ـــــ ئانا سۈتى، بوۋاقتىن ئاشقان مېۋە شەربىتى، مېۋە بوتقىسى قاتارلىقلارنى قاچىلىغاندا سۈپىتى ئۆزگەرمەي، تەمىدىن كەتمەي ئۇزاق ساقلاشقا بولىدۇ.
سۈت ئىسسىتقۇچ 1 دانە ـــــ سۈت ياكى گۈرۈچ ئۇنىنى قىزدۇرۇش، مۇقىم تېمپېراتۇرىدا ساقلاشقا قولايلىق.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى