ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بەختلىك ئائىلە قانداق بەرپا بولىدۇ؟

بەختلىك ئائىلە قانداق بەرپا بولىدۇ؟

ۋاقتى: 2016-08-06 ئاۋاتلىقى: 984 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

خەلقئارا ئىسلام تور بېتىنىڭ تۇرمۇش ۋە ئاياللارغا ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى، نۇر ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئۇستاز مۇھەممەد رەشىد ئەلئۇۋەيد بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت
ھۆرمەتلىك دوكتۇر: بەختلىك ئائىلىنىڭ ئاچقۇچلىرى قايسى بۇ ھەقتىكى پىكرىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز؟
جاۋاپ: بەختلىك تۇرمۇش بەرپا قىلىشنىڭ ئاچقۇچلىرىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىش مۇمكىن:
1 - ئەر - ئاياللار ، بىر - بىرىگە ياخشى سۆز قىلىشتا بېخىللىق قىلماسلىق، يەنى ئايال ئېرىگە، ئېرىمۇ ئايالىغا ھەر دائىم چىرايلىق سۆز قىلىشقا ئادەتلىنىش، رەھمەت ئېيتىش، ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىش. جۈملىدىن ھەر ئىككى تەرەپ بىر بىرىگە قىلغان ياخشى سۆزلىرى ئارقىلىق ھېچقانداق مال چىقىم قىلىنماستىنلا سەدىقىنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئۇنۇتماسلىق.
 
2- ئەر-ئايال بىر- بىرىنىڭ ئەيىبى ۋە كەمچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ ئۆنۈش. ئەگەر نەسىھەت قىلىپ تۈزىتىشكە توغرا كەلگەن تەقدىردە ناھايىتى شەپقەت ۋە مېھرىبانلىق بىلەن نەسىھەت قىلىش.
3- ھەر ئىككى تەرەپ بىر- بىرىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىش، گەپ قىلغاندا دىققەت بىلەن ئاڭلاش. چۈنكى ئىنسان باشقىلار ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشقا مۇھتاج، ئەر-ئايال بىر- بىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشقا تېخىمۇ مۇھتاج.
4- ھەر ئىككى تەرەپ بىر- بىرىگە دۇئا قىلىش، يەنى ئەر ئايالىغا، ئايالمۇ ئېرىگە دۇئا قىلىشقا سەل قارىماسلىق، چۈنكى دۇئا مۆمىننىڭ قورالىدۇر.
5- بىر - بىرىگە مالامەت ياكى تاپا تەنە قىلماسلىق. چۈنكى مالامەت ۋەيران قىلغۇچىدۇر. بۇ ھەقتە ئەنەس رەزىياللاھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا ھەرگىزمۇ بىرەر ئىش توغرىلىق سۆزلەپ، قىلغان ئىشىمنى نېمە ئۈچۈن قىلدىڭ؟ قىلمىغان ئىشىمنى نېمە ئۈچۈن قىلمىدىڭ؟ مۇنداق قىلساڭ بولمامدۇ؟ دەپ باقمىدى.
6- ئەر- ئايال، بىر - بىرىنى مازاق قىلىشتىن ساقلىنىش. ئاللاھنىڭ كىشىلەرنىڭ بىر بىرىنى مازاق قىلىشتىن توسقانلىقىنى ئۇنۇتماسلىق. چۈنكى مازاق قىلىش كۆڭۈلنى زىدە قىلىپ قەلبىنى جاراھەتلەندۈرىدۇ.
7- ئەر- ئايال بىر- بىرىدىن كەچۈرۈم سوراشتىن ئىككىلەنمەسلىك، يەنى خاتا ئۆتكۈزگەندە دەرھال كەچۈرۈم سوراش، چۈنكى كەچۈرۈم سوراش قەلبنىڭ سوپۇنى بولۇپ قەلىبتىكى غەلغەشنى پاكىزلايدۇ.
8- ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بىر- بىرىنىڭ ئائىلىسىنى بولۇپمۇ ئاتا- ئانىسىنى ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى قاتتىق ھۆرمەتلەش.
9- سەۋرىدىن ئىبارەت گۈزەل ئەخلاقنى كۈچەيتىش، ئاللاھ تالانىڭ سەبرى قىلغۇچىلارنى ماختىشىنى ۋە سەۋرنىڭ قۇرئاندا 90 غا يېقىن يەردە زىكىر قىلىنغانلىقىنى ئۇنۇتماسلىق. ھەرقاچان ئېغىر بېسىق ۋە تەمكىن بولۇش، ئاچچىقلانماسلىق.
10- روھنى پاكىزلايدىغان، كۆڭۈل بىئارامچىلىقىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان زىكرى تەسبىھكە ئادەتلىنىش.
11- ئەر- ئايال ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ شەخسى تازىلىققا كۆڭۈل بۆلۈش، تازىلىققا مۇناسىۋەتلىك سۈننەتلەرگە دىققەت قىلىش. يەنى چاچ، ساقال، تىرناق ۋە باشقا تازىلىقلارغا دىققەت قىلىش.
12- ھەر - ئىككى تەرەپ شەرىئەتتە بايان قىلغان بويىچە ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى ياكى مەسئۇلىيەتلىرىنى يېزىش ۋە ئۇنى ئادا قىلىشقا تىرىشىش.
13- ئەگەر ئەر - ئايال ئوتتۇرىسىدا كۆڭۈل ئاغرىق ياكى ئاداۋەت پەيدا بولۇپ قالسا ھەر ئىككى تەرەپ ئىسلاھ قىلىشقا ئالدىراش. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىلەرنىڭ ياخشىڭلار بۇرۇن سالام قىلغىنىڭلار، دېگەن.
14- ھالالغا قىزىقىش، يەنى ھالال يېيىش، ھالال كىيىش، ھەر قانچە قىيىن شارائىت ئاستىدىمۇ رىشۋە  جازانە قاتارلىق ھارام ماللاردىن ساقلىنىش. ئىسراپچىلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش.
15- ئەر - ئايال بىر - بىرىدىن ياخشى گۇمان قىلىش، يامان گۇمان قىلىشتىن ساقلىنىش. ئاللاھ تائالا: ئى مۆمىنلەر! نۇرغۇن يامان گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار، بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر دەيدۇ: سۈرە ھۇجرات 12- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
قىسقىسى: بىرەر ئىشنى پەرەز قىلغاندا  ۋە مۆلچەرلىگەندىمۇ ئىشنى ياخشى تەرەپكە بۇراش، ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى بەكرەك ئويلاش.
16- ئەر- ئايال بىر- بىرىگە ھەدىيە ۋە سوغات قىلىشىپ تۇرۇشقا سەل قارىماسلىق. چۈنكى ھەدىيەنىڭ قەلىپتىكى تەسىرى ناھايىتى چوڭدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىيە قىلىشىڭلار! ياخشى كۆرۈشسىلەر دېگەن.
17- ئەر- ئايال ئۆزلىرىنىڭ يېڭىپ يېڭىلىدىغان چېلىشىش مەيدانىدا ئەمەس، بەلكى ھەر ئىككى تەرەپ بىر بىرىنى رازى قىلىپ ياشايدىغان ئۆيدە ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىق ۋە ھەر دائىم تەكىتلەش.
18- ئەر - ئايال، بىر- بىرىنى باشقىلارغا ئوخشىتىشتىن ساقلىنىش، يەنى ئەر ئايالىنى باشقا ئاياللارغا، ئوخشىتىش ئايالىمۇ ئېرىنى باشقا ئەرلەرگە ئوخشىتىشتىن قاتتىق ساقلىنىش. ھەر ئىككى تەرەپ بىر- بىرىدىن رازى بولۇش.
19 - ھەر ئىككى تەرەپ، بىر - بىرىنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارنى تەلەپ قىلماسلىق، يەنى ئاياللارمۇ ئېرىدىن باھاسى قىممەت سېتىۋېلىشقا تاقىتى يەتمەيدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلماسلىق، ئەرلەرمۇ ئاياللاردىن ئاياللارنىڭ تاقىتى يەتمەيدىغان ياكى قىلىشقا ۋاقتى يەتمەيدىغان ئىشلارنى تەلەپ قىلماسلىق.
20- شەيتاندىن قاتتىق ئاگاھ بولۇش، يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېگەندەك شەيتاننىڭ ئەڭ چوڭ غايلىرىدىن بىرىنىڭ ئەر- ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىسىنى بۇزۇش ۋە ئايرىش ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىق.
21- ھەر ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ سىرنى ساقلاش، ھەر قانچە يېقىن كىشىلەرگىمۇ ئايال ئېرىنىڭ، ئەر ئايالىنىڭ سىرنى پاش قىلماسلىق.
22- ئۆتكەن ئىشلارنى كولاپ كۆڭۈل زىدە قىلىشتىن ساقلىنىش.
23- ئەر-ئايال، ھەر ئىككى تەرەپ ھە دىسىلا تالاق سۆزىنى ئېغىزغا ئالماسلىق، يەنى ئايالمۇ يوقىلاڭ ئىشلارغا ئېرىدىن تالاق تەلەپ قىلماسلىق، ئېرىمۇ ھە دېسە ئايالىنى تالاق قىلىش بىلەن تەھدىت سالماسلىق.
24- ئەر ئايال بىر بىرىگە قاتتىق ۋە قۇپال مۇئامىلە قىلماسلىق، ئۇرۇپ سوقماسلىق، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ ھاياتىدا بىر قېتىممۇ ئايالىنى ئۇرۇپ باقمىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىق.
25- ئەرنىڭ ئايالدىن ئۈستۈن بولۇشىنىڭ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلىش، چۈنكى ئەر ئايالنى ھىمايە قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا نەپىقە بېرىدۇر. ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر ئېرى ئايالىنى ھىمايە قىلسا، نەپىقە بەرسە، ئايالىمۇ ئېرىگە ئىتائەت قىلسا بۇنداق ئائىلە بەختلىك ئائىلە ھېسابلىنىدۇ.
26- ھەر ئىككى تەرەپ بىر بىرى ئۈچۈن ياخشىلىقنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىق، مەسىلەن ئەر ئايالىغا نەپىقە بەرسە، ھەتتا بىر لوقما تاماق بەرسە، ياخشى سۆز قىلسا ئۇنىڭغا ئەجىر بېرىلىدۇ. ئايالمۇ ئىرىگە ئىتائەت قىلىپ ئىرىنى رازى قىلغان ھالدا دۇنيادىن كەتسە جەننەتنىڭ خالىغان ئىشىكىدىن كىرىدۇ...
(ئابدۇلئەھەد ئۇجات تەرجىمىسى)

ئەپسۇس، بۈگۈنكى كۈندە جەننەتكە چىش تىرنىقىغىچە ئۆچ، ئەمما دوزاخقا مېھرى-مۇھەببەت باغلايدىغان خوتۇن قىزلار ماڭدامدا بىر كۆزگە چىلىقىپ پۇتلىشىپ يۈرىيدۇ....
ئۇلارغا قىيامەتنى ئەسكەرتىپ ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان ئەركەك يوقمۇ؟

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى