ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەقىللىق بوۋاق تۇغۇشتا «ئەڭ ياخشى» ھامىلىدار بولۇش ئۇسۇلىنى تاللاش (1)

ئەقىللىق بوۋاق تۇغۇشتا «ئەڭ ياخشى» ھامىلىدار بولۇش ئۇسۇلىنى تاللاش (1)

ۋاقتى: 2016-03-27 ئاۋاتلىقى: 725 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەسكەرتىش: بىزنىڭ قانداق بوۋاققا ئېرىشىشىمىزنى بىز بەلگىلىيەلمىز، بىز پەقەت ئەڭ گۈزەل سەۋەبنى قىلىمىز، دۇئا قىلىمىز!
نۇرغۇن كىشىلەر ئەڭ مۇكەممەل بىر بوۋاق تۇغۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تۇغۇتتىن بۇرۇن «ئەڭ ياخشى »غا ئەھمىيەت بېرىدۇ، مەسىلەن ئەڭ ياخشى ھامىلىدار بولۇش پەسلى، ئەڭ ياخشى تۇغۇت يېشى، ئەڭ ياخشى رادىئاتسىيەدىن ساقلىنىش مەزگىلى قاتارلىق، ھەممىسى ئەڭ مۇكەممەل بوۋاق تۇغۇشقا ياردىمى بار. 

گۈزەللىك ئەگرى سىزىقى ۋە ئەقىللىق بوۋاققا ھامىلىدار بولۇش
گۈزەللىك ئەگرى سىزىقى كىشىنى زوقلاندۇرىدۇ. ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ساغرىسى تولغان بىلى ئىنچىكە ئاياللار، «ئالما شەكىللىك» ياكى ئاستى-ئۈستى ئوخشاش توم بولغان ئاياللارغا قارىغاندا ئەقىللىق بولىدىكەن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بالىسىمۇ ئەقىللىق بولىدىكەن. 
ئامېرىكا پىتتسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىملىرى 160 مىڭ ئايالنىڭ بەدەن تۈزۈلۈش سان-سىفىرلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا تونۇش سىنىقى ئېلىپ بارغان.
نەتىجىدە بەل ئايلانمىسى بىلەن ساغرا ئايلانما نىسبىتى 0.6-0.7 ئارىسىدىكى ئاياللارنىڭ سىناقتىكى نەتىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ سىناق نەتىجىسىمۇ يۇقىرى بولغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، ساغرا بىلەن يوتىدىكى ياغنىڭ كۆپ بولۇشى ئومېگا 3 ماي كىسلاتاسى (欧米伽3脂肪酸)نىڭ بىرقەدەر كۆپ ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ خىل ياغ كىسلاتاسى ھامىلىدارلىق ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بەل قىسمىدىكى ياغلار ئومېگا 3 ماي كىسلاتاسىنىڭ مىقدارىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ، بىراق بۇ خىل ياغ كىسلاتاسى بوۋاقنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە ماس كەلمەيدۇ.


ئەڭ ياخشى ھامىلىدارلىق يېشى، ئەڭ يېڭى چۈشەندۈرۈشلەر
فىزىئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، ئاياللار 23-28 ياشقىچە بالىلىق بولسا ئەڭ مۇۋاپىق. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئاياللارنىڭ بەدىنى پۈتۈنلەي پىشىپ يېتىلگەن بولۇپ، تۇخۇمنىڭ سۈپىتىمۇ ئەڭ ياخشى، كۆپىيىش ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى، يەنە بۇ ۋاقىتتا ئاياللارنىڭ تۇغۇت يولىنىڭ ئېلاستىكىلىقى، بالىياتقۇنىڭ قىسىلىشىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، بويىدىن ئاجراپ كېتىدىغان، بالدۇر تۇغۇلىدىغان، ئۆلۈك تۇغۇلىدىغان ۋە غەيرى تۇغۇلىدىغان ئىشلارمۇ ئازىيىدۇ. 
يۇقىرىقى ياش بۆلىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بەك كىچىك (يەنى 20 ياشتىن كىچىك) بولغاندا، بەدەن تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بولىدۇ، بەك چوڭ (يەنى 30 دىن چوڭ) بولغاندا تۇخۇم ھۈجەيرىسى قېرىغانلىقتىن، سۈپىتى تۆۋەنلەيدۇ. بۇ ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ ھەممىسى بالدۇر تۇغۇلۇش، تۇغۇتى قېيىن بولۇش ۋە غەيرى تۇغۇلۇش قاتارلىقلارنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بۇ سۈپەتلىك تۇغۇشقا پايدىسىز.
ئەرلەرنىڭ ئەڭ ياخشى بالىلىق يېشى ئاياللاردىن ئازراق پەرقلىنىدۇ، ئەرلەرنىڭ ئىسپېرمىسى 30 ياشتا ئاندىن يۇقىرى دولقۇنغا يېتىدۇ، ھەمدە كېيىنكى بەش يىلدا بۇ خىل ھالەتنى ساقلايدۇ، شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ئەرلەر 30-35 ياش ئەتراپىدا بالىلىق بولسا ئەڭ سۈپەتلىك بولىدۇ. 
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەر-ئاياللارنىڭ بالىلىق بولۇش يېشى ئەرلەرنىڭ يېشى ئاياللاردىن يەتتە ياش ئەتراپىدا چوڭ بولسا بىرقەدەر مۇۋاپىق. ئاتىنىڭ يېشى چوڭ بولسا ئەقلىي قابىلىيىتى چوڭ بولسا بىرقەدەر پىشقان بولىدۇ، ئانا بىر قەدەر ياش بولسا ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان بولىدۇ، بۇ ياخشى بولغان بىر خىل بالىلىق بولۇش مۇھىتىنى ھازىرلايدۇ، شۇنداقلا ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق. شۇڭا بۇ خىل گۇرۇپىلاشنىڭ سۈپەتلىك تۇغۇش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. 


ھامىلىدار بولغاندا ئەڭ ياخشى پەسىلنى تاللاش، قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدىن ساقلىنىش كېرەك
تېبابەتتە 5-ئايدىن 7-ئايغىچە ھامىلىدار بولسا بىر قەدەر مۇۋاپىق دەپ قارىلىدۇ، ھەمدە بۇنىڭ مەلۇم ئاساسى بار. ئەگەر بۇ مەزگىلدە ھامىلىدار بولغاندا بىر تەرەپتىن يۇقۇملۇق زۇكام قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ يۇقىرى دولقۇنىدىن ساقلىنىپ، ھامىلىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا بۇ ۋاقىتتا ھەرخىل يېڭى كۆكتاتلار چىقىدىغان بولۇپ، ئانىنىڭ ھەر خىل ئوزۇقلۇقلارغا ئېرىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ھامىلىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق. يەنە بىر تەرەپتىن بالا كېيىنكى يىلى 3-ئايدىن 5-ئايغىچە تۇغۇلىدۇ، بۇ دەل قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇقى ۋە يازنىڭ قاتتىق ئىسسىقىدىن ساقلىنىپ، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئانىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق. 
ھامىلىدار بولغاندا بەك ئىسسىقتىن ساقلىنىش كېرەك، چۈنكى ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىدىغان بولۇپ، بەك ئىسسىق ھاۋا ئىشتىھاغا تەسىر قىلىپ، ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىپ، ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. يەنە ئىسسىق كۈنلەردە بەدەندىكى سۇنىڭ پارلىنىشى كۆپ بولۇپ، پارلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا بەدەندىكى ئانئورگانىك تۇز، ۋېتامىن ۋە ئاممونىي كىسلاتاسى قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ  سەرپ قىلىنىشىنى كۆپەيتىۋېتىپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ قويۇقلۇقى تۆۋەنلەش، ئىشتىھاسى ناچارلىشىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇ سەۋەبتىن بەدەننىڭ ئاجىزلىشىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بىۋاستە ھالدا ئوزۇقلۇقنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. ياز كۈنلىرى، ئادەتتە كىشىلەر بىر قەدەر ئورۇق، ئاسانلا باش قايىدىغان، يۈرەك سىقىلىش، مەيدىسى چىڭقىلىش، پۇت-قولى ئۇيۇشۇش، روھى جەھەتتىن چارچاش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھامىلىدار بولغاندا ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىرى بار. 
باھار پەسلىدە گەرچە بارلىق جانلىقلار جانلىنىپ كەتسىمۇ، بىراق ھامىلىدار بولۇشنىڭ ياخشى ۋاقتى ئەمەس، چۈنكى بۇۋاقىت دەل قىشنىڭ ئاخىرى باھارنىڭ بېشى بولغاچقا، ھەرخىل تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنىڭ يامرايدىغان ۋاقتى. بۇلار ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىغا بولغان تەسىرى بىر قەدەر چوڭ، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ھامىلە تېخى شەكىللەنمىگەن، ئاسانلا سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىدە ئەزالىرىنىڭ يېتىلىشى توختاپ قېلىش ياكى خاتا يېتىلىش، ھەتتا غەيرى تۆرەلمە قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى