ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شېرىن ئاي ساياھىتىدىكى خەتەر

شېرىن ئاي ساياھىتىدىكى خەتەر

ۋاقتى: 2015-04-12 ئاۋاتلىقى: 634 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يېقىندىن بىرى شېرىن ئاي ئۆتكۈزۈش، يېڭى توي قىلغان ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، ھەمدە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى قوللانمىغانلىقتىن، ھامىلىدار بولۇش نىسبىتىمۇ كۈنسايىن ئاشماقتا. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشچە، 200جۈپ شېرىن ئاي ساياھىتى قىلغان ھەمدە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى قوللانمىغان يېڭى توي قىلغان ئەر-ئايالنىڭ ئىچىدە، %20 تىدە بويىدىن ئاجراپ كېتىش، %10 تىن كۆپرەكىدە كېيىن ھامىلىدار بولماسلىق، %8 تىدە باشقا كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەن. چۈنكى سەپەر جەريانىدا تۇرمۇش رېتىمىمۇ قالايمىقانلاشقانلىقتىن، تاماق ۋە ياتاق ياخشى بولمايدۇ، ئارام ئېلىشقا ۋە ئۇيقۇغا تەسىر يېتىدۇ، بەدەن ھېرىپ-چارچايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ساياھەتنىڭ تازىلىق شارائىتى ياخشى بولماسلىقى، يېڭى توي قىلغاندا جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ كۆپ بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر ئەمدىلا يېتىلگەن ھامىلىگە تەسىرى كۆپ بولۇپ، ئايالنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىش ۋە غەيرى تۇغۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. 


ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، شېرىن ئاي ساياھىتى جەريانىدا ئىككى تەرەپنىڭ كەيپىياتى ۋە روھى ھالىتى ياخشى بولۇپ، شېرىن ئاينىڭ گۈزەل مىنۇتلىرىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلانسىمۇ، بىراق زۆرۈر بولغاندا ساياھەتنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. قىزنىڭ سالامەت ۋە تويدىن كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ گۈزەل بولۇشى ئۈچۈن، ساياھەت جەريانىدا ئەڭ ياخشىسى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقى بايقالغان ھامان، ساياھەتنى توختىتىش ۋە ئۆيگە قايتىپ، ياخشى ئارام ئېلىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا بەزى زۆرۈر بولمىغان خەتەرلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ. 

تەھرىر تەۋسىيەسى:
جىنسىي يولغا مۇناسىۋەتلىك بىلمىسە بولمايدىغان 7 مەخپىيەتلىك(كومپيۇتېر زىيارەتچىسى، يان تېلېفون زىيارەتچىسى)

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى