توي كېچىسىنىڭ گۈزەل مىنۇتلىرى
ۋاقتى: 2016-06-19
ئاۋاتلىقى: 728 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
تويدىن بۇرۇن، ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ توي تەييارلىقى ئۈچۈن بىر قەدەر ھېرىپ چارچايدۇ، توي زىياپىتىدە يەنە ھاراق-تاماكىدىن ساقلىنالمايدۇ(بۇنداق ئەھۋال سەل كۆپىيىپ قالدى، لېكىن بۇنداق قىلىش بىزنىڭ ئەقىدىمىزگە قەتئىي ماس كەلمەيدۇ). توي كېچىسى ئىككى تەرەپنىڭ مېھرى چوڭقۇر بولۇپ، ئەگەر ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى قوللانمىغاندا، ھامىلىدار بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى كۆپ بولىدۇ.
بۇنداق ئەھۋالدا ھامىلىدار بولۇش ياخشى ئىش ئەمەس. چۈنكى ھەددىدىن زىيادە ھېرىپ-چارچاش ۋە ھاراق-تاماكا كۆپىيىش ھۈجەيرىسىنى زەخمىگە ئۇچراتقانلىقتىن، ئېغىر دەرىجىدە خروموسوملارنىڭ غەيرىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئادەتتە، ئەرنىڭ ئىسپېرمىسى يېتىلىپ پىشقىچە 90كۈن ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ، ئايالنىڭ تۇخۇمدىنىدىكى ئىپتىدائىي تۇخۇم پۈۋەكچىسى يېتىلىپ پىشقىچە تەخمىنەن 15 كۈن ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ، شۇڭا ئەر-ئايال كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ھامىلىدار بولماقچى بولسا، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاز دېگەندە ئۈچ ئاي ۋە ئىككى-ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن ئاندىن ھامىلىدار بولۇش كېرەك.
ئادەتتە، توي قىلىپ بىر يىلدىن كېيىن، ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ ئۆزئارا چۈشىنىدۇ ۋە ماسلىشىدۇ، ھامىلىدار بولۇش ئۈچۈن بەزى ماتېرىياللارنى كۆرىدۇ ھەمدە ئىقتىسادى جەھەتتىنمۇ مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ھامىلىدار بولغاندا كەلگۈسى ئەۋلادنىڭ سۈپىتىمۇ بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ.