يانفوندا كۆرۈش
كۈن بويى تاماق يېگۈسى كەلمەسلىك، تىت-تىت بولۇش، بەدەن كۈچى ناچار بولۇش قاتارلىقلار ئەجىبا ئورنىدىن تۇرماسلىقنىڭ باھانىسىمۇ؟ ياق، كۆڭلى ئېلىشىپ، قۇسقانلىقى ئۈچۈن كارىۋاتتا يېتىشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق بولغاندا ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى سېزىك ئىنكاسى تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ، خالاس. ئەگەر ھەرىكەت بەك ئاز بولسا، كۆڭلى ئېلىشىش، ئشتىھاسى ناچار بولۇش، چارچاش قاتارلىقلارنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋېتىدۇ، دائىم ئاسانلا يامان خاراكتېرلىق ئايلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردا يېنىك ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىش، مەسىلەن: سىرتلاردا ھامىلىدار ئاياللار ساغلاملىق گىمناستىكىسى ئويناش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كەيپىياتنى ياخشىلاپ، بەدەننى ساغلام قىلىپ، ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى سېزىكلىك ئىنكاسىنى يېنىكلىتىدۇ.
Tags: