ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن كەم بولسا بولمايدىغان ئېلېمېنتلار (2)

ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن كەم بولسا بولمايدىغان ئېلېمېنتلار (2)

ۋاقتى: 2016-07-18 ئاۋاتلىقى: 619 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تۆمۈر
بەدەندە تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشى كەمچىل بولسا، قاننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ئازىيىپ، ئاسانلا ھارغىنلىق كېلىپ چىقىدۇ. ھامىلىدار ئاياللاردا ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن كېيىن ئاسانلا قان كەملىك كېلىپ چىقىدۇ، چۈنكى ھامىلە تېز سۈرئەتتە يېتىلىۋاتقان بولغاچقا، ھەركۈنى 5 مىللىگرام تۆمۈر سۈمۈرۈشكە ئېھتىياجلىق، شۇ سەۋەبتىن ئانىنىڭ قان تەركىبىدىكى تۆمۈرنىڭ مىقدارى ئازىيىدۇ. ھامىلىدارلاردىكى قان ئازلىق ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىسىز بولۇپلا قالماي، يەنە تۇغقان ۋاقىتتىمۇ قىزىيدىغان ياكى قان چىقىش كېچىكىپ كېتىش قاتارلىق بىرلەشمە ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، قان چىقىشمۇ كۆپيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئانا تېنىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاستىراق بولىدۇ، ھەتتا ھاياتىنى خەۋپكە ئۇچرىتىدىغان خەتەرلىك ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ. ھامىلىدارلارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە قان كەملىككە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھامىلىدار ۋاقتىدا تۆمۈر تولۇقلاشتىن سىرت يەنە، ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن تۆمۈر تولۇقلاشنى باشلاش كېرەك. تۆمۈر بەدەندە تۆت ئاي ساقلىنىدۇ، شۇڭا ئۈچ ئاي بۇرۇن تۆمۈر تولۇقلاشنى باشلىسا بىر قەدەر مۇۋاپىق. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا تۆمۈر كۆپ بولغان يېمەكلىكلەردىن كالا گۆشى، تۇخۇم، پۇرچاق، دېڭىز يۈسۈنلىرى ۋە يېشىل كۆكتاتلار ۋە چىلان قاتارلىقلار بار.


ۋېتامىن
ۋېتامىن ئادەم بەدىنى ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ ئەڭ ئاساسى ماددىسى. بەدىنىدە ۋېتامىن كەم بولغان ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولۇش نىسبىتى نورمال ئاياللارغا قارىغاندا تۆۋەن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ۋېتامىن كەمچىل بولغاندا باشقا ئېلېمېنتلارنىڭ سۈمۈرۈلىشىمۇ توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، مەسىلەن كالىتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشى ۋېتامىن D دىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا ئاياللار ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن ۋېتامىنىڭ ھەرخىل تۈرلىرىنى تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ھامىلىدارلىقتىن 3-2 ئاي بۇرۇن تولۇقلىسا بىر قەدەر مۇۋاپىق. ۋېتامىننىڭ تۈرلىرى ۋە ئىشلىتىلىشىنى چۈشەنگەندە، توغرا بولغان ئۇسۇل بىلەن ۋېتامىن تولۇقلاشقا پايدىلىق.



ۋېتامىن A: تېرە ۋە شىللىق پەردىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ، باكتېرىيەگە بولغان قارشىلىق كۈچنى ئاشۇرىدۇ. ئەگەر ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن بۇ خىل ۋېتامىن كەم بولسا، ھامىلىدار بولۇش تەسكە چۈشىدۇ، ھامىلىدار بولغان تەقدىردىمۇ ئاسان بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ ياكى ھامىلىنىڭ سۆڭىكىنىڭ يېتىلىشى نورمال بولماسلىق، قارشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، بولۇپمۇ ھامىلىنىڭ پۇتىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىسىز.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا بېلىق مېيى، قايماق، سېرىق ماي، سۈت ۋە جىگەر قاتارلىقلاردىن ۋېتامىن Aغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. تەركىبىدە كاروتىن بار يېشىل كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، كاروتىن ئادەم بەدىنىدە ۋېتامىن Aغا ئايلىنىدۇ.
ۋېتامىن B1: ھامىلىدار ئاياللاردا بۇخىل ۋېتامىن كەمچىل بولسا پۇتى ئىششىش، قەۋزىيەت، ئىشتىھاسى تۆۋەنلەش، يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ چوڭىيىشى، نېرۋا ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ، ھەمدە بالدۇر تۇغۇش ياكى بويىدىن ئاجراش ۋە ئۆلۈك تۇغۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئۇنىڭدىن باشقا تۇغما خاراكتېرلىك بەدەن ساپاسى ئاجىز بوۋاق بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن؛ يەنە تۇغۇتىنىڭ قىيىن بولۇشى، بالىياتقۇنىڭ قىسقىراش كۈچىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى قاتارلىقلار ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھايۋانلارنىڭ جىگىرى، پۇرچاق ئائىلىسىدىكىلەر، گۆش، سۈت ۋە يېشىل كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە بۇخىل ۋېتامىن مول بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى