ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن كەم بولسا بولمايدىغان ئېلېمېنتلار (3)

ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن كەم بولسا بولمايدىغان ئېلېمېنتلار (3)

ۋاقتى: 2016-06-11 ئاۋاتلىقى: 565 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ۋېتامىن B2 : بۇ خىل ۋېتامىن كەمچىل بولغاندا دائىم ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى، مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى ۋە تېرە كېسەللىكلىرى شۇنداقلا ھامىلىنىڭ يېتىلىشى تولۇق بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. تەركىبىدە ۋېتامىن B2 مول بولغان يېمەكلىكلەردىن دانلىق زىرائەت، ھايۋاناتلارنىڭ جىگىرى، فېرمېنت (ئېچىتقۇ)، تۇخۇم، گۆش، سۈت ۋە يېشىل كۆكتات قاتارلىقلار بار.
ۋېتامىن C: بۇ خىل ۋېتامىننىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيىسى ئىچكى ئاجىرالمىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، قاننىڭ قېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە باكتېرىيىگە بولغان قارشىلىقىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. ھامىلىدار ئاياللاردا بۇخىل ۋېتامىن كەمچىل بولغاندا، بويىدىن ئاجراپ كېتىش، بالدۇر تۇغۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللار، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، قان كەملىك، تۇغۇتتا كۆپ قان چىقىپ كېتىش، ھامىلىنىڭ يېتىلىشى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ. كۆپ ساندىكى مېۋە ۋە كۆكتاتلاردا بۇخىل ۋېتامىن بار، ئاپېلىسىن، بۆلجۈرگەن، مايمۇن شاپتۇلى قاتارلىق مېۋە-چېۋىلەردە ۋە كۆكتاتلاردا بۇ خىل ۋېتامىن تېخىمۇ مول.


ۋېتامىن D: بۇ خىل ۋېتامىن كەمچىل بولغاندا، ھامىلىدار ئاياللاردا سۆڭەكنىڭ يۇمىشىشىپ كېتىشى ۋە داس سۆڭىكىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلە تۇغما خاراكتېرلىك راخت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن. كۆپرەك كۈن نۇرىغا قاقلانغاندا بۇخىل ۋېتامىننىڭ كەمچىللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بېلىق، قۇش، ھايۋانلارنىڭ جىگىرى، تۇخۇم ۋە سۈت تۈرىدىكىلەر بۇخىل ۋېتامىن بىر قەدەر مول يىمەكلىكلەردۇر.
ۋېتامىن E: بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقتا بۇ خىل ۋېتامىن كەمچىل بولىدۇ، تۇغۇلغاندىن كېيىنمۇ ئۈچەينىڭ سۈمۈرۈشىمۇ ياخشى بولمىغانلىقتىن، ئاسانلا بۇ خىل ۋېتامىننىڭ كەمچىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان كەملىك، سۇلۇق ئىششىق، تېرە قىزىل يەلتاشمىسى ۋە تېرە تاشلاش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا گېمولىتىك قان ئازلىق كېلىپ چىقىدۇ.
مەيلى ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن بولسۇن ياكى كېيىن بولسۇن، چاكا مۇخ (ئوسۇڭ )، كاللاكبەسەي ۋە چېچەكسەي قاتارلىق تەركىبىدە ۋېتامىن E مول بولغان كۆكتاتلارنى يەپ بەرسە بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى