ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەر-ئاياللار بەختلىك ياشىشىنىڭ ئاساسى شەرتلىرى

ئەر-ئاياللار بەختلىك ياشىشىنىڭ ئاساسى شەرتلىرى

ۋاقتى: 2016-06-28 ئاۋاتلىقى: 859 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەدىنۇر ئەخمەت تەرجىمىسى


مۇھەببەت دۇنياسىدا بەزى كىشىلەر بىلەن پەقەت مۇھەببەتلىشىشكىلا بولىدۇ توي قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئەر-ئايال بولۇش ئۈچۈن بەزى ئاساسىي شارائىتلارنى ھازىرلىشىشى كېرەك، بولمىسا زورلاپ توي قىلغان تەقدىردىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى ناتايىن. تۆۋەندىكى بىر نەچچە تۈردىن قايسى خىل كىشىلەرنىڭ بەختلىك بولالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
1. ئۆز-ئارا مۇڭدىشالايدىغان دوستلاردىن بولۇش
ئەر-ئاياللار ئەڭ مۇھىمى يېقىن دوستلاردىن بولالىشى كېرەك، سىلەرنىڭ تۇرمۇش قۇرۇشۇڭلار پەقەت ئەۋلاد قالدۇرۇش ۋە ياكى ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇشنى مەقسەد قىلغان ئەمەس، ئۇنداقتا سىلەر دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىمۇ ئورنىتالمىساڭلار قانداقمۇ ئەر-ئاياللاردىن بولالايسىلەر، بۇنداق ئەر-ئاياللىقنى زورلىغان تەقدىردىمۇ ئۇزۇنغا بېرىشى ناتايىن.


2. ئوخشاش بولغان كىشلىك تۇرمۇش قارىشى بولۇش
مال تۈرى بىلەن ئادەم خىلى بىلەن دېگەندەك، دوستلار ئارىسىدا كىشلىك تۇرمۇشتىكى ئوخشاش بولغان دۇنيا ۋە قىممەت قارىشىنىڭ بولۇشى مۇقەررەر. ھېچ بولمىغاندا قارشى تەرەپنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى قىممەت قارىشىنى بولسىمۇ تۇنۇپ يېتەلىشىمىز كېرەك، بۇنداق بولمىغاندا قانداقمۇ دوست بولغىلى بولىدۇ؟ ئەر-ئاياللار ئۇزۇن مەزگىل بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، بۇ جەرياندا ئوخشاش بولغان قىممەت قارىشى بولۇش تولىمۇ مۇھىم ئەلۋەتتە. ئەر-ئاياللار ئىنتىلگەن ھايات ۋە تۇرمۇش نىشانلىرى ئوخشاش بولمىغاندا شەيئىلەرگە نىسبەتەن ئىختىلاپ كۆرۈلىدۇ، بۇنداق بولغاندا بۇ نىكاھنى قانداقمۇ داۋاملاشتۇرغىلى بولسۇن؟



3. ئۆز-ئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىش
قارشى تەرەپنى چۈشىنىش كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئەڭ ئەقەللىي ساۋات، ئەر-ئاياللار تۇرمۇش قۇرۇش ئۈچۈن بىر-بىرىنى چۈشىنىش كەم بولسا بولمايدۇ. قارشى تەرەپنى، ئۇنىڭ ئائىلە ئارقا كۆرۈنىشى، تەربىيە ئېلىش ئەھۋالى، مىجەز-خاراكتېرى، تۇرمۇش ئادەتلىرى قاتارلىقلارنى ئىگەللەش ھېچ بولمىغاندا ئاساسىي ئەھۋاللىرىنى بولسىمۇ چۈشىنىش كېرەك. ئەلۋەتتە پەقەت چۈشىنىش ھاسىل قىلغان بىلەنلا بولمايدۇ، ئەگەر سىز قارشى تەرەپنى چۈشىنىپ، ئۇنى قوبۇل قىلالىغىنىڭىزدا چوقۇم قارشى تەرەپكە ئىشىنىشىڭىز كېرەك، ئىشەنچ بولمىسا مۇھەببەت بولمايدۇ، نىكاھنىڭ بولۇشى تېخىمۇ مۈشكۈل.
4. ئىشلارغا يولۇققاندا بىرلىككە كېلىش
كىشلەر ئارىسىدا بىر قىسىم مەسىلە ۋە زىددىيەتلەردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ شۇنداق، ھەتتا كۈندە بىرگە تۇرمۇش كەچۈرگەندە سۈركۈلۈش ۋە توقۇنۇشلارنىڭ سادىر بولۇش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى. زىددىيەتلەرنىڭ بولۇشى قورقۇنچلۇق ئەمەس ھەممىدىن بەك قورقۇچلۇق بولغىنى بىردەكلىككە كېلەلمەي زىدىيەتنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ يۇغۇشتۇرغىلى بولمايدىغان ھالەتكە ئېلىپ كېلىش، شۇڭلاشقا ئەر-ئاياللار ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم شارائىت بىرەر ئىشلارغا يولۇققاندا تېزلا بىرلىككە كېلەلىشىدۇر.
5. ئۆز-ئارا تەقدىم قىلىش، قۇربان بېرىش روھى بولۇش
ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدا بىر خىل تىپىك ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت بىرلەشكەن ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، بىراق سىز ئېرىشكەن نەرسە بىلەن بەدەل تۆلىگەن نەرسىنىڭ تاناسىپ بولۇشى ۋە ياكى تامامەن ئوخشاش بولۇشى ناتايىن. ئەر-ئاياللار ئارا بىر تەرەپنىڭ تۆلىگەن بەدىلى يەنە بىر تەرەپتىن كۆپرەك بولۇشى مۇمكىن، ئۆز-ئارا دائىم كىچىكىنە ئىشلاردىمۇ زىغىرلاپ يۈرۈشكە بولمايدۇ ئەلۋەتتە، شۇڭلاشقا چوقۇم ئۆز-ئارا تەقدىم قىلىدىغان ۋە قۇربان بېرەلەيدىغان روھنى يېتىلدۈرۈش لازىم. نىكاھتا ھېچكىم ھېچكىمگە قەرز ئەمەس، يەنە يۇقىرى تۆۋەنلىك پەرقىمۇ مەۋجۇت ئەمەس، ئۆز-ئارا قۇربان بېرىش، بەدەل تۆلەشمۇ بەختلىك تۇرمۇش قۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرىدۇر.



6. ئۆز-ئارا كەڭ قورساق بولۇش
ھەر قانداق ئادەم سەۋەنلىك ئۆتكۈزىدۇ، ھەر قانداق ئادەم ھەرخىل كەمچىلىكلەردىنمۇ خالى ئەمەس، ئەر-ئاياللار دائىم ئۇچرىشىپ تۇرغاچقا خاتالىق ۋە كەمچىلىكلەرنىڭ يۈز بېرىشى تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا ئەر-ئاياللار ئۆز-ئارا كەڭ قورساق بولۇشى، توغرا پىسخىك ھالەت بىلەن قارشى تەرەپنىڭ كەمچىلىكلىرى ۋە خاتالىقلىرىغا توغرا مۇئامىلە قىلىشى، ئادەتتىكى ئىشلارغا ئېسىلىۋالماسلىقى، ئۆز-ئارا خاتالىق، كەمچىلىكلەرنى تۈزىتىشكە ياردەم بېرىشى تولىمۇ مۇھىم.
7. ئوخشاش قىزىقىش شەكىللەندۈرۈش
ئادەمنىڭ ھەرخىل قىزىقىشلىرى بولىدۇ، بىراق ئەر-ئاياللار ئوخشاش تۈردىكى قىزىقىشلىرىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك، ئوخشاش بولغان تۇرمۇش، مۇھەببەت قىزىقىشلىرىنى يېتىلدۈرگەندە ئاندىن بىردەكلىكنى يېتىلدۈرۈپ، ئارىدىكى يىراقلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، ئوخشاش بولغان قىزىقىش بولغاندا ئاندىن ئۇزۇن مەزگىل بىللە تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولىدۇ، قىزىقىش جەھەتتىنمۇ بىرلىككە كېلەلمەيدىغان ئەر-ئاياللارنىڭ بەختلىك تۇرمۇش قۇرۇشى ناتايىن.
8. ئۆز-ئارا قوللاش
نىكاھنىڭ مۇھەببەتلىشىشكە ئوخشىمايدىغان تەرىپى بولسا، نىكاھتا ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى بېسىم ۋە مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا دۇچار بولىدۇ، شۇڭلاشقا تۇرمۇشتا يولۇقىدىغان قىيىنچىلىقمۇ بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ. مەيلى ئايالى بولسۇن ياكى ئېرى بولسۇن، مەيلى تۇرمۇش ياكى خىزمەتتە بولسۇن پەرەز قىلغۇسىز بىر قىسىم مەسىلىلەرگە يولۇقۇپ تۇرىمىز، بۇ ۋاقىتتا يەنىلا بىر-بىرىنى قوللاش تولىمۇ مۇھىم. ئەگەر بىرەر ئىشقا يولۇققاندا بېكىنمىچىلىك قىلغىنىمىزدا كېيىنكى نىكاھنىڭ داۋاملىشىشى قىيىنغا چۈشىدۇ.
9. قارشى تەرەپنىڭ ئائىلىسىنى قوبۇل قىلىش
نۇرغۇنلىغان مۇھەببەتلىشىۋاتقان ياشلار بۇنىڭغا سەل قارايدۇ، نىكاھنى ئىككى ئادەمنىڭ شەخسىي ئىشى، ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلارنى ئويلىشىش بەك ئارتۇقچە دەپ قارايدۇ، بۇ ئېنىقلا بىر خىل رومانتىكىلىق بولۇپ، مۇھەببەت ئىككى تەرەپنىڭلا ئىشى بولماستىن يەنە ئىككى تەرەپتىكى چوڭلارنىڭمۇ ئىشى ھېسابلىنىدۇ. ئەر-ئاياللار ئۆز-ئارا ياخشى كۆرۈشتىن باشقا يەنە چوقۇم قارشى تەرەپنىڭ ئائىلىسىنى قوبۇل قىلالىشى كېرەك. ئەگەر سىز قارشى تەرەپ ئائىلىسىنىڭ كىچىكىنە بىرەر قىلمىشلىرىنى قوبۇل قىلالمىسىڭىز ئۇنداقتا سىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى نىكاھ تۇرمۇشىڭلار قانداق بولماقچى؟



10. ئاساسلىق ماددىي كىرىم ئاساسىي بولۇش
مۇھەببەتلىشىشكە ماس كېلىش تۇرمۇش قۇرۇشقا ماس كېلىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ، مۇقەررەر ماددىي كىرىم ئاساسىي بولمىغاندا، نىكاھ تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرغىلىمۇ بولمايدۇ. شۇڭلاشقا زىيادە سەنئەتكارلىق تۈسىنى ئالغانلار ئەر-ئايال بولۇشقا ماس كەلمەيدۇ ، چۈنكى ئۇلار زىيادە رومانتىكلىشىپ كەتكەچكە تۇرمۇشنىڭ تىجەشچانلىق بىلەن ئائىلە قۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئەسلا بىلمەيدۇ.
خاتىمە: مۇھەببەتلىشىدىغان كىشىلەر بەكلا كۆپ، بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاخىرىغىچە قول تۇتۇشۇپ ماڭالىشى ناتايىن. شۇڭلاشقا سىلەر ھەر قايسى جەھەتتە بىر-بىرىڭلارنى تولۇقلاپ كېتەلىسەڭلار ئۇنداقتا بۇ مۇھەببەتنى قەدىرلەڭلار، چۈنكى ئاخىرىغىچە قول تۇتۇشۇپ ماڭماق ھەقىقەتەن مۈشكۈل.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى