ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

توي قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى

توي قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى

ۋاقتى: 2013-11-19 ئاۋاتلىقى: 875 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش



مەلۇمكى، مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆيلىنىشتىن بولغان مەقسىتى ئۆزىنىڭ جىنسي ھەۋىسىنى ھالالدىن قاندۇرۇش ئارقىلىق ھارام ـ زىنا ئىشلاردىن ساقلىنىشتىن ئىبارەتتۇر. جىنسىي ھەۋەسنى ئۆزىنىڭ ھالال ئايالى ئارقىلىق ئادا قىلىش كىشىنىڭ ئىپپەتلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ، لېكىن بۇنداق ئىپپەتنى ھاسىل قىلىش ئاۋۋال نىيەت بىلەن بولىدۇ، ئەگەر كىشى پۈتۈن ھىممىتىنى ۋە نىيىتىنى ئۆزىنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇشقىلا بېغىشلىغان ھالدا ئۆيلىنىدىكەن، ئۇ باشقا مەخلۇقاتلاردىن قىلچە پەرقلەنمىگەن بولىدۇ. شۇڭا ئۆيلىنىشتىن مەقسەت ئالدى بىلەن ئۆزىنى ھارامدىن ساقلاش ئارقىلىق ئىپپەتلىك بولۇشنى غايە قىلىش ۋە جىنسىي ھەۋىسىنى ھالالدىن قاندۇرۇشنى نىيەت قىلىشتىن ئىبارەت بولۇشى لازىم.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ”ئى قۇرەيش جامائەسى! ئۆيلىنىشكە قادىر بولالىغىنىڭلار ئۆيلىنىڭلار! ئۆيلىنىش كۆزنى نامەھرەمدىن (يەنى ئۆزىنىڭ ئايالى بولمىغان بىرسىگە ھەۋەس بىلەن تىكىلىپ قاراپ گۇناھكار بولۇشتىن) ساقلايدۇ. ئۆيلىنىشكە قادىر بولالمىغان كىشى روزا تۇتسۇن، چۈنكى روزا تۇتۇش ئۇنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى پەسەيتىدۇ.“ (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى)دېمەك: ھارامدىن ساقلىنىپ ئىپپەتلىك بولۇش نىيىتىدە ئۆيلەنگەن كىشى، ئۆيلىنىشى ئارقىلىق چوقۇم ئىپپەتلىك بولالايدۇ. ئەمما، پەقەت ئۆزىنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇش نىيىتى بىلەنلا ئۆيلەنگەن كىشى، ئۆيلىنىش ئارقىلىقمۇ ئۆزىنىڭ ھەۋىسىنى قاندۇرالمايدۇ. نەتىجىدە، ھارام ئىشلاردىنمۇ خالىي يۇلالمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا ھارامدىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت بولغان ياخشى نىيەت بولمىغاچقا، ئۇنىڭدا قانائەتمۇ بولمايدۇ. ئىنساننىڭ نەپسى تويسىمۇ كۆزى تويمايدۇ. ئۇنى پەقەت قانائەتلا تويغۇزالايدۇ.

مەنبە: "ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى" ناملىق ئەپتىن ئېلىندى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى