ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن چوقۇم تولۇقلاش كېرەك بولغان ئېلېمېنتلار(4)

ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن چوقۇم تولۇقلاش كېرەك بولغان ئېلېمېنتلار(4)

ۋاقتى: 2016-05-29 ئاۋاتلىقى: 793 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يود
تۇغۇت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن يود تولۇقلىغاننىڭ كېيىنكى ئەۋلادنىڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تولۇقلىغاندا قارىغاندا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. ئۇنداقتا بۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟ 
يود يەنە ئەقلىي-ئىقتىدار ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتتى بولۇپ، ئادەم تېنىنىڭ قالقانسىمان بەر ھورمونى ئاجرىتىپ چىقىرىشىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ماتېرىيالى. قالقانسىمان بەز ھورمونى مېڭىنىڭ يېتىلىش دەۋرىدىكى مېڭە ھۈجەيرىسىنىڭ كۆپىيىشى ۋە بۆلۈنۈشىگە قاتنىشىدۇ، يەنى كەم بولسا بولمايدىغان ھەل قىلغۇچ ئوزۇقلۇق تەركىبىدۇر.
مېڭە تەتقىقاتىنىڭ قارىشىچە، ئادەمنىڭ ئەقلىي ھەرىكىتى ۋە پسىخىكا ھەرىكەت ئىقتىدارى بىلەن نېرۋا ھۈجەيرىسىنىڭ شاخسىمان ئۆسۈكچە، شاخسىمان ئۆسۈكچە شېخى ۋە سىناپىسنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. يود تولۇقلانغان ئەھۋال ئاستىدا تۇغۇلغان بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى، ئېگىزلىكى ۋە ئەقلىي-ئىقتىدارى يود تولۇقلىمىغان ئەھۋال ئاستىدا تۇغۇلغان بالىغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ. 


بالىلىق بولماقچى بولغان ئاياللار ئەڭ ياخشىسى ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن سۈيدۈكتىكى يودنىڭ مىقدارىنى تەكشۈرۈتكىنى ياخشى، بۇنداق بولغاندا يودنىڭ كەم ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. يود كەملەر دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تەركىبىدە KI (كالىيلىق يود) بولغان دورىلارنى ئىستېمال قىلىشى كېرەك، يودلۇق تۇز ئىشىلتىش ۋە تەركىبىدە يود بار يېمەكلىكلەرنى يەپ بېرىش كېرەك، مەسىلەن قىزىل دېڭىز يۈسۈنى، لامىنارىيە، چېچەك ئوتياش، دېڭىز ئادەمگىياھى، ئۇسترىتسا، پاقىلار(پاقىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى)، زۈلۈك، قۇرۇق سەدەپ ۋە قالپاقلىق مېدۇزا قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق بەدەننىڭ يودقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىمۇ نورمال بولىدۇ، ئەقلىي-ئىقتىدارى ۋە بەدەن ساپاسى جەھەتتە ئۆلچەمگە يېتەلەيدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى