ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن چوقۇم تولۇقلاش كېرەك بولغان ئېلېمېنتلار(5)

ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن چوقۇم تولۇقلاش كېرەك بولغان ئېلېمېنتلار(5)

ۋاقتى: 2016-03-08 ئاۋاتلىقى: 572 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

سىنىك
سىنىكنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان فىزىيولوگىيەلىك رولى ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى بىر قىسىم بىيو خىمىيىلىك رېئاكسىيىلەر ئۈچۈن زۆرۈر بولغان كۆپ خىل ئېنزىملارنىڭ تەركىبى قىسمى بولۇپ، ئادەمنىڭ مېتابولىزمى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدۇ. سىنىك كەم بولسا تەم سەزگۈسى ۋە ئىشتىھاسى تۆۋەنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوزۇقلۇق ماددىنىڭ سۈمۈرۈلۈشى تەسىرگە ئۇچراپ، ئۆسۈپ-يېتىلىشكە تەسىر قىلىدۇ. 


يېقىنقى يىللاردىكى بايقاشلارغا ئاساسلانغاندا، سىنىك يەنە ھىپوفىزنىڭ جىنسىي بەز خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورموننى ئاجرىشىشىغا تەسىر قىلىپ، جىنسىي بەزنىڭ نورمال يېتىلىشى ۋە فۇنكىسىيىسىنى ساقلاش رولىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا سىنىك كەمچىل بولغاندا ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئاستىلىتىپ، ئادەمنى پاكار قىلىپ قويۇپلا قالماي، يەنە ئاياللارنىڭ سۈت بېزىنىڭ يېتىلمەسلىكى، ھەيز كەلمەسلىك، ئەرلەرنىڭ ئىسپېرما سۇيۇقلۇقىدىكى ئىسپېرمىنىڭ سانىنىڭ ئازلاپ كېتىشى، ھەتتا ئىسپېرما يوقلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا سىنىكنىڭ كەمچىل بولۇشىمۇ ئەرلەرنىڭ كۆپىيەلمەسلىك ۋە ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولالماسلىقىنىڭ مۇھىم سەۋەبىنىڭ بىرى. 
ئاياللار يېتەرلىك سىنىك سۈمۈرگەندە، جىنسىي ھورموننىڭ ئاجرىلىشى كۆپىيىپ، ئىككىلەمچى جىنسىي ئالامەتلەرنىڭ يېتىلىشى، تۇخۇم ئاجرىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھامىلىدار بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. 
ئۆسۈملۈك تىپىدىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ ئىچىدە، سىنىك مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولغانلىرىدىن پۇرچاق ئائىلىسىدىكىلەر، گۈرۈچ، تۇرۇپ، يېسىۋىلەك قاتارلىقلار، ھايۋانات تۈرىدىكىلەردىن ئۇستىرتسانىڭ تەركىبىدە سىنىكنىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ، ئۇنىڭدىن باشقا قوي گۆشى ۋە چۈجە قاتارلىقلار بار.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى