ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ساغلام بوۋاققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەرلەر قىلىدىغان سەۋەبلەر(1)

ساغلام بوۋاققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەرلەر قىلىدىغان سەۋەبلەر(1)

ۋاقتى: 2016-07-11 ئاۋاتلىقى: 836 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دادا بولغۇچىلار بالىلىق بولۇشتىن بۇرۇن سىنىك ۋە ۋېتامىنE تولۇقلىغاندىن سىرت، يەنە تۆۋەندىكى ئېلېمېنتلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا دىققەت قىلىش كېرەك:
دېڭىز مەھسۇلاتلىرى
ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تاماكا چېكىش ئادىتى بار، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەركىبىدە تويۇنمىغان كىسلاتا بار بولۇپ، ئادەمنىڭ تاماكىغا بولغان ئىنكاسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، بەدەننىڭ ئىممونىتېت كۈچىنى كۈچەيتىدۇ. دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەركىبىدە يەنە مول بولغان مىنېرال ماددىلار ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار بار، بولۇپمۇ سىنىك ۋە سېلېننىڭ ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسىغا قوغداش رولى بار. 


دېڭىز ئادەمگىياھى، سىياھبېلىق ۋە سەككىز ئاياغ قاتارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەركىبىدە ئارگىنىن بار، ئۇ ئىسپېرما شەكىللىنىشنىڭ زۆرۈر تەركىبى بولۇپ، ئادەم بەدىنى ئۆزى ئىشلەپچىقىرالمايدۇ، چوقۇم سىرتقى يېمەكلىكلەردىن قوبۇل قىلىنىشى كېرەك، شۇڭا ئەرلەر تەركىبىدە ئارگىنىن بار يېمەكلىكلەرنى دائىم يېگەندە، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، مەنىينى كۈچەيتىدۇ. 
دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل ئىسپېرما شەكىللىنىشنىڭ مۇھىم ماتېرىيالى. دېڭىز ئاستىدىكى بېلىق ۋە راكلارنىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، ئەرلەرنىڭ ئىچكى ئاجرالما فۇنكىسىيىسىنى تەڭشەشكە پايدىلىق بولۇپ، ئىسپېرمىنىڭ سانى ۋە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسىم دېڭىز يۈسۈنلىرىنىڭ ھەممىسى ياخشى بولغان ئىشقارلىق يېمەكلىكلەر بولۇپ، يود، تۆمۈر ۋە كالىتسىي قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار مول بولۇپ، دائىم يەپ بەرگەندە بەدەندىكى كىسلاتانىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىپ، ھامىلىدارلىققا پايدىسىز ئامىللارنى ئازايتىدۇ. 
كۈدە
كۈدە تەركىبىدە پارلىنىشچان ماي، سولفىدلار، ئاقسىل ۋە ۋېتامىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار بار بولۇپ، تالنى كۈچەيتىپ، باھنى قۇۋۋەتلەپ، ئىسپېرمىنى ياخشىلايدۇ. كۈدىنىڭ تەركىبىدە مول تالا بولغانلىقتىن، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇ تاماكا چەككۈچىلەر ۋە ھاراق ئىچكۈچىلەرنىڭ تېنىدىكى زەھەرلىك ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاشقا ۋە باھنى قۇۋۋەتلەشكە پايدىلىق تەسىرى بار.

داۋامى بار....

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى