ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن ئىستېمال قىلىشتا دىققەت قىلىدىغان يېمەكلىكلەر(1)

ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن ئىستېمال قىلىشتا دىققەت قىلىدىغان يېمەكلىكلەر(1)

ۋاقتى: 2016-01-25 ئاۋاتلىقى: 650 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن، نۇرغۇن ئاياللار بەدىنىگە يېتەرلىك ئوزۇقلۇق توپلاش ئۈچۈن، كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە  كۆپ يەيدۇ. يېمەك-ئىچمەكنىڭ كۆپ خىللىقى كەلگۈسى ئانىلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق، بىراق بىر قىسىم ھامىلىدارلىققا پايدىسىز يېمەكلىكلەرگە سەل قارىماسلىق كېرەك.



كېۋەز يېغى
بىر قىسىم پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلاردا كېۋەز يېغى ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن، بىراق بۇ ھامىلىدارلىققا پايدىسىز. بەزى ئاياللار ئۇزۇن مەزگىل ھامىلىدار بولمايدۇ، سەۋەبى بەلكىم كېۋەز يېغى ئىشلەتكەنلىكتىن بولۇشى مۇمكىن. 
قارا كېۋەز يېغى بىر خىل يىرىك ئۇسۇلدا ياسالغان كېۋەز يېغى، تەركىبىدە كۆپ مىقداردا گوسسىپول بار بولۇپ، دۆلەت يول قويغان ئۆلچەمنىڭ 90-10 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ. ئاياللار ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن ئۇزۇن مەزگىل كېۋەز يېغى ئىشلەتكەندە، بالىياتقۇنىڭ ئىچكى پەردىسى ۋە ئىچكى پەردە بەزلىرى ئاستا-ئاستا يىگىلەپ، بالىياتقۇ كىچىكلەپ كېتىدۇ. بالىياتقۇ ئىچكى قان ئايلىنىشنىڭ تۆۋەنلىشى، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ مۇقىملىقىغا پايدىسىز بولۇپلا قالماي يەنە ھامىلىدار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇرۇقلانغان تۇخۇم مۇقىملانغان تەقدىردىمۇ، يەنە ئوزۇقلۇق كەمچىللىك سەۋەبىدىن ئاللىبۇرۇن بالىياتقۇغا كىرىپ بولغان ھامىلە تۆرەلمە ياكى ھامىلە ئۈزلۈكسىز يېتىشەلمەي، ئاخىرىدا ئۆلىدۇ، يەنى ئۆلۈك ھامىلە بولىدۇ. 
تېتىتقۇ
تېتىتقۇنىڭ تەركىبىدىكى فىتالات كىسلاتا كىسلائانگىدرىدى ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولۇش ئىقتىدارىغا تەسىر قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تېتىققۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولغان ناترىي گلۇتامات قاندىكى سىنىك بىلەن بىرلىشىۋېلىپ، سۈيدۈك بىلەن بىللە ھەيدەپ چىقىرىلىدۇ، شۇڭا تېتىتقۇنى كۆپ يېگەندە سىنىكنىڭ سەرپىياتىنى كۆپەيتىۋېتىپ، ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن قىلغان تەييارلىقنى يوققا چىقىرىدۇ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىگە كىرگەندە سىنىك كەملىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھامىلىنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر قىلىپ، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىگە ناچار تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى