ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تۇخۇم چىقىرىش دەۋرىدە بىرگە بولۇش ۋە ھامىلىدار بولۇش

تۇخۇم چىقىرىش دەۋرىدە بىرگە بولۇش ۋە ھامىلىدار بولۇش

ۋاقتى: 2016-07-08 ئاۋاتلىقى: 811 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

نۇرغۇن ئەر-ئاياللارنىڭ تۇخۇم چىقىرىش دەۋرىدە بىرگە بولسا ھامىلىدار بولۇپ قالامدۇ ؟ دەيدىغان گۇمانى بار. 
ئاياللارنىڭ  ھەر ئايدا تۇخۇم چىقىرىدىغان بىر نەچچە كۈنى بولىدۇ، بۇ ئاياللارنىڭ نورمال فىزىيولوگىيەلىك قانۇنىيىتى،  بەلكى تۇغۇشىدىكى ئاساسىي تەلەپ،  ئەگەر ئاياللار تۇخۇم چىقىرالمىسا،  تۇخۇم ئەرلەرنىڭ ئىسپېرمىسى بىلەن بىرىكمىسە،  نورمال ئۇرۇقلىنىش بولمايدۇ. 
نورمال ئەھۋال ئاستىدا،  تۇغۇش يېشىغا يەتكەن ئاياللار ھەر ئايدا پەقەت بىر تال يېتىلگەن تۇخۇم چىقىرىدۇ،  شۇڭا،  ئەگەر ئاياللار مۇشۇ ۋاقتىدا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلسا،  ھامىلىدار بولۇش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.  بىراق،  چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇرۇقلىنالىشى ناتايىن،  ئەگەر باشقا بىرەر ئامىللار نورمال ئۇرۇقلىنىشقا تەسىر كۆرسەتسە،  دەل ۋاقتىدا دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ داۋالىتىش كېرەك،  شۇنداق قىلغاندىلا تۇخۇم چىقىرىش دەۋرىنىڭ نورماللىقىنى ساقلاپ،  مۇۋەپپەقىيەتلىك ھامىلىدار بولغىلى بولىدۇ. 


ئىسپېرما قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن،  ئاياللارنىڭ جىنسىي يولىدىكى ھەر قايسى بۆلەكلىرىدىكى ياشاش ۋاقتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكىچە : جىنسىي يولىدا 0.5~2.5  سائەت،  بالىياتقۇ بوينىدا 48 سائەت،  بالىياتقۇدا 24 سائەت،  تۇخۇم يەتكۈزۈش نەيچىسىدە 48 سائەت،  بىر تۇخۇمنىڭ تۇخۇمداندىن ئاجرىلىپ چىقىپ تۇخۇم يەتكۈزۈش نەيچىسىدىكى ياشاش ۋاقتى تەخمىنەن 16~12 سائەتكىچە،  ئۇرۇقلىنىش تۇخۇم يەتكۈزۈش نەيچىسىنىڭ تۇخۇم دۆڭچىسىدە ياكى شۇنىڭ ئەتراپىدا بولىدۇ. 
گەرچە تۇخۇم ئاجرىلىپ چىقىرىلغاندىن كېيىن بىر قىسىم ماددىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ،  ئىسپېرمىنىڭ ھەرىكىتىنى تېزلەشتۈرسىمۇ،  تۇخۇم قويۇپ بېرىلىپ بولغاندىن كېيىن،  ئىسپېرما ھەر قانچە تېز ھەرىكەت قىلسىمۇ،  ئۇرۇقلىنىش پۇرسىتىنى قولدىن كەتكۈزۈۋېتىدۇ. 
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرىچە،  ئىسپېرما بالدۇر قويۇپ بېرىلىشى يەنى تۇخۇم چىقىرىش دەۋرىنىڭ ئالدىدىكى بىر ھەپتىدە ھەر ئىككى كۈندە بىر قېتىم بىللە بولسا، ئىسپىرمىنىڭ تۇخۇمدىن سەل بۇرۇن ياكى دەل ۋاقتىدا تۇخۇم يەتكۈزۈش نەيچىسىگە يېتىپ بېرىپ،  تۇخۇم بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك بىرىكىدۇ. 
تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە،  مۇشۇ خىل بىللە بولۇش ئۇسۇلى تۇخۇم چىقىرىش دەۋرىدىن كېيىن بىللە بولغانغا قارىغاندا ئۈنۈملۈك ھامىلىدار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن،  ئۇنىڭدىن سىرت،  نورمال بولغان پىسخىكىلىك ھالەتمۇ ھامىلىدار بولۇشقا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم،  كىلىنىكىلىق داۋالاشتا دائىم بىر قىسىم ئەر-ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى ناھايىتى نورمال بولسىمۇ،  ئۇزۇنغىچە ھامىلىدار بولالمىغانلىقىدەك ئەھۋاللار ئۇچراپ تۇرىدۇ.  
بۇلار ئارىسىدا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پىسخىكىسدا مەسىلە چىقىدۇ،  يەنى ئۇزۇن ۋاقىت جىددىيلىشىش (خىزمەت،  تۇرمۇش ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى) ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىغا ۋە ئىسپېرمىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ،  ھەم ئاياللارنىڭ تۇخۇم چىقىرىش ئىقتىدارى ۋە تۇخۇمنىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. 
ھەتتا بىرگە بولۇش ئالدىدا ياكى بىرگە بولغان چاغدىكى جىددىيلىشىشمۇ ئەرلەرنىڭ ئەرلىك ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ،  ئىسپېرمىنىڭ سۈپىتىگە ياكى ئاياللارنىڭ تۇخۇم چىقىرىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.  بۇ ئېنىقلا ھامىلىدار بولۇش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ.  شۇڭا،  تۇخۇم چىقىرىش ئىقتىدارى ياكى تۇخۇم چىقىرىش قانۇنىيتىنى تەكشۈرگەندىن باشقا چاغدا  تۇخۇم چىقىرىش دەۋرىگە بەك ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىۋالماسلىق كېرەك،  ئادەتتىكى ھەيز ئارىلىق دەۋرىدىكى تۇخۇم قويۇپ بېرىش دەۋرىنى بىلسىلا كۇپايە،  تۇخۇم قويۇپ بېرىش دەۋرىگە  ھەددىدىن بەك كۆڭۈل بۆلۈشمۇ جىددىيچىلىكنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ،  ئەكسىچە،  ھامىلىدار بولۇش پۇرسىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. 

ئەسكەرتىش: ئەگەر ۋاقتىنچە بالىلىق بولۇشنى خالىمىغان ئەھۋالدا يەنىلا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللانغىنى ياخشى!

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى