ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن ئىستېمال قىلىشتا دىققەت قىلىدىغان يېمەكلىكلەر(2)

ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن ئىستېمال قىلىشتا دىققەت قىلىدىغان يېمەكلىكلەر(2)

ۋاقتى: 2016-06-26 ئاۋاتلىقى: 696 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ياڭيۇ
ياڭيۇ نۇرغۇن ئاياللار ياخشى كۆرىدىغان كۆكتات، بىراق ياڭيۇنىڭ تەركىبىدە ئىتئۈزۈمى ئىشقارى ۋە (卡茄碱) بار بولۇپ، ئۇلار (类固醇糖甙生物碱) غا تەۋە، ھامىلىدار ئايالنىڭ تېنىدە يىغىلىپ قالسا، غەيرىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كەلتۈرۈپ چىقىرىشلارغا ئاساسلانغاندا، مەلۇم دەرىجىدە ئېرسىيەت مايىللىقى ۋە ياڭيۇ ئالكالوئىد ئىشقارىغا نىسبەتەن سەزگۈر ئاياللار، پەقەت 40گرام ياڭيۇ يېسىلا ھامىلىنىڭ غەيرىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنكەن، شۇڭا تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار ياڭيۇنى ئاز يېيىش كېرەك. 


ئاچچىق يېمەكلىكلەر
ئاچچىق-چۈچۈك يېمەكلىكلەر دائىم نورمال ئادەملەرنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ، مەسىلەن، ئاشقازاننىڭ بىئاراملىقى، ھەزىم قىلىشنىڭ ياخشى بولماسلىقى، قەۋزىيەت، ھەتتا گېمورروي قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلە چوڭايغاندىن كېيىن، ئانا تېنىنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ۋە تەرەت قىلىشىغا تەسىر قىلىدۇ، ئەگەر ھامىلىدار ئايال داۋاملىق ئاچچىق-چۈچۈك يېيىشنى داۋاملاشتۇرىۋەرسە،`بىر تەرەپتىن ئايالنىڭ ھەزىم قىلىش ناچارلىق ۋە قەۋزىيەت قاتارلىق ئالامەتلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئانىنىڭ ھامىلىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ھەتتا تۇغۇتنى قېيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ. 
شۇڭا ھامىلىدارلىقتىن 6-3 ئاي بۇرۇن ئاچچىق-چۈچۈك يېيىش ئادىتىنى توختىتىش كېرەك. 
كوففېئىن
قەھۋە، كاكائو، چاي، شاكىلات ۋە كولا تىپىدىكى ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىدە كوففېئىن بار. ھامىلىدار بولماقچى بولغان ياكى ھامىلىدار ئاياللار كۆپ مىقداردا ئىچكەندىن كېيىن، كۆڭلى ئېلىشىدىغان، قۇسۇدىغان، باش ئاغرىيدىغان ۋە يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. كوففېئىن يەنە بالا ھەمرىيىدىن ئۆتۈپ، ھامىلە تېنىگە كىرىپ ھامىلىنى غىدىقلاپ، ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭە، يۈرەك ۋە جىگەر قاتارلىق ئەزالىرىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر قىلىدۇ، ھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن يېنىك تۇغۇلىدۇ. شۇڭا ھامىلىدار بولماقچى بولغان ۋە ھامىلىدار ئاياللار ئەڭ ياخشىسى بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلغىنى ياخشى.
ھامىلىدار بولماقچى بولغان ئاياللار قەھۋە، چاي ۋە كوففېئىن تەركىبى بار ئىچىملىكلەرنى ۋە يېمەكلىكلەرنى ئىچمەسلىك ۋە يېمەسلىك كېرەك. بەزى دۆلەتلەرنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، كوففېئىن ئاياللارنىڭ بىيولوگىيەلىك ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئاياللارنىڭ تېنىدىكى ئانىلىق ۋە ھامىلىدارلىق ھورمونىنىڭ نىسبىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىپ، ۋاستىلىق ھالدا ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ يېتىلىشىنى تورمۇزلايدىكەن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى