ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ساغلام بوۋاققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەرلەر قىلىدىغان سەۋەبلەر(3)

ساغلام بوۋاققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەرلەر قىلىدىغان سەۋەبلەر(3)

ۋاقتى: 2016-02-17 ئاۋاتلىقى: 886 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يادرو كىسلاتاسى
يادرو كىسلاتاسى ھاياتلىق پائالىيىتىنى تەڭشەيدىغان مۇھىم ماددا، ھەم ئاقسىل شەكىللىنىشنىڭ ئاساسى، ھەم ئېرسىيەت ئۇچۇرىنى يەتكۈزىدۇ، ئۆسۈپ يېتىلىش، كۆپىيىش ۋە ئېرسىيەت قاتارلىق مۇھىم ھاياتلىق پائالىيەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ. يادرو كىسلاتاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېمەكلىكلەردىن كالا گۆشى، ھايۋاناتلارنىڭ جىگىرى، راك، ئۇستىرتسا، ئاخۇنباش ( موگو )، قاتتىق پوستلۇق يېمەكلىكلەر بار. 


سىنىك، سېلېن
ئىسپېرمىنىڭ شەكىللىنىشى يېمەك-ئىچمەك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئەگەر ئەرلەر تاماق تاللىغاندا، ئاسانلا سىنىك ۋە سېلېننىڭ كەمچىل بولۇشى كېلىپ چىقىدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئەرلەرنىڭ بەدىنىدە سىنىك  ۋە سېلېن قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار كەمچىل بولغاندا، نورمال ھامىلىدار بولۇشقىمۇ تەسىر قىلىدۇ. سىنىكنىڭ مېڭە ئاستى بېزىنىڭ جىنسىي بەز خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورمونىنى ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر قىلىپ، جىنسىي بەزنىڭ يېتىلىشى ۋە نورمال فونكىسىيىسىنى ساقلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىسپېرمىنىڭ ھاياتى كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىسپېرمىنىڭ بالدۇر پارچىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭ تۇخۇم بىلەن بىرىكىپ، نورمال ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار. 
سىنىك بىلەن سېلېن ئاساسلىقى يېمەكلىكلەردىن كېلىدۇ، شۇڭا سىنىك ۋە سېلېن مول يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك، مەسىلەن بېلىق، ئۇستىرتسا، ھايۋانلارنىڭ جىگىرى، يېسىۋىلەك، تۇرۇپ ۋە سۇيا (دادۇر)، توپانلىق گۈرۈچ قاتارلىقلار.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى