ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن چوقۇم داۋالىنىشقا تېگىشلىك كېسەللىكلەر(1)

ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن چوقۇم داۋالىنىشقا تېگىشلىك كېسەللىكلەر(1)

ۋاقتى: 2016-01-31 ئاۋاتلىقى: 744 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

80-يىللاردىن كېيىنكى ئاياللار خىزمەت ئورنىدا كۆرەش قىلىۋاتقان يېڭى قۇشۇندۇر، خىزمەت بېسىمى كۆپەيگەن ۋاقىتتا، نۇرغۇن ياش خىزمەتچىلەر ئۆز بەدىنىدىكى ئالامەتلەرگە سەل قاراپ، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە بولغان ھۇشيارلىقنى بوشاشتۇرۇپ قويىدۇ. ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، بەدەندىكى ئاياللىق ھورمۇننىڭ ئۆزگۈرۈشى ۋە بەدەن ئەھۋالىنىڭ ئۆزگۈرۈشى سەۋەبىدىن ئەسلىدىكى كىچىك مەسىلىلەرمۇ چوڭىيىپ كېتىدۇ، نەتىجىدە ئانا بىلەن بالا يەتكۈچە جاپا چېكىدۇ، ھەتتا بەزى ئاياللارنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ.


ئاياللارنىڭ تۇخۇم يەتكۈزۈش نەيچىسىنىڭ راۋان بولماسلىقى
تۇخۇم يەتكۈزۈش نەيچىسى مۇھىم بولغان كۆپىيىش ئەزاسى. ئۇرۇق بىلەن ئىسپېرما مۇشۇ ئورۇندا ئۇچرىشىپ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمغا ئايلىنىدۇ. ئۇرۇقلانغان تۇخۇم يەنە تۇخۇم يەتكۈزۈش نەيچىسى ئارقىلىق بالىياتقۇغا يەتكۈزۈلىدۇ ۋە شۇ يەدە « ئولتۇراقلىشىدۇ ». بىراق تۇخۇم يەتكۈزۈش نەيچىسى بەكلا ئىنچىكە، ئىنچىگە يەرلىرى خۇددى چاچقا ئوخشاش ئىنچىگە بولىدۇ. ئەگەر ياللۇغ بولۇپ، ياللۇغ تۇخۇم يەتكۈزۈش نەيچىسىگە تارقالسا، تۇخۇم يەتكۈزۈش نەيچىسى تولغىشىپ، شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىپ، ئۇنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.



گەرچە ئۇرۇق بۇ ئۇرۇندىن مەجبۇرى ئۆتكەن ۋە تۇخۇم بىلەن نىرىككەن تەقدىردىمۇ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ تەدرىجى چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۇرۇق يەتكۈزۈش نەيچىسىدە توختاپ قېلىپ، بالىياتقۇ سىرتىدا ئۇرۇقلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. ھامىلە چوڭ بولۇپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە، تۇخۇم يەتكۈزۈش نەيچىسىنىڭ يېرىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ بىر خىل ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋال، ھامىلىدار بولۇش مەغلۇپ بولۇپلا قالماي، يەنە ھاياتىغىمۇ خەۋپ يېتىدۇ. ھامىلىدار بولۇشتىن بۇرۇن دوختۇرخانىغا بېرىپ، تۇخۇم يەتكۈزۈش نەيچىسى ياللۇغىنى داۋالىتىش كېرەك، يول راۋان بولغاندىن كېيىن ئاندىن ھامىلىدار بولۇش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى