ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدار بولۇشنى ئويلاۋاتقانلارغا تەۋسىيە

ھامىلىدار بولۇشنى ئويلاۋاتقانلارغا تەۋسىيە

ۋاقتى: 2015-12-06 ئاۋاتلىقى: 723 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

پەرىشتە ئانا-بالا تورى ئەسكەرتمىسى: بۇ ماقالە مەلۇم توردىشىمىزنىڭ ھامىلىدار بولۇش ھەققىدە سورىغان سوئالىغا ئاساسەن تەييارلانغان، تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نەپكە ئېرىشىشى ئۈچۈن بۇ يەرگە يوللىدۇق، بىز سەۋەب قىلغۇچىلار بولۇش سۈپىتىمىزدە، كۆپ دۇئا قىلغاچ بۇ سەۋەبلەرنىمۇ ئۆز ئەقىدىمىز ماس ھالدا سىناپ باقساق بولىدۇ.
ھامىلىدار بولۇش يالغۇز ئايال تەرەپتىنلا بەلگىلىنىدىغان ئىش بولماستىن، بەلكى ئەر-ئايال ھەر ئىككى تەرەپنىڭ سالامەتلىكى، كەيپىياتى، ئۇرۇق سۈپىتى قاتارلىق ئامىللارغا مۇناسۋەتلىك بولىدۇ. تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بەلكىم سىزگە نەپ بېرەلىشى مۇمكىن:


ھامىلىدارلىق تەييارلىقى
ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
يۇپۇرماق كىسلاتاسى تولۇقلاش
ئادەتتە كۈندىلىك يېمەكلىك تەڭپۇڭ بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن ئېرىشىدىغان زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارغا تولۇق كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. مەملىكىتىمىزدە تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار تېنىدە يۇپۇرماق كىسلاتاسىنىڭ كەمچىل بولۇشى بىر قەدەر ئومۇملاشقان. شۇڭا بۇ نۇقتىغا چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
 ھاراق-تاماكا ۋە دورا بىلەن خوشلىشىش
ئەگەر تاماكا ياكى زەھەر خۇمارى بولسا، چوقۇم ئىمكانقەدەر بالدۇرراق تاشلاش كېرەك. نۇرغۇن تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، تاماكا ۋە زەھەر خۇمارى بويىدىن ئاجراشقا سەۋەبچى بولۇپ، بالدۇر تۇغۇش ۋە


ئاۋاق تۇغۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
 كوففېئېندىن قول ئۈزۈش
تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، زىيادە كۆپ كوففېئېن تۆمۈر ماددىسىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى چەكلەيدىكەن، شۇنىڭ بىلەن تۆرەلمىنىڭ بالىياتقۇدا ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى ئاشۇرىۋېتىدىكەن.
بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش
ئەگەر بەدەن ئېغىرلىقى نورمال دائىرىدە بولسا، ھامىلىدار بولۇش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
 چىشىنى تەكشۈرۈتۈش
كۆپلىگەن ئىسپاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، چىش ئەتراپى كېسەللىكى (چىش يىلتىزى ۋە چىش ئەتراپى سۆڭەك توقۇلمىسىنىڭ باكتېرىيەدىن يۇمۇملىنىشى) بالدۇر تۇغۇش ۋە ئاۋاق تۇغۇپ قويۇشقا سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن.
تۇخۇم چىقىرىش كۈنىنى ھېسابلاش
ھەيزدىن تۇخۇم چىقىرىشتىن بۇرۇنقى ۋاقىتتا، بەدەن تېمپېراتۇرىسى نىسبەتەن تۆۋەن بولىدۇ. تۇخۇم چىقىرىشقا باشلىغاندا، بەدەن تېمپېراتۇرىسى تېز سۈرئەتتە 0.3~0.5 سېلسىيە گىرادۇس ئۆرلەيدۇ.
 تۇغۇت سۇغۇرتىسىنى چۈشىنىش
ئەگەر تۇغۇت مەزگىلىدە تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا ئېھتىياجىڭىز بولسا، ھامىلىدارلىققا تەييارلىق قىلىش باسقۇچى سۇغۇرتىغا مەبلەغ سېلىشتىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدۇر.
 ساغلام كەيپىياتنى ساقلاش كېرەك
ئەگەر كېلىپ چىقىشىڭىزدا (جەمەتىڭىزدە) قايغۇرۇش تارىخى بولسا، ياكى ئۆزىڭىز ھېس قىلىشىڭىزچە قايغۇرۇش ئەھۋالىنى بولسا، مەسىلەن ئۆتمۈشتىكى ياخشى كۆرىدىغان ئىشقا قىزغىنلىق سۇسلاپ كەتسە، ئىشتىھايى بولمىسا، پىسخىكا دوختۇرىدىن مەسلىھەت سوراش كېرەك.



بەدەن چېنىقتۇرۇش پىلانى تۈزۈش
ئەگەر ئادەتتە ھەرىكەتنى ياخشى كۆرمىسە، تەدرىجىي ھالدا بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتى پىلانىنى تۈزۈش كېرەك. ئالدى بىلەن ئاسان ھەرىكەتتىن باشلاش، ھەر كۈنى 10~20 مىنۇت مېڭىپ بېرىش كېرەك.
ئەرلەر دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
ساغلام يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك
ئەگەر ساغلام ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، بولغۇسى ئانا ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇرۇقنىڭ سۈپىتىگىمۇ زور پايدىلىق.
 يىغىلىشلارغا «خوش» دېيىش كېرەك
ھامىلىدار بولۇشنى قارار قىلغان ئىكەن، ھەمراھىڭىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەر خىل يىغىلىش خۇشاللىق ۋاقتى ئۆتمۈشكە ئايلانغان بولىدۇ. ھامىلىدار بولۇشنى قارار قىلغاندىن كېيىن ھەر خىل يىغىلىشلارغا ئاز بېرىش، كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتىپ ھەمراھىغا ھەمراھ بولۇش، ئۇنىڭ كەيپىياتىنىڭ تۇراقسىز بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
 قىزىق سۇدا يۇيۇنماسلىق كېرەك
ھامىلىدار بولۇشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى ئىسسىق (قىزىق) سۇدا يۇيۇنماسلىق كېرەك، چۈنكى قىزىق سۇدا يۇيۇنغاندا ئۇرۇق ئۆلۈپ قالىدۇ.
 ۋېلسىپىتنى ئاز مىنىش كېرەك
تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، ئۇزاق ۋاقىت ۋېلسىپىت مىنگەندە، ئۇرۇق سۇيۇقلۇقى ئازلاپ كېتىدىغان بولۇپ، ئۇرۇقنىڭ سانى ۋە ھاياتلىق دەرىجىسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
روزغارچىلىقنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك
بالا تۇغۇلغاندىن باشلاپ (ھەتتا بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن)، دادا بولغۇچى چوقۇم بۇنىڭدىن كېيىنكى چىقىمغا بولغان خامچوتنى ياخشى قىلىشى، كۆڭلىدە ئېنىق سان بولۇشى كېرەك.



ئەڭ ياخشى ھامىلىدار بولۇش ۋاقتى
ئەتىيازنىڭ ئاخىرى
3~4 ئايدا ھامىلىدار بولۇش. بۇ مەزگىل ھاۋا ئىللىپ گۈللەر ئېچىلىشقا باشلىغان ھاۋارايى ئىللىق ۋە مۇۋاپىق بولىدۇ. يەلتاشما ۋىرۇسى يۇقۇملۇقى ۋە نەپەسلىنىش يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى نىسبەتەن ئاز بولىدۇ.
كۈز كۈنلىرىنى دەسلەپكى مەزگىلى
9~10 ئايدا ھامىلىدار بولۇش نىسبەتەن مۇۋاپىق. 9~10 ئايدا ھاۋا ئىللىشقا باشلايدىغان بولۇپ، تېمپېراتۇرا راھەتلىك، ئۇيقۇ ۋە ئىشتىھا تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.
 چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00~7:00
تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، مەيلى ئۇرۇق سانى ياكى سۈپىتى بولسۇن چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00~7:00 دە ئەڭ يۇقىرى چەككە چىقىدۇ. ھەمدە دەل مۇشۇ ۋاقىت ئورۇقلىنىش ئەڭ ئاسان ۋاقىتتۇر.
25 ياش ئەتراپىدا
ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشى ھامىلىدارلىق يېشى 25 ياش ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى 28 ياشتىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى