ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

(تەۋسىيە) ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻗﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﻮﺭ ﺗﺎﻟﻠﯩﺸﻰ

(تەۋسىيە) ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻗﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﻮﺭ ﺗﺎﻟﻠﯩﺸﻰ

ۋاقتى: 2013-12-28 ئاۋاتلىقى: 675 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 ئىسلام نەزىرىدىكى ياخشى ئەر كىشى ـ ئۇنىڭدا پۈتۈن ئىنسانلىق پەزىلەتلەر ۋە ئەرلىك خىسلەتلەر مۇجەسسەملەنگەن، ھاياتلىققا توغرا مۇئامىلە قىلىدىغان، دىيانەتلىك، راستچىل ئەر كىشىدۇر. ئەر كىشى قانچىلىك باي بولۇپ كەتسۇن ياكى چوڭ مەنسەبلىك بولسۇن، دىيانەتتىن ۋە گۈزەل ئەخلاقلاردىن خالىي بولىدىكەن، ئۇ، ئىسلام نەزەرىدىكى ياخشى ئەر كىشى سانالمايدۇ. ئۆيلەنمەكچى بولغان قىز ــ چوكانلار ئەگەر تۇرمۇشتا بەختلىك بولاي دېسە، ئەڭ ئاۋۋال ئىسلام نەزىرىدىكى ياخشى ئەرنى تاللىشى، شۇنىڭدەك دىيانەتسىز ئەرلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە، مال دۇنياسىغا، يۈزـ ئابرۇيىغا، ئالىي مەنسىبىگە ئالدىنىپ كەتمەسلىكى لازىم.

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلام نەزەرىدىكى ياخشى ئەرنىڭ خىسلەتلىرىنى ئىخچاملىغان ۋە ئۇنى دىن بىلەن ئېسىل ئەخلاقتىن ئىبارەت ئىككى نەرسىگە مەركەزلەشتۈرگەن ھالدا مۇنداق دەيدۇ: ”دىنى بىلەن ئەخلاقى سىلەرنى رازى قىلىدىغان، قانداقلا بىر كىشى سىلەردىن قىز سوراپ كەلسە، ئۇلارنى تېز ئۆيلەندۈرۈڭلار! ئەگەر ئۇنداق قىلمىغاندا، يەر يۈزىدە چوڭ بۇزۇقچىلىقنى تېرىغان بولىسىلەر“، ساھابىلار ــ يا رەسۇلۇللاھ! ئەگەر ئۇنىڭدا (يەنى پېقىرلىك ياكى تېگى پەسلىك) بولسىچۇ؟ ـ دېيىشكەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ”دىنى ۋە ئەخلاقى سىلەرنى رازى قىلىدىغان، قانداقلا بىر كىشى سىلەردىن قىز سوراپ كەلسە، ئۇلارنى تېز ئۆيلەندۇرۇڭلار“ دېگەن ئىبارىنى ئۈچ قېتىم تەكرارلايدۇ. (تىرمىزىي رىۋايىتى).


پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زەينەپ رەزىيەللاھۇ ئەنھانى زەيد ئىبنى ھارىسەگە ياتلىق قىلماقچى بولغاندا، زەينەپ ئېسىل نەسەبلىك بولغىنىنىڭ ئۈستىگە، گۈزەل جامالغا ئىگە ئايال بولغاچقا، زەينەپ ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرى زەيدنى ياقتۇرمىغان پۇزىتسىيىدە بولىدۇ. شۇ ۋاقىتتا، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن مۇنۇ ئايەت چۈشىدۇ: ”ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغاندا، ئەر-ئايال مۆمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ (يەنى ھېچ ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشىغا بولمايدۇ) كىمكى ئاللاھغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ.“ (ئەھزاپ سۈرىسى 36 ـ ئايەت) مانا بۇ ئىسلام دىنىنىڭ، ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا بىر ـ بىرىدىن ئارتۇق بولۇشىنىڭ مىقياسى تەقۋالىق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى پرىنسىپىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنى ئەمەلىيەتتە تەتبىق قىلغانلىقنىڭ بىر نەمۇنىسىدۇر. ئىسلام دىنى كىشىلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئارتۇقچىلىقنىڭ مىقياسىنى ۋىجداننى ئىدارە قىلىدىغان، ھاياتلىققا سادىق نەزەر بىلەن قاراپ، ئۇنىڭغا توغرا موئامىلە قىلىدىغان، ئېسىل پرىنسىپلارغا باغلىق قىلدى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”ئى ئىنسانلار بىز ھەقىقەتەن سىلەرنى بىر ئەر بىلەن بىر ئايالدىن (يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا ـ ئانىدىن ياراتتۇق. ئۆز ئارا تونۇشۇشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق. ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر ـ بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەپ بىلەن ئەمەس، بەلكى تەقۋالىق بىلەن بولىدۇ) ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر. ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.“ (ھوجۇرات سۈرىسى 13 ـ ئايەت) چۈنكى، دىيانەتلىك كىشى ئۈستىدىكى ئايالىغا مۇناسىۋەتلىك ھەق ـ ھوقۇقلارنى تونۇيدۇ. ئايالىنى ياقتۇرغاندا ھۆرمىتىنى قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئاچچىقلاپ قالغاندا زۇلۇم قىلمايدۇ، ئايالى ئەگەر ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزمەستىن ئايرىلىدۇ. چۈنكى، تەقۋا كىشى دېگەن ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر ـ پەرمانلىرىغا ئاسىيلىق قىلىشتىن قورقىدىغان كىشى دېگەنلىكتۇر.

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى