ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن چوقۇم داۋالىنىشقا تېگىشلىك كېسەللىكلەر(3)

ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن چوقۇم داۋالىنىشقا تېگىشلىك كېسەللىكلەر(3)

ۋاقتى: 2016-06-16 ئاۋاتلىقى: 696 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئېغىز بوشلۇقى
ھامىلىدار بولماقچى بولغان ئايال ئاۋۋال ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمىگە بىر كۆرۈنۈش ۋە بىر قېتىملىق تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەك، چۈنكى چىشنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ھامىلىدارلىقتىن بىخەتەر ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىنىڭ بىرى.


ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن دوختۇرخانىغا بېرىپ ئىچكى بۆلۈمگە مۇناسىۋەتلىك بۆلۈمگە تەكشۈرتۈش كېرەك. بىراق بۇمۇ ناھايىتى مۇھىم! ھامىلىدار بولۇش نۇرغۇن فىزىيولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىنى ياخشى كونترول قىلمىغاندا، ھامىلىگە يۇشۇرۇن خەۋپلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ئەگەر ھامىلىدارلىق مەزگىلدە چىش ئاغرىسا، ھامىلىدارلارنىڭ كەيپىياتى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ، يا ھامىلىدىن ئەنسىرەپ دورا ئىشلىتەلمەيدۇ، داۋالاش ناھايىتى قىيىنلىشىدۇ. ئۇ ۋاقىتتىكى ئازابنى تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە بولىدۇ.
ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىنى ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن داۋالىغاندا، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئاۋارىچىلىقتىن ساقلىنىپلا قالماي، يەنە ئانا ۋە بالىغىمۇ پايدىسى بار. ئادەتتە ئالتە ئاي بۇرۇن ئومۇمىيۈزلۈك بىر قېتىملىق تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئۇنداقتا يۇشۇرۇن ئېغىر كېسەللىكلىرى قايسىلار؟



1. چىش ئەتراپى كېسەللىكلىرى
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئانىلىق ھورمون كۆپىيىپ، ئىممونىتېت ئىقتىدارى ناچارلايدۇ، ھەرخىل باكتېرىيەلەر ئۆزگىرىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، بۇ ئۆزگۈرۈشلەر چىش مىلىكىدىكى قان تومۇرلار كۆپىيىپ، تومۇرنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئاشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەتراپتىكى توقۇلمىلارنىڭ چىشقا بولغان غىدىقلىشى ئارتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قان تومۇرنىڭ ئۆسۈشى قاتارلىق ياللۇغلار كېلىپ چىقىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن چىش مەسىلىلىرى كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن چىش ئەتراپىنىڭ ئىششىقى، چىش مىلىكىنىڭ بوشىشىشى ۋە ئىششىپ قېتىشىشى قاتارلىقلار.
تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ چىش كېسەللىكلىرى قانچە ئېغىر بولغانسېرى، بالدۇر تۇغۇلۇش ۋە يېنىك تۇغۇلۇش قاتارلىقلارنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى شۇنچە ئېغىر بولىدىكەن. شۇڭا ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن چىش كېسەللىكلىرىنى ئەتراپلىق تەكشۈرتۈش ۋە داۋالاش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى