ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مۇنداق ئەر بىلەن توي قىلسىڭىز بىر ئۆمۈر بەختلىك ئۆتىسىز

مۇنداق ئەر بىلەن توي قىلسىڭىز بىر ئۆمۈر بەختلىك ئۆتىسىز

ۋاقتى: 2015-11-07 ئاۋاتلىقى: 941 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەدىنۇر ئەخمەت تەرجىمىسى


ئەقىللىق ئاياللار مەيلى قانداق ئەرگە تەگمىسۇن، ئۆز بەختىنى ئۆزى يارىتالايدۇ، بۇدۇشقاقلارچە چاپلىشىۋالماستىن، ئۆزىنىڭ سېھرى كۈچى ئارقىلىق يولدىشىنى جەلپ قىلالايدۇ، تىزگىنلەپ تۇرالايدۇ.
ئەگەر توي قىلماقچى بولسىڭىز سىزنى كۆز قارچۇقىدەك ئاسىرايدىغان ئەرگە تېگىڭ!
ئۇ سىزنىڭ كىچىك نۇقسانلىرىڭىزغا كەڭ قورساقلىق قىلالايدۇ، سىزنىڭ سەۋەنلىكلىرىڭىزنى كەچۈرىۋېتەلەيدۇ؛ ئۇ سىزنى خۇددى سىڭلىسىغا ئوخشاش قاراپ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالالايدۇ؛ ئۇ سىزنى خۇددى ئەرمەكلىرىنى ياقتۇرغاندەك ياخشى كۆرەلەيدۇ؛ ئۇ سىزنىڭ ناچار كەيپىياتىڭىزنى يوقىتالايدۇ، ئۇ سىزنى باغرىغا باسقىنىچە ئۇيقىغا باشلىسا، قىشتا توڭلىدىم، يازدا تەرلىدىم دەپ سىزدىن ئاغرىنماي سىزگە ياستۇق بولالايدۇ.


ئەگەر توي قىلماقچى بولسىڭىز كەچۈرمىشلىرى بار ئەر بىلەن توي قىلىڭ!
ئۇنىڭدا سىز باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان كەچۈرمىش ۋە ھېكايە بار. ئۇ سىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ، سىزنى باشقۇرالايدۇ، ئۇ سىزگە قانداق قىلسىىڭىز ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلالايدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. كۆڭۈلسىزلىككە يولۇقىنىڭىزدا ئۇ بولغاچقىلا سىزنىڭ ئارتۇقچە ياش تۆكۈشىڭىز ھاجەتسىز. ئۇ خۇددى دادىڭىزغا ئوخشاش بېشىڭىزنى سىلاپ تۇرۇپ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ شۇنداق سىزدىن ئايرىلمايدۇ.



ئەگەر توي قىلماقچى بولسىڭىز كەيپىياتى تۇراقلاشقان ئەر بىلەن توي قىلىڭ!
سىلەرنىڭ تۇرمۇشىڭلار خىزمەت ئالدىراشلىقى ئىچىدە ئۆتىدۇ. ئەمما مائاشىڭلارنى ئالغان كۈنى بىرلىكتە خۇشال-خۇرام سىرتلاردا ئۆزۈڭلارنى مېھمان قىلىپ شاتلىنىسىلەر. قول تۇتۇشقان ھالدا بانكىغا بېرىپ كەلگۈسى قوزاڭلار ئۈچۈن يىغقان ئازغىنە پۇلنىڭ سېھرىي كۈچىدىن ئىللىقلىققا تولىسىلەر، كارتاڭلاردىكى پۇل سوممىسىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئورتاق نەتىنجەڭلاردىن مەمنۇن بولسىلەر.
ئەگەر توي قىلماقچى بولسىڭىز ئىشچان ئەر بىلەن توي قىلىڭ!
ھەر ئايدا بىر نەچچە كۈن بىئارام بولغىنىڭىزدا، ئۇ سىزگە ئاددىيغىنە تاماق ئېتىپ بېرەلەيدۇ، كىرئالغۇدا بولسىمۇ كىر يۇيالايدۇ، ئۆيلەرنى قولىدىن كېلىشىچە يىغىشتۇرالايدۇ. ئۆي ئىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ سىزنىڭ ئازىراق بولسىمۇ ئازابىڭىزنى يېنىكلىتەلەيدۇ. ھەر ۋاقىت سىزنىڭ ياخشى يېيىشىڭىزنى، قېلىن كېيىنىشىڭىزنى ئەسكەرتىپ تۇرالايدۇ. سىز ياخشىلانغاندا ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلسىڭىز، ئۇ ئوخشاشلا تۇرمۇشىنىڭ ناھايىتى گۈزەللىكىنى مەدھىيەلەيدۇ.
ئەگەر توي قىلماقچى بولسىڭىز ئىنچىكە پىكىرلىك ئەر بىلەن توي قىلىڭ!
ئۇ سىزنىڭ نېمىنى ياقتۇرىدىغانلىقىڭىزنى ئېنىق بىلىدۇ. بەزىدە سىزنىڭ ئىپادىلىرىڭىزگە كىچىكىنە بولسىمۇ رىغبەتلەندۈرش بېرەلەيدۇ، سىز ئۇزۇندىن بېرى ياقتۇرۇپ كېلىۋاتقان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ سىزگە رىغبەتلەندۈرۈش سوۋغىسى سۈپىتىدە بېرىدۇ، ئۆيىڭىزدىكىلەر ۋە دوستلىرىڭىز ئۇنىڭ ئالاھىدە كۆزىتىش ئىقتىدارىدىن ھوزۇرلىنىدۇ. ئۇ ئەخمەقلەرچە كۈلۈپ، ھېچنىمە دېمىگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ھەممىنى كۆڭلىدە بىلىپ سىزنى ئېيتقۇسىز بەختكە چۆمدۈرىدۇ.



ئەگەر توي قىلماقچى بولسىڭىز ئالغا ئىنتىلىدىغان ئەر بىلەن توي قىلىڭ!
گەرچە ئۇنىڭ ئىش ھەققى ناھايىتى تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ قوشۇمچە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ. پەقەت ئىككىڭلار ئورتاق تىرىشساڭلارلا، ھەتتا دېڭىزغا سەكرەشمۇ ناھايىتى رومانتىك ئىشتەك بىلىنىدۇ.
ئەگەر توي قىلماقچى بولسىڭىز زېھنىي ئۆتكۈر، قولى ئەپلىك ئەر بىلەن توي قىلىڭ!
بۇنداق ئەر ئۆيۈڭلاردا تاسادىبىي بىرەر نەرسە بۇزۇلۇپ قالسا، ئۆزى تېزلا رېمونت قىلالايدۇ، سىزنى ئاتايىتەن يەنە بىرنى سېتىۋېلىش ئاۋارىچىلىقىدىن ساقلايدۇ.
ئەگەر توي قىلماقچى بولسىڭىز كىچىك بالىنى، ھايۋانلارنى ياخشى كۆرىدىغان ئەر بىلەن توي قىلىڭ!
ئۇ بالىلىرىڭلارنىڭ ئاۋارىچىلىقىدىن زېرىكمەيدۇ، سىزگە ياردەملىشىپ بالىلىرىڭلارنى قاتارغا قوشىدۇ، ھايۋانلارنى ياخشى كۆرىدىغان ئەرنىڭ باغرى تولىمۇ يۇمشاق بولىدۇ.
ئەگەر توي قىلماقچى بولسىڭىز لەۋزىدە تۇرىدىغان ئەر بىلەن توي قىلىڭ!
ئۇ سىزنىڭ ۋەدىگە، تۈزۈمگە ئەمەل قىلىشىڭىزنى نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزىنى كونترول قىلالايدۇ. ئۇ سىزنى سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتەلەيدۇ، بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزگەندە سەمىمىيلىك بىلەن ئۈستىگە ئالالايدۇ. سىزنى ئالدىمايدۇ، سىز بىلەن سىرلىق ئويۇنلارنى ئوينىمايدۇ. قانداق ۋاقىتتا نېمە قىلىشنى ئېيتىشقان بولساڭلار سىزنى نائۈمىدتە قويمايدۇ. خۇددى كومپاسقا ئوخشاش سىزنىڭ پىكىرسىزلىككىڭىزنى كونترول قىلالايدۇ.


 
ئەگەر توي قىلماقچى بولسىڭىز تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنالايدىغان ئەر بىلەن توي قىلىڭ!
سىلەردە  ھەشەمەتلىك ئۆي بولمىسىمۇ بولىدۇ، پەقەت ئىللىق قۇياش نۇرى دەرىزەڭلاردىن چۈشسىلا كۇپايە. سىلەر مۇھەببىتىڭلار بىلەن نۇرغۇنلىغان مەرۋايىتلارنى بىر قۇر بىر قۇردىن ئۆتكۈزۈپ پەردە قىلىپ، كۈلەمسىرىگىنىڭلارچە بۇ بىزنىڭ خىيال پەردىمىز دېيەلەيسىلەر، يولدىشىڭىزغا ھەر بىر تال مەرۋايىتتا سىزنىڭ بىر غايىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئېيتىسىز، ئۇ پەقەت سىلەرگىلا خاس. سىز تۇرمۇشىڭىزنى ھەرخىل رەڭلەر بىلەن بىزەيسىز، ھەم ئىللىق ھەم شېرىن. ئەگەر يولدىشڭىز كوماندىروپكىغا چىقسىمۇ سىز ئۆيدە يالغۇزلۇق، قورقۇنچ ھېس قىلمايسىز.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى