ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن چوقۇم داۋالىنىشقا تېگىشلىك كېسەللىكلەر(5)
يانفوندا كۆرۈش
(3) ئەقىل چىشنىڭ ئۆسۈشىنى توسۇش
ئەقىل چىشنىڭ ئۆسۈشىنى توسۇش دېگىنىمىز ئەڭ ئاخىرقى بىر ئېزىق چىشنىڭ ئۆسۈشىنى توسۇشنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئەگەر تولۇق ئۆسۈپ بولالمىسا، چىشنىڭ ئۆسكەن قىسمى چىش مىلىكى تەرىپىدىن يېپىلىپ قالىدۇ. ئەگەر ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن بۇ چىش ئېلىۋىتىلمىسە، ئۇنىڭغا قېتىپ چىش باكتېرىيە دېغى كۆپلەپ يىغىلىپ قالسا، ئېزىق چىشنىڭ ئەتراپى ياللۇغلىنىشقا باشلايدۇ، ھەرۋاقىت چىش تاجىسىنىڭ ياللۇغلىنىشى، توقۇلما ئارىسىدا يۇقۇملىنىش، ھامىلىدارنىڭ قۇۋۇزلىرىنىڭ ئىششىشى، ئېغىزىنى ئېچىشى قىيىنلىشىش، تاماق يېيەلمەسلىكتەك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ۋاقتىدا تىزگىنلەنمىسە بۇلۇتسىمان سىنوس ۋېنا تومۇرىنىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ئېغىر بولغاندا ھامىلىدار ئايالنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن تەكشۈرۈتكەندە ئەگەر يۇلۇۋېتىشقا تېگىشلىك چىش بولسا ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.