ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قىز ياكى ئوغۇل تۇغۇش ھەققىدىكى قىزىقارلىق قاراشلار

قىز ياكى ئوغۇل تۇغۇش ھەققىدىكى قىزىقارلىق قاراشلار

ۋاقتى: 2016-07-17 ئاۋاتلىقى: 613 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەيلى قايسى دۆلەت، قايسى مىللەت بولسۇن، بەزى ئاتا-ئانا بولۇش ئالدىدىكى ئەر-ئاياللار ئۆزىنىڭ پەرزەنتىنىڭ قىز بولۇشىنى ياكى ئوغۇل بولۇشىنى بەكلا ئارزۇلاپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قىز ياكى ئوغۇل تۇغۇش «رىتسىپ» لىرى بارلىققا كەلدى. گەرچە ئوغۇل ياكى قىز پەرزەنتلىك بولۇش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىكى ئىش بولسىمۇ، ئەمما بۇنى بىر ھەرقايسى مىللەتنىڭ «مەدەنىيەت» ى سۈپىتىدە كۆرۈپ قويۇشقا بولىدۇ، دەپ قارايمىز.



دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قىز ياكى ئوغۇل تۇغۇش رىتسىپلىرى
1. رادىئاتسىيەدىن ساقلىنىش كىيىمى كەيمىگەندە قىز تۇغۇشقا بولىدۇ
مۇنداق بىر كۆز قاراش مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن: دوختۇرخانىغا رادىئو ئاكتىپ بۆلۈمىدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى قىز تۇغىدۇ، بەزىلەرنىڭ قارىشىچە دائىم رادىئاتسىيەلىك جىسىملار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ئەرلەرنىڭ ھاياتىي كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمىغان Y ئىسپېرمىسى ئاسانلا ئۆلۈپ قالغانلىقتىن، بالىسىنىڭ قىز تۇغۇلۇش نىسبىتى يۇقىرىلايدۇ. راستىنلا مۇشۇنداق بولامدۇ؟ مۇخبىرلار كۆپلىگەن دوختۇرخانىلارنىڭ رادىئو ئاكتىپ بۆلۈمىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ كۆز قاراشنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوقكەن. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: «مۇۋاپىق ئالدىنى ئالمىغاندا رادىئاتسىيەلەر كىشىلەرنىڭ ئېممۇنىتېت سىستېمىسى، قان سۇيۇقلۇقى سىستېمىلىرىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ئەمما پەرزەنتىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل تۇغۇلىشىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ».


2. ھامىلىدار ئاياللار ناشتىلىق قىلمىسا قىز تۇغىدۇ
ئەنگىلىيەلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىق قىلىپ بايقىشىچە، ئاياللار ھامىلىدار مەزگىلىدە ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېسە ۋە ناشتىلىقىدا دانلىق زىرائەتلەرنى كۆپرەك يېسە ئوغۇل تۇغۇش پۇرستىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولدىكەن.

 3. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىشتىھاسى ياخشى بولسا ئوغۇل تۇغىدۇ
چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارنىڭ يېقىنقى تەتقىقاتلىرىدا بايقىلىشىچە، ئاياللار ھامىلىدار مەزگىلىدە ئىشتىھاسى ئېچىلىپ كەتسە، ئادەتتە ئوغۇل تۇغىدىكەن، شۇنداقلا تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاقمۇ قىز بوۋاقتىن ئېغىر بولىدىكەن. تەتقىق قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، قورساقتىكى ئوغۇل ھامىلىنىڭ قىز ھامىلىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئوزۇقلۇق ۋە ئېنېرگىيەگە موھتاج بولغانلىقتىن ھامىلدىار ئاياللارنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلە ئوغۇل بولسا ئىشتىھاسى ياخشىلىنىپ كېتىدىكەن.

4. ھاراق ئىچىدىغان، تاماكا چېكىدىغان ئەر-ئاياللارنىڭ ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈش نىسبىتى تۆۋەن بولىدىكەن
روسىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئالدى-كەينىدە ئايال تەرەپ ياكى ئەر تەرەپنىڭ تاماكا چېكىدىغان، ھاراق ئىچىدىغان ناچار ئادىتى بولسا ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولىدىكەن، ئەگەر ئەر ۋە ئايال تەرەپنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە بۇ خىل ناچار ئادەت بولسا ئۇلارنىڭ ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدىكەن.


5. مۈشۈك باقىدىغان ھامىلىدار ئاياللار ئوغۇل تۇغۇشى مۇمكىن
ئەگەر قىز پەرزەنتلىك بولۇشنى ئويلىساڭ، مۈشۈككە يېقىن كەلمە، دەيدىغان سۆز بار. بۇ ئاڭلىماققا تولىمۇ ئەخمىقانە سۆزدەك بىلىنىدۇ، ئەمما يېقىندا تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەيدۇ: «بىر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان مۈشۈك پارازىت قۇرتى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئوغۇل تۇغۇش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى بولىدۇ».

6. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ كەسپىمۇ بالىنىڭ جىنسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
يېڭى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئېنژىنىر قاتارلىق ئەرلەرگە ماس كېلىدىغان كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاياللارنىڭ ئوغۇل تۇغۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدىكەن. ئوخشاش قائىدە بويىچە، ئوقۇتقۇچىلىق، سېستىرالىق دىگەندەك ئاياللارغا ماس كېلىدىغان كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاياللارنىڭ بالىسىنىڭ قىز بولۇش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.

7. قىز تۇغۇش ۋە ئوغۇل تۇغۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئەپسانىلەر
قەدىمكى يۇناندا، كىشىلەر شىمال شامىلى چىققان كېچىدە بويىدا قالسا ئوغۇل تۇغىدۇ، جەنۇب شامىلى چىققان كەچتە بويىدا قالسا قىز تۇغىدۇ، دېگەن قاراشقا ئىشىنەتتى. قەدىمكى بابىلوندا كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا «قىز ياكى ئوغۇل تۇغۇش بويىدا قالغان كۈنىدىكى ئاينىڭ نۇر ھالقىسى بار-يوقلۇقىغا باغلىق» دەيدىغان قاراشقا ئىشىنەتتى.


ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئالامەتلەرگە ئاساسەن ھامىلىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇللىرى:
1. ھامىلىدار ئايالنىڭ قورسىقىنىڭ شەكلىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىش. ھامىلىدار ئايالنىڭ قورسىقى ئۇچلۇق بولسا، ھامىلە ئوغۇل، ياپىلاق بولسا ھامىلە قىز بولىدۇ.
2. ھامىلىدار ئايالنىڭ چىراي ۋە تېرىسىدىكى ئۆزگىرىشنى كۆزىتىش. ئەگەر ھامىلىدار ئايالنىڭ تېرىسى پارقىراپ، چىرايلىقشىپ كەتسە، ھامىلە قىز بولىشى مۇمكىن. ئەكسىچە ھامىلىدار ئايال سەتلىشىپ، تېرىسى ناچارلىشىپ كەتسە، ھەتتا يۈزىگە دانىخورەكلەر ئۆرلەپ كەتسە، ھامىلە ئوغۇل بولىشى مۇمكىن.
3. ھامىلىدار ئايالنىڭ يېمەكلىك ئادىتىدىكى ئۆزگىرىشنى كۆزىتىش. ئەگەر ھامىلىدار ئايالنىڭ يېمەكلىك ئادىتى ھامىلىدار بولۇشتىن بۇرۇنقى يېمەكلىك ئادىتىگە قارىغاندا ئۆزگىرىش بولغان بولسا ئوغۇل تۇغۇش ياكى قىز تۇغۇش ئېھتىماللىقىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ.
4. ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنىڭ ئاجىز ياكى كۈچلۈكىگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلىش. ئادەتتە ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشى كۈچلۈك ھەم ئاستا بولسا ھامىلىنىڭ ئوغۇل بولۇش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى بولىدۇ؛ ئەكسىچە بولسا ھامىلىنىڭ قىز بولۇش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى بولىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى