ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن چوقۇم داۋالىنىشقا تېگىشلىك كېسەللىكلەر(8)
يانفوندا كۆرۈش
يۇقىرى قان بېسىمى
يۇقىرى قان بېسىمى بار ئاياللار ھامىلىدار بولسا بولامدۇ يوق؟
ئۇنى ئۇلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىگە قاراپ بەلگىلەيمىز.
1. يۇقىرى قان بېسىمنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن %40-%30 ئەتراپىدىكىلەر ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ۋە ئوتتۇرا مەزگىلىدە قان بېسىمى نورمال ھالەتكە چۈشىدۇ، ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە (يەتتە ئايدىن كېيىن) قان بېسىمى يەنە ئۆرلەيدۇ. روشەن قان تومۇر ئۆزگىرىشى بولمىغان، ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ھامىلىدار پەقەت ياخشى پەرۋىش قىلسىلا ئانا بالىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولىدۇ، بۇ خىلدىكى ئاياللار ھامىلىدار بولسا بولىدۇ.
كۆز تېگىدىكى قان تومۇرلار روشەن قېتىشىپ قالغان ياكى تارتىشىپ قالغان ھامىلىدار ئاياللاردا ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ئاسانلا ھامىلىنىڭ زەھەرلىنىشى كېلىپ چىقىدۇ، بۇ قان تومۇرنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، بالىياتقۇدىكى قاننىڭ مىقدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، بالا ھەمراھى تىۋىتچىلىرىنىڭ قان يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالا ھەمراھىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ چىكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھامىلە ئوكسىگېن كەمچىل مۇھىتتا يېتىلىشى توختاپ قالىدۇ، ھامىلىنىڭ ئېغىرلىقىمۇ تۆۋەنلەيدۇ، ئېغىر بولغاندا ئۆلۈك بوۋاق بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، بالا ھەمراھى تىۋىتچىلىرىدىكى ئوكسىگېن كەملىك ئېغىر بولغاندا تىۋىتچىلەرنىڭ ئۆلۈشى، قان چىقىشى، بالا ھەمراھىنىڭ بالدۇر ئاجراپ كېتىشى قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ، بۇ بىر خىل ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىك بولۇپ، بىۋاسىتە ھالدا ئانا-بالىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. شۇڭا بۇ خىل يۇقىرى قان بېسىمى بار ئاياللار ھامىلىدار بولسا بولمايدۇ. يۇقىرى قان بېسىمى بار ئاياللار ھامىلىدار بولۇشتىن بۇرۇن دوختۇرنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى ۋە داۋالىنىشى كېرەك.