ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ﻗﯩﺰ ـ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺯﻭﺭﻟﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻖ

ﻗﯩﺰ ـ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺯﻭﺭﻟﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻖ

ۋاقتى: 2016-04-05 ئاۋاتلىقى: 882 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەلۇمكى، زامان ئىلگىرىلىگەنسېرى بەزى چوڭ شەھەرلەردە توي سىلىقلىرى ھەددىدىن ئارتۇق ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئىنسانلار يارتىلىشىدىنلا ئۆز تەبىئىتىدىمۇ ئەر ـ خوتۇن بولۇپ، بىر ـ بىرى بىلەن ئۇنىسى ــ ئۈلپەت ۋە مۇھەببەت ئىچىدە ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ. چۈنكى ئايال كىشى ئۆز ئالدىغا يالغۇز ياشىغاندا، ھاياتلىقنىڭ نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلىرىغا تاقابىل تۇرۇشتىن ئاجىز كېلىدۇ. ئۇ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئۆزىنى ھىمايە قىلىدىغان، تۇرمۇشتىكى ئېھتىياجلىرىنى قامدايدىغان بىرەر ئەر كىشىگە مۇھتاجدۇر. ئەر كىشىمۇ ئۆزى يالغۇز ئۆتۈشكە ئاجىز كېلىدۇ. چۈنكى، ئۇ سىرتتا تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئىشلەش بىلەن بىرگە ئۆي ئىشلىرىنى جايىدا ئاققۇزۇپ كېتەلمەيدۇ. ئەخلاق تەرەپتىنمۇ ئۆز نومۇسىنى ساقلاپ، ھارام ئىشلاردىن يىراق بولۇشقا ئاجىز كېلىدۇ. چۈنكى، جىنسىي ھەۋەس كىشىلەرنى تۈرلۈك بالالارغا دۇچار قىلىدۇ. ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ئىنسانىيەت ئۈچۈن پايدىلىق ۋە ياراملىق نەسىللەر ئەر بىلەن ئايالنىڭ نىكاھتا بىرلىشىشى ئارقىلىقلا مەيدانغا چىقالايدۇ. پەرزەنت كۆرۈش، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نام ـ نىشانىسىنى داۋام قىلدۇرۇش ھەرقانداق كىشى ئۈچۈن چوڭ ئارماندۇر. بۇنداق ئىكەن، كىشىلەرنىڭ ئۆيلىنىش ئىشلىرىغا توسقۇن بولىدىغان ياكى ئۇنى كېچىكتۇرۇشكە سەۋەب بولىدىغان ھەرقانداق ئامىل ئەقىل ۋە دىننىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن قەتئىي ھارامدۇر.

 

جەمئىيەتتىكى بەزى ياشلارنىڭ ئۆيلىنىش ياكى ياتلىق بولۇشتىن باش تارتىشلىرى، ”سىناشتۇق“ شۇئارى ئاستىدا بىر ـ بىرى بىلەن ئايلارچە، ھەتتا يىللارچە نىكاھسىز، تۇرمۇشسىز سۆرۈشۈپ يۈرۈشلىرى، بەزى قىزلارنىڭ نومۇستىن بۇۋاقلارنى كوچىلارغا ئېتىشلىرى قاتارلىق ئىشلارنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى، بەلكى چوڭ سەۋەبى توي چىقىملىرىنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق دەرىجىدە ئېشىپ كېتىشى، قىزلىق مېھرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. كىشىلەر ئوغۇل ـ قىزلىرىنىڭ كېلەچىكىنى ئويلىماستىن، پەقەت باشقىلار بىلەن رىقابەتلىشىش ياكى بۇ ئارقىلىق بايلىق توپلىۋېلىش نىيىتى بىلەن توي چىقىملىرىنى ھەدەپ ئۆرلىتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ياش، ئوغۇل ـ قىزلارنى نۆۋەتتىكى ئۆيلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. نىشانلىنىپ بولغان قىزلارمۇ كەلمىگەن ئامەتنى كۈتۈپ ياكى ئۇ، بايلىقتىن مىليونلاپ تۆكۈپ بېرىدىغان بىرەر باينى تاپالماي ئۆيلىنىش ۋاقتىدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھەتتا قېرىپ كېتىدۇ. چۈنكى ئۆيلىنىش يېشىدىن ئۆتۈپ كەتكەن قىزلار تېزلا قېرى چىرايىغا كىرىپ قالىدۇـ دە، ئۇلار شۇنىڭ بىلەن ئولتۇرۇپ قالىدۇ. ئوغۇللار بولسا، ۋاقتىدا ئۆيلىنىشكە قادىر بۇلالمىغانلىقى سەۋەبتىن، ئۆيلىنەلمەي، خالىغان يامان يوللارغا كىرىپ كېتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ دىنىنى ۋە ئەخلاقىنى دەپسەندە قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. ئوغۇل ـ قىزلارنىڭ ۋاقتىدا ئۆيلىنەلمەي نۆۋەتتىكى تۇرمۇشتىن مەھرۇم قېلىشلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلۈك رەزىل يوللارغا كىرىپ كېتىشلىرىغا سەۋەبكار ئاتا ـ ئانىلاردۇر، ئەلۋەتتە. بۇ خىل بالالارغا دۇچار بولماسلقنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى توي چىقىملىرىنى ۋە قىزلارنىڭ مېھىرلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۋەتمەسلىك، ئېھتىياجىغا قاراپ ئازغا كۇپايە قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.


ئىنسان شۇنداق ھۆرمەتلىك مەۋجۇداتكى، ئۇ، پۇلغا سېتىپ ئېلىنمايدۇ. قىزلار دۇنيانىڭ ھەرقانداق بايلىقلىرىدىن ئەلۋەتتە قىممەتلىكتۇر. باشقىلار بىلەن رىقابەتلىشىش ياكى باشقىلارنىڭ نارازى بولۇشلىرىدىن قورقۇپ ياكى مال ـ دۇنيا تەمەسى بىلەن توي چىقىملىرىنى ئۆستۈرۈۋېتىش خاتادۇر. ئوغۇل ـ قىزلارنىڭ كېلەچىكىنى ۋە بەخت ـ سائادىتىنى ئويلاپ ئىش كۆرۈش كېرەك. پۇل ـ مال كىشىنى كۆپ ھاللاردا بەختلىك قىلالمايدۇ. ئائىلىنى پەقەت قانائەت، ئازغا رازى بولۇش، ئورتاق مۇھەببەتلا بېيىتالايدۇ ۋە بەختلىك قىلالايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدسىدە: ”ئەڭ ياخشى ئايال كىشى ئۇنىڭ مېھرىنىڭ يېنىك بولغىنىدۇر.“ دەپ كۆرسەتكەن. (ئىبىن ھاببان رىۋايىتى)ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: ”ئەڭ بەرىكەتلىك ئايال ئۆيلىنىشنىڭ تىز بولغىنى، تۇغۇتىنىڭ تىز بولغىنى ۋە مېھرىنىڭ يېنىك بولغىنىدۇر.“ (ئەھمەد رىۋايىتى)جەمئىيەتتىكى بەزى ئاڭسىز ۋە دىيانەتسىز كىشىلەرنىڭ ئېيىپلىشىدىن ياكى ”قىزىنى بېكارغان بېرىۋەتتى“ دېگەنگە ئوخشاش تېتىقسىز سۆزلەرنى تارقىتىشىدىن قورقماستىن، بەلكى ئەڭ ئاۋۋال ئاللاھتىن قورقىشىمىز كېرەك. ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تۇتقان كىشى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئېيىپلانمايدۇ ۋە خورلانمايدۇ.

 

«ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى