ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ﻧﯩﻜﺎﮪ ھەققىدە

ﻧﯩﻜﺎﮪ ھەققىدە

ۋاقتى: 2016-06-27 ئاۋاتلىقى: 730 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىسلام شەرىئىتىنىڭ كامىللىقىنىڭ بىر مىسالى شۇكى، ئۇنىڭدا، مەيلى ئىنسانلار ئارىسىدا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان سودا ـ سېتىق مۇئامىلىلىرى بولسۇن، مەيلى ئامانەت قويۇش، قەرىز بېرىش ۋە ئېلىش مۇئامىلىلىرى بولسۇن، ھەمدە باشقىمۇ مۇئامىلىلار بولسۇن، ئىنسانلار جەمئىيىتى ئۇنىڭدىن بىھاجەت بولالمايدىغان ھەرقانداق بىر مۇئامىلە ئۈچۈن مۇئەييەن قانۇن ـ پرىنسىپلار بېكىتىلگەن. نىكاھمۇ يۇقىرىقى مۇئامىلىلارنىڭ بىر تۈرى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭدىمۇ مۇئەييەن قانۇن ـ پرىنسىپلار بار. نىكاھنىڭ ئىسلام نەزىرىدە، قانۇنلۇق ھالدا دۇرۇس باغلىنىشنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

 

 1. ئەر ـ ئايال ئىككىسىىنىڭ رازىلىقى نىكاھنىڭ دۇرۇس باغلىنىشى ئۈچۈن نىكاھلانماقچى بولغان ئەر بىلەن ئايال ئىككىسىنىڭ رىغبىتى ۋە ئۇلارنىڭ رازىلىقى شەرتتۇر. مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن ھېچكىمنى ئۆزى خالىمىغان بىرىسى بىلەن نىكاھلىنىشقا زورلاشقا بولمايدۇ. ئىنسانلار تۇرمۇش قورۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىگە جور تاللاشتا مۇتلەق ئەركىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ”چوكان ئۆزىنىڭ نىكاھ ئىشلىرىغا ئىگە بولۇشتا ئاتا ـ ئانىسىدىن ھەقلىقتۇر. قىزنىڭ رايى سورىلىدۇ. ئۇنىڭ سۇكۇت قىلغىنى ماقۇل كۆرگەنلىكىدۇر.“ (مۇسلىم رىۋايىتى).


 

2. گۇۋاھچىلارنىڭ ھازىر بولۇشى  نىكاھنىڭ دۇرۇس باغلىنىشى ئۈچۈن نىكاھ ئوقۇلغان ئورۇندا ئىككى مۇسۇلمان ئەر گۇۋاھچىنىڭ ھازىر بولۇشى شەرتتۇر. ئىككى ئەر گۇۋاھچى تولۇق تېپىلمىغان شارائىتتا، بىر ئەر، ئىككى ئايال بىرلىكتە گۇۋاھلىققا ھازىر بولۇشى لازىم. چۈنكى بۇ تۈرلۈك مۇئامىلىلەردە ئىككى ئايال گۇۋاھچى بىر ئەر گۇۋاھچىنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. گۇۋاھچىلار ھازىر بولمىغان نىكاھ نىكاھ بولمايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”سىلەر ئەر كىشىڭلاردىن ئىككى كىشىنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار. ئەگەر ئىككى ئەر كىشى يوق بولسا، سىلەر (ئادالىتىگە، دىيانىتىگە) رازى بولىدىغان كىشىلەردىن بىر ئەر، ئىككى ئايالنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار.“ (بەقەرە سۈرىسى 282 ـ ئايەت)

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى