ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

توي قىلىش ئالدىدىكى قىزلارنىڭ بەزى بىر سوئاللىرى

توي قىلىش ئالدىدىكى قىزلارنىڭ بەزى بىر سوئاللىرى

ۋاقتى: 2015-04-21 ئاۋاتلىقى: 2571 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەن سىزدىن بىر سوئال سوراي دىگەن ئىدىم، مۇمكىن بولسا جاۋابسىز قالدۇرمىغان بولسىڭىز، سىزدىن كۆپ تەشەككۇر بولار ئىدىم، مەن مۇشۇ 10 كۈن ئىچىدە توي قىلماقچى ئىدىم، بىز توي خېتىنىمۇ ئېلىپ بولغان ئىدۇق، يىگىتىم مەندىن بىرگە بولۇشنى ئۆتۈنۈپ كېتىپ بارىدۇ، مەن قارشىلىق قىلسام ئارىمىزدا سەل سوغاقچىلىق پەيدا بولۇپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ، يەنە بىرسى مېنىڭ توي قىلىپ بىر نەچچە ئايغىچە بالىلىق بولغۇم يوق ئىدى، قانداق قىلسام بولىدۇ، (بىر قېتىم بالنىستا يېتىپ قالغاندا دوختۇر مېنىڭ بالياتقۇمنىڭ كىچىك ئىكەنلىكىنى، تۇغۇت چەكلەش بۇيۇملىرىنى ئىشلەتسەم كېيىن بالىلىق بۇلۇشقا تەسىر يېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى) ، باشقىلاردىن ئاڭلىسام ئۇكۇل ئۇردۇسا تەسىرى ياخشى دەيدۇ، مەن قانداق قىلسام بۇلار؟ سوئاللىرىم بەك قالايمىقان بۇلۇپ كەتتى، شۇنداق بولسىمۇ ئېغىر كۆرمەي بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا.




ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
سىلەرنىڭ توي خېتى ئېلىپ بولغانلىقىڭلارنىڭ ئۆزى ھالال نىكاھلانغان ھېسابلانمايدۇ. توي خېتى سىزنىڭ ئۇ كىشى بىلەن توي قىلغانلىقىڭىزنىڭ قانۇنى ئاساسى بولغان بولسا نىكاھلىنىش بىزنىڭ 1000 يىللاردىن بېرىقى دىنى ئىتىقادىمىز، ئۆرپ-ئادىتىمىزدۇر. نىكاھلانماي تۇرۇپ ئىپپىتىنى يوقاتقان قىزلارنىڭ ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلىرى، ئۇلارنىڭ قانداق قىلىمەن؟ نېمە قىلىمەن؟ دەپ ئۇرۇۋاتقان ئاھ زارلىرى كۆز ئالدىمىزدا كەڭرى تۇرۇپتۇ. شۇڭا يەنىلا تەكىتلەيدىغىنىمىز ئۆزىڭىزنى قەدىرلەڭ! ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىڭىزنى تاكى شۇ توي كېچىسىگىچە قەدىرلەپ، ئاۋايلاپ ساقلاڭ! ئۇنىڭ ھەرقانداق ئۆتۈنىشىنى چىرايلىقچە ھەل قىلىڭ، مۇمكىن بولسا ئۇنىڭ بىلەن توي كۈنىگىچە كۆپ ئۇچراشماڭ! ئۇنىڭ سىزگە نىسبەتەن شۇنداق قالايمىقان خىياللارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرمەڭ! ئەگەر ئۇ راستلا سىزنى قەدىرلىسە، سۆيسە شۇ كۈنگىچە سەبرى قىلىدۇ. 10 كۈن ئۇنچە كۆپ ۋاقىت ئەمەسقۇ؟ ئاسان قولغا كەلگەن نەرسىنىڭ قەدرى بولمايدىغانلىقى ئېنىق! ھالال نىكاھلاپ ئالمىغان قىزنىڭ ئىپپىتىگە تاجاۋۇز قىلىشقا ھەرقانداق بىرسىنىڭ ھەققى يوق! گەرچە ئۇ سىزنىڭ توي قلماقچى بولغان توي خەت ئېلىپ بولغان كەلگۈسى ئېرىڭىز بولسىمۇ؟! 
سىزنىڭ بالىياتقۇڭىزنىڭ كىچىك ئىكەنلىكى ئېنىق ئايرىلغان بولسا مېنىڭچە بالىلىق بولالىشىڭىزمۇ ئانچە ئاسان بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇنداق ئەھۋالدا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى كۆرۈش تازا ياخشى بولمايدۇ. ناۋادا ھامىلىدار بولۇپ قالسىڭىز ياخشى ئەمەسمۇ؟ شۇڭا يەنىلا بۇ خىيالنى تاشلاڭ. 
________________ سەفىيە


ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم ياخشىمسىز !
مەن تولۇق ئوتتۇرىنىڭ بىر قىز ئوقۇغۇچىسى ماڭا ھەيز كەلمىگىنى 5 ئايدەك بولۇپ قالدى بۇ قانداق ئەھۋالدۇ؟ سىزدىن سورايدىغان يەنە بىر سوئالىم باتتى بىز سىنىپتا دائىم توي كېچىسنىڭ گېپىنى قىلىپ ئولتۇرىمىز، بۇ نۇرمالمۇ يا بىز بالدۇر يېتىلىپ كەتتىقمۇ؟ توي كېچىسى شۇنداق قورقۇنۇشلۇقمۇ؟

جاۋاب: 
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
ھەيز تۇتۇلۇشنىڭ سەۋەبى خىلمۇ خىل بولىدۇ. ھەر خىل نېرۋا، روھىي ئامىللار، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، قان ئازلىق، قان ئايلىنىش ياخشى بولماسلىق، جىنسي يول پۈتەيلىك، بالياتقۇ مىزاجىنىڭ قۇرۇقلۇقى ئىشىپ كېتىش، قان تومۇرلاردا توسۇلۇش، قان قويۇلۇش دېگەندەك. شۇڭا ھەيز تۇتۇلۇشنى داۋالىغاندا سەۋەبچى ئامىللارغا قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 
17-18 ياشلارغا كىرگە قىزلار ئۈچۈن توي كېچىسىنىڭ پارىڭىنى قىلىش ئۇنچە بىنۇرمال ھادىسە دېگىلى بولمايدۇ. لېكىن سورۇنۇڭلاردا يولدىن چىققان چوڭ قىزلار بولسا بۇنداق پاراڭدىن يىراق تۇرغىنىڭىز ئەبزەل!
جىنسىيەت بىلىملىرىنى شۇ ھەقتە يېزىلغان كىتابلاردىن ئوقۇپ بىلىۋالغاننىڭ كېيىنكى تۇرمۇشقا، ۋە سالامەتلىككە بولغان پايدىسى كۆپ. 
توي كېچىسى قىزلار زىيادە قورقۇپ كېتىپ ئۆزىنى يوقىتىپ قويمىسا، مۇۋاپىق پەيتلەردە يولدىشىغا تولۇق ماسلاشسىلا قورقۇنۇچلۇق ئەمەس. ئەڭ قورقۇنۇچلۇق بولغىنى تويدىن بۇرۇن قىزلىق ئامانەتكە خىيانەت قىلىشتۇر!
____________ بىرزات

دوختۇر ياخشىمۇ سىز؟ مەن تۇي قىلىش ئالدىدا تۇرمەن، مەن بەكلا ھېسسىياتچان، ئەگەر توي كېچىسى مەن يولدىشىمغا ماسلاشسام ئۇ خاتا چۇشۇنۇپ قالارمۇ؟ 
جاۋاب: 
ھېسسىياتى كۈچلۈك بولۇش ئەيىپ ئىش ئەمەس. ئەكسىچە ئۇنى ئەدەپ، شەرمىي-ھايا بىلەن زىننەتلىگەندە ئارتۇقچىلىق ھېسابلىنىپ شۇ سەۋەبلىك نىكاھنىڭ تۇنجى كۈنى ئەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولىشى مومكىن. ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، يېگىتلەرنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغىنىمۇ قىزلارنىڭ توي كۈنى ئاخشىمى قېتىپ، بەزدەك تۇرىۋىلىشىدۇر. تەشەببۇسكارلىق، تارتىنچاقلىق دېگەنلەرنى نۇرمال، ئۆز يولىدا ئېلىپ بارالىسىڭىزلا ئارتۇقچە ئەنسىرىشىڭىز ھاجەتسىز!
سىزگە بەخىت تىلەيمەن! 
__________ بىرزات


ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم.
مەن مۇشۇ ئايدا توي قىلماقچى ئىدىم. سەل ئەنسىرەپ قالدىم. ئاپام ماڭا بۈگۈن چۈشۈنۈكسىز بىر ئىشنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. مەن پەقەتلا قوبۇل قىلالمايۋاتىمەن...
ئاپامنىڭ دېيىشىچە مېنى جۈمە كۈنى توغۇپتىكەن. شۇڭا مېنى قىز چىقمايسەن. يولدىشىڭغا بۇ ئىشنى يېقىنچىلىق قىلىشتىن بۇرۇن ئەسكەرتىپ قوي دەيدۇ. مەن نېمە دېيىشنى بىلەلمىدىم. شۇڭا قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى مۇشۇ تور ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلاي دەپ بۇ پىكىرنى يوللىدىم. سىزدىن سورىماقچى بولغىنىم «جۈمە كۈنى توغۇلغان قىزلارنىڭ قىز چىقماسلىقى» توغرىسىدا بولۇپ، سىزنىڭ ماڭا تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ قويۇشىڭىزنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن.

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
بۇ پەقەتلا ئىلمى ئاساسى يوق خۇراپىي قاراش، خالاس. ئەگەر قىزلىق پەردە ئوبدان ئاسرالمىسا باشقا كۈنلىرى تۇغۇلغانلارمۇ توي كۈنىسى قىز چىقماي قالىدۇ. شۇڭا بۇ ھەقتە ئارتۇقچە ئەندىشە قىلىپ كەتمەڭ!
_________ بىرزات

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەن سىزدىن بىر سوئال سورىماقچى ئىدىم!
مېنىڭ توي قىلىش ئالدىدا تۇرغان يىگىتىم بار ئىدى! ئۇ مېنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدۇ! مەنمۇ شۇ!
لېكىن يېقىندىن بېرى ئۇ ماڭا «سىز بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگۈم بار» دەپ تۇرىۋالدى! مېنىڭمۇ شۇنداق قىلغۇم بار! لېكىن ئۇ ئىش بولغاندىن كېيىن تويدىن كېيىنكى تۇرمۇشۇمغا زىيان يېتىشىدىن بەكلا قورقىمەن! سىزنىڭ ماڭا مەسلىھەت بېرىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن! 
رەخمەت! 

جاۋاب: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام:
ئاسان قولغا كەلگەن نەرسىنىڭ قەدىر-قىممىتى بولمايدۇ، ئىپپىتىنى يوقاتقان قىزلارنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشى ھەققىدە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرى .. چەككەن كۈلپەتلىرى ... ۋە خىلمۇ خىل ئالدامچىلىقلار بىلەن توي كېچىسنى ئۆتكۈزۈپ جەمئىيەتتە ئومۇميۈزلۈك قىز-ئاياللارنىڭ قەدىرسىز، ئېتىبارسىز ھالەتكە قالدۇرۇپ قويغان مىساللار ئەتراپىمىزدا بەكمۇ كۆپ. شۇڭا سىزنىڭ يېنىكلىك بىلەن بۇ ئىشقا يول قويماسلىقىڭىزنى، ئوزىڭىزنى قەدىرلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. 
ئىپپەتلىك قىز-ئاياللاردىن بولۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن.
ئاتالمىش يىگىتىڭىزنىڭ ئۇ خىلدىكى تەلەپنى سىزگە قويۇشى ئەمەلىيەتتە سىزنى ھۆرمەتلىمىگەنلىك، قەدىرلىمىگەنلىك، مۇنداقچە ئېيتقاندا سىزنى خورلىغانلىق دەپ قارايمەن. ھەرگىز يەڭگىللىك قىلماسسىز.

ئەي يىگىت! ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن قىز، سىز ئىپپىتىگە قول سۇنماقچى بولغان ئاشۇ قىز سىزنىڭ بىزنىڭ ئاچا سىڭلىمىز، ھەم كەلگۈسىدىكى پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئانىسى.. كەلگۈسىنىڭ ئانىسىنى قەدىرلەڭ. قىزنىڭ ئىپپىتىگە قول سۇنۇشقا سىزنىڭ ھەققىڭىز يوق!
____________________ سەفىيە 

مەنبە : 80 خالتا بىلوگى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى