ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تەبئىي بويىدىن ئاجىراپ كېتىشكە قارىتا قوغداش ئېلىپ بېرىش كېرەكمۇ؟

تەبئىي بويىدىن ئاجىراپ كېتىشكە قارىتا قوغداش ئېلىپ بېرىش كېرەكمۇ؟

ۋاقتى: 2016-07-08 ئاۋاتلىقى: 636 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تەبئىي بويىدىن ئاجىراپ كېتىشكە قارىتا قوغداش ئېلىپ بېرىش كېرەكمۇ؟

 نۇرغۇن ئادەملەر بويىدىن ئاجىراپ كېتىشنى بالىنىڭ ھاياتىغا ۋە ھامىلىنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش دەپ قارايدۇ. شۇڭا پۈتۈن ھەممەيلەن ھامىلىنى قوغداشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. بېراق ھامىلىنى قوغداشتا ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە قوغداش ئېلىپ بارماسلىق كېرەك. ئىستاستىكىغا ئاساسلانغاندا ، ھاممىلىدار ئاياللارنىڭ %15تىدە تەبئىي بويىدىن ئاجىراش كېلىپ چىقىدىكەن. يەنە كىلپ بىر قىسىم ھامىلىدار ئاياللار بويىدىن ئاجىراپ كېتىشنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيدىكەن، بويىىدىن ئاجىراپ كېتىشنىڭ خىروموسوم ئانالىزى كىشىنى ھەيران قىلدۇرىدۇ. ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن 2~3ئاي بولغاندا بويىدىن ئاجىراپ كەتكەنلەرنىڭ %60تىدە خىروموسوم غەيرىيلىكى كۆرۈلگەن، 4ئاي بولغاندا بويىدىن ئاجىراپ كېتىش كۆرۈلگەنلەرنىڭ %50تىدە خىروموسوم غەيرىيلىكى كۆرۈلگەن، ئەگەر بۇ ھامىلىلەر قوغداپ قېلىنسا ھامىلىدە تۇغما خاراكتىرلىك كەمتۈكلۈك ياكى يېتىلىش نۇرمال بولماسلىق قاتارلىقلار كېلىپ چىقىدۇ. سۈپەتلىك تۇغۇت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تەبئىي بويىدىن ئاجىراش بولسا ئىنسانلارنىڭ تاللاش ۋاستىسى بولۇپ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئەمەس. شۇڭا بويىدن ئاجىراشقا نىسبەتەن ئەر-ئايالنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئويلىشىپ، قوغداش ئېلىپ بېرىش ياكى ئېلىپ بارماسلىقىنى بەلگىلەش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى