ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بويىدىن ئاجراپ كېتىشنىڭ تۈرلىرى(3)

بويىدىن ئاجراپ كېتىشنىڭ تۈرلىرى(3)

ۋاقتى: 2016-06-28 ئاۋاتلىقى: 565 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بويىدىن ئاجراپ كېتىشنىڭ تۈرى ئەمەلىيەتتە بويىدىن ئاجراشنىڭ ئوخشاش بولمىغان باسقۇچلىرى ھېسابلىنىدۇ
ئالدىنقى بۆلەكلەردە سۆزلەپ ئۆتكەن تۈرلىرىدىن سىرت، بويىدىن ئاجراشنىڭ ئۈچ خىل ئالاھىدە ئەھۋالى بار:
تۇرۇپ قالغان بويىدىن ئاجراش: ھامىلە ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ بالىياتقۇنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ قېلىپ، تەبىئىي ھالدا چىقىرىپ تاشلانمايدۇ. ھامىلە ئۆلگەندىن كېيىن بالىياتقۇ چوڭايماستىن بەلكى كىچىكلەپ كېتىدۇ، بالدۇر ھامىلىدارلىق ئىنكاسلىرى يوقايدۇ. ئەگەر ئوتتۇرا مەزگىلدىكى ھامىلىدارلىق بولسا، ھامىلىدار ئايالنىڭ قورسىقىنىڭ چوڭايغانلىقىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، ھامىلە ھەرىكىتى يوقايدۇ. ئاياللار تەكشۈرۈشىدە بالىياتقۇ بوينى ئېغىزى ئېچىلمىغانلىقىنى، بالىياتقۇنىڭ ئادەت توختىغان ۋاقىتتىن كىچىك بولىدۇ، يۇمشاق بولمايدۇ. ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى ئاڭلىغىلى بولمايدۇ.


ئادەت خاراكتېرلىك بويىدىن ئاجراش: تەبىئىي بويىدىن ئاجراش قېتىم سانى ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. يېقىنقى يىلدىن بۇيان خەلقئارادا قوزغىلىشچان بويىدىن ئاجراش ئادەت خاراكتېرلىك بويىدىن ئاجراشنىڭ ئورنىنى ئالماقتا. ھەر قېتىملىق بويىدىن ئاجراش كۆپىنچە ئوخشاش بولغان ھامىلىدارلىق ئېيىدا يۈز بېرىدۇ، كىلىنىكىلىق جەريانى ئادەتتىكى بويىدىن ئاجراش بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. دەسلەپكى مەزگىلدىكى بويىدىن ئاجراشنىڭ سەۋەبى سېرىق تەنچە ئىقتىدارىنىڭ ياخشى بولماسلىق، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش، خىروموسۇملارنىڭ غەيرى بولۇپ قېلىشى قاتارلىقلاردۇر. ئاخىرقى مەزگىلدىكى بويىدىن ئاجراشنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان سەۋەبى بولسا بالىياتقۇ بوينى ئىچكى ئېغىزىنىڭ بوشىشىپ كېتىشى، بالىياتقۇنىڭ غەيرى ئۆسۈپ قېلىشى، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى قاتارلىقلاردۇر. بالىياتقۇ بوينى بوشىشىپ كەتكەنلەردە بۇ خىل ئەھۋال ھامىلىدارلىقتىن كېيىن، ئادەتتە ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلى، ھامىلە چوڭ بولۇپ، باش سۈيى زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىپ، بالىياتقۇ ئىچكى بېسىمى ئارتىپ، ھامىلە قېپى ھامىلە بوينى ئىچكى ئېغىزىدىن چىققاندىن كېيىن، بالىياتقۇ بوينى يولى بارغانسېرى قىسقىراپ، كېڭىيىدۇ. بىماردا كۆپىنچە ئالامەت سېزىلمەيدۇ، باش سۈيى پەردىسى يىرتىلىپ، ھامىلە تېزدىن چىقىدۇ.



بويىدىن ئاجرىغاندىكى يۇقۇملىنىش: بويىدىن ئاجرىغان جەرياندا، جىنسىي يولدىن قان ئېقىش ۋاقتى زىيادە ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، توقۇلمىلار بالىياتقۇنىڭ ئىچىدە قالسا ياكى قانۇنسىز ھامىلە چۈشۈرگەندە، بالىياتقۇ ئىچىدىكى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئېغىر بولغاندا يۇقۇملىنىش داس بوشلۇقى، قورساق بوشلۇقىغا ھەتتا پۈتۈن بەدەنگە يامرايدۇ، ھەمدە داس بوشلۇقى ياللۇغى، قورساق پەردىسى ياللۇغى، سېپتىتسېمىيە ھەمدە يۇقۇملۇق خاراكتېردىكى شۈك بولۇپ قېلىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى