ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئاياللار كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندىمۇ يەنىلا ھامىلدار بولغىلى بولامدۇ؟

ئاياللار كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندىمۇ يەنىلا ھامىلدار بولغىلى بولامدۇ؟

ۋاقتى: 2016-06-23 ئاۋاتلىقى: 826 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئاياللار كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندىمۇ يەنىلا ھامىلدار بولغىلى بولامدۇ؟
ئاياللار كېسەللىكلىرىنى ياخشى داۋالىتىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ھامىلدار بولۇشقا تەييارلىق قىلسا بولىدۇ.ھامىلدار بولغۇچىنىڭ بەدىنىدە كېسەللىك بار بولغان مەزگىلدە بەدەندە نۇرغۇنلىغان خەتەرلىك ئامىللار مەۋجۈت، بۇ ئامىللار ھامىلىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا پايدىسىز.بۈگۈنكى جەمئىيتىمىزدە دۆلىتىمىز سۈپەتلىك تۇغۇش،ساغلام بېقىشنى تەشەببۇس قىلماقتا،چۈنكى كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشى ئۈچۈن ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ ياخشى بولغان مۇھىت ۋە سەھنە ھازىرلاپ بېرىش مەسئۇلىيىتى بار.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كېسەللىكنى ياخشى داۋالاپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ھامىلدار بولۇش ئۆزىمىزنىڭ تەن-سالامەتلىكىمىزگىمۇ مەسئۇل بولغانلىق ھەمدە پۈتكۈل ئائىلىنىڭ ئىناق ۋە شاد-خوراملىقىنىڭ ئاساسى.

ئۇسۇلى:
1.ھامىلدار بولۇش ئاياللارنىڭ ھاياتىدىكى مۇھىم بولغان فىزولوگىيەلىك جەريان،ئاياللار كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش ئۇنچە قورقۇنچلۇق ئەمەس.بۈگۈنكى جەمئىيتىمىزنىڭ سەھىيە شەرت-شارائىتلىرى ئەۋزەل،پەقەت مۇۋاپىق داۋالىسىلا سالامەتلىكى ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىدۇ.ساغلام بەدەن بولغاندىلا ساغلام بوۋاق تۇغقىلى بولىدۇ.
2.تۆۋەندە ھامىلدار بولۇشتىن ئىلگىرى قانداق تەييارلىقلارنى قىلىش كېرەك؟
ئاۋال تەن سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك،ئاساسلىقى قان رايى،سۈيدۈك رايى،قان بېسىم قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپتىكى تەكشۈرتۈشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،ئۆز بەدىنىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا مەسئۇل بولۇش كېرەك.قالايمىقان دورا ئىستىمال قىلماسلىق،مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش،دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىش قاتارلىق ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك،ئەگەر بەدىنىدە ياللۇغ بولسا ۋاقتىدا داۋالىتىپ ساغلام بوۋاق تۇغۇش ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىش كېرەك.
3.ئاياللار كېسەللىكى نۇرغۇن ئاياللارغا نىسبەتەن ھەرۋاقىت ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئازاپ ئېلىپ كېلىدۇ،ئاياللار كېسەللىكى ئاساسلىقى ئادەتتە تازىلىققا دىققەت قىلماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن خانىم-قىزلار ئاياللار كېسەللىكىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك،ئەگەر ھامىلدار بولۇشنى ئويلىسا مۇددەتتىن بۇرۇن ئاياللار كېسەللكىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ بوۋىقىنىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىشى ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق قىلىشى كېرەك.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:ئەگەر سىز ساغلام بىر بوۋاققا ئېرىشىشنى ئويلىسىڭىز تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈشېلىپ بېرىش  ئىنتايىن مۇھىم.يىمەكلىك جەھەتتىن ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ۋە تەن سالامەتلىك جەھەتتىكى تەييارلىق قاتارلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.ئانا بولغۇچىغا خىزمەت بېسىمىنى يەڭگىللىتىش،يېتەرلىك ئارام ئېلىش تەكلىپىنى،دادا  بولغۇچىلارغا بولسا ھاراق-تاماكا تاشلاش تەكلىپىنى بېرىمىز.  

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى