ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەرلەرنىڭ 30-35 ياشتا كۆرگەن پەرزەنتى ئەڭ ئەقىللىق بولىدۇ

ئەرلەرنىڭ 30-35 ياشتا كۆرگەن پەرزەنتى ئەڭ ئەقىللىق بولىدۇ

ۋاقتى: 2015-04-28 ئاۋاتلىقى: 719 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

پەرزەنت كۈرۈش مەسلىسىدە تەتقىاتچىلەرنىڭ كۆزدە تۇتىدىغىنى ئېرسىيەتتۇر.
فىرانسىيەلىك ئېرسىيەتشۇناس مولىسنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ئەرلەرنىڭ 30-35 ياش مەزگىلىدە كۆرگەن پەرزەنتلىرى ئەڭ سۈپەتلىك بولىدىكەن. ئەرلەرنىڭ ئۇرۇق سۈپىتى 30 ياش ئەتراپىدا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدىغان بولۇپ بۇ يۇقىرى مەزگىل ئۇدا بەش يىل داۋاملىشىدىكەن.

خوتۇنلارنىڭ ئەڭ ياخشى پەرزەنت كۈرۈش يېشى 20-30 ياش
20—30 ياش خوتۇنلارنىڭ ئەڭ ياخشى ھامىلىدارلىق ياش مەزگىلى بولۇپ، بۇ مەزگىللىرىدە خوتۇنلار جىسىمانى جەھەتتە (پۈتۈن بەدەن) تولۇق پىشىپ يېتىلدىكەن. تۇخۇمنىڭ سۈپىتى يۇقىرى بولىدىكەن. بۇ مەزگىلدە ھامىلىدار بولۇپ تۇغسا ھامىلىدارلىقنىڭ خەتىرى ئاز، تۆرەلمىنىڭ ئۆسۈشى ياخشى بولۇپ، بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش، غەيرىي تۇغۇلۇپ قېلىش، دېۋەڭ تۇغۇلۇپ قېلىش نىسبىتى تۆۋەن بولىدىكەن.

بۇ ياش باسقۇچىدىكى ئەر-خوتۇنلارنىڭ تۇرمۇش تەرجرىبىسىمۇ نىسبەتەن مول بولۇپ، روھى كۈچى ئۇرغۇپ تاشقان بولىدۇ. ھەم ھامىلىنى ئوبدان پەرۋىش قىلالايدۇ. ئەگەر خوتۇنلار زىيادە بالدۇر (كىچىك) ھامىلىدار بولۇپ تۇغسا، تۆرەلمە ۋە تېخى يېتىلۋاتقان ئانا ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇقلۇق تالىشىش يۈز بېرىپ ھامىلە ۋە ئانىنىڭ سالامەتلىكىگە  زىيان يېتىدۇ.

ئەڭ ياخشى پەرزەنت كۈرۈش ياش گوروپپىسى، ئەر خوتۇنغا قارىغاندا 7 ياش ئەتراپىدا چوڭ بولۇش

بۇلاردىن كۈرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، ئەرخۇتۇنلار ھامىلىدارلىقنىڭ سۈپەتلىك ياش گوروپپىسى ئەر خوتۇندىن 7 ياش ئەتراپىدا چوڭ بولغاندا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. ئاتىنىڭ يېشى چوڭراق بولسا ئەقىل پاراسىتىمۇ پىشىپ يېتىلدىغان بولۇپ كېيىنكى ئەۋلادلاردا ئېرسىيەت قالدىغان «مەخپىي كود» (ئاتىنىڭ ئەقىل پاراسىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ—تەرجىمە قىلغۇچىدىن) لار كۆپرەك بولىدۇ. خوتۇنلار ياش بولسا ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بولۇپ بولۋاقلارغا ياخشى بولغان بىر  ھامىلىدارلىق مۇھىتى يارىتىپ بېرەلەيدۇ. ھەمدە تۆرەلمىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگىمۇ پايدىلىق. شوڭلاشقا بۇخىل مۇنەۋۋەر گوروپپىدىن» (ئەر-خوتۇندىن 7 ياش چوڭ بولغان ياش گوروپپىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ—تەرجىمە قىلغۇچىدىن) دىن ئاسانلا كېيىنكى تالانت ئىگىللىرى تۇغۇلىدۇ.

مەنبە: جىنسىيەت تورىدىن ئېلىندى (مەزكۇر بېكەتنىڭ تولۇق رۇخسىتى بىلەن يوللاندى.)
http://man.ewsos.com/a/20140401/991051.html

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى