ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۆتكە تاش چۈشۈش كېسەللىكى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكى، ھاياتلىق خەۋپى

ئۆتكە تاش چۈشۈش كېسەللىكى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكى، ھاياتلىق خەۋپى

ۋاقتى: 2016-01-21 ئاۋاتلىقى: 1004 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۆت سۇيۇقلۇقى ۋە ئۇنىڭ رولى

نورمال ئەھۋالدا ئادەملەر ئىستىمال قىلغان ئۇزۇلۇقلار ئاشقازان، ئۈچەيدىكى ھەزىم قىلىنىش جەريانىنى تاماملاپ جىگەرگە سۈمۈرۈلگەندىن كىيىن، جىگەرنىڭ خىلىت ئىشلەپچىقىرىش فونكىسىيەسىنىڭ تۈرۈتكىسىدە ھاياتلىقنىڭ ئاساسى ماددىلىرى بولغان تۆت خىلىت ھاسىل بۇلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى سەپرا خىلىتىنىڭ ئاساسى قىسمى باشقا خىلىتلارغا قۇشۇلۇپ، جىگەر سول ۋىناسى ئارقىلىق تۈۋەندىكى كاۋاك ۋىناغا قۇيۇلىدۇ. سەپرا خىلىتىنىڭ تەركىبى قىسمى بولغان ئۆت سۇيۇقلۇقى جىگەرنىڭ ئوڭ ۋە سول قانىتىدىن چىققان ئۆت نەيچىلىرى ئارقىلىق ئۆت خالتىسىغا قۇيۇلىدۇ.

 

ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى

ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاساسىي تەركىبى بولغان ئۆت تۇزلىرى تۈۋەندىكىدەك رول ئوينايدۇ.

1. ئۆت سۇيۇقلۇقى مايلىق يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش رۇلىنى ئوينايدۇ.

2. مايدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن A، ۋىتامىن D، ۋىتامىن E، ۋە ۋىتامىن K لار ئۈچەيدە ئۆت تۇزلىرى بولغان شارائىتتىلا ئاندىن قانغا سۈمۈرىلىدۇ.ئەگەر بەدەندە ئۆت تۇزلىرى ئۇزاق مۇددەت كەمچىل بولسا يۇقىرىدىكى ۋىتامىنلار يېتىشمەسلىك ئەھۋاللىرى كۈرۈلىدۇ.

3. ئوزۇقلۇقلار تەركىبىدىكى تۈمۈر، كالتىسىي قاتارلىقلار ئۆت تۇزلىرىنىڭ تەسىرى ئارقىلىق ئۈچەيدە ئۇڭۇشلۇق سۈمۈرلىدۇ.

4. ئۆت تۇزلىرى ئۈچەيدىكى بەزى چىرىتكۈچى باكتېرىيىلەرنىڭ ئۆسۈش ۋە كۆپىيىشىنى تىزگىنلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۈچەي يوللىرىدىكى ئۇزۇقلۇقلارنىڭ زىيادە ئېچىپ كېتىشى كونتىرول قىلىنىپ تۇرىدۇ.

5. ئۆت تۇزلىرىنىڭ تەسىرىدە جىگەر ھۈجەيرىلىرى ئۆت سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ، ئۇنىڭ ئۈچەيگە قۇيۇلۇپ تۇرۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

6. ئۆت تۇزلىرى ئىنچىكە ئۈچەي ۋە بوغماق ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتىنى پەيدا قىلىدۇ، چوڭ تەرەتنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

7. ئۆت تۇزلىرىنىڭ تەسىرىدىن ئۆت سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى خولىستىرىنلار ئېرىگەن ھالەتتە بۇلىدۇ. ئۆت سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى يەنە بىر مۇھىم ماددا بىلىروبىن بۇلۇپ، ئۇ قىزىل قان ئاقسىلى پارچىلانغاندىن كىيىن تەركىبىدىكى تۈمۈر ماددىسىدىن ئايرىلىپ ھاسىل بۇلىدۇ. بىلىروبىن جىگەر ھۈجەيرىسىدە پارچىلىنىپ ئۆت سۇيۇقلۇقى تەركىبىگە كىرىپ، ئۆتنى سېرىق رەڭگە كىرگۈزىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۈچەي ئارقىلىق سىرىتقا چىقىپ كىتىدۇ. ناۋادا ئۆت سۇيۇقلۇقى ئۆتتىكى تاش سەۋەبىدىن تۇسالغۇغا ئۇچرىغان بولسا، 12 بارماق ئۈچەيگە قۇيۇلالماي قانغا ئۈتىدۇ. نەتىجىدە تىرە ۋە كۆز ئېقىدا سېرىقلىق پەيدا بۇلىدۇ. تىرە بەكرەك سارغىيىپ كەتسە قىچىشىدۇ.

 

ئۆتكە تاش چۈشۈش كېسەللىكى

ئۆتكە تاش چۈشۈش كېسەللىكى يۇشۇرۇن تەرەققى قىلىش خاراكتېرگە ئىگە كېسەللىك بۇلۇپ، ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللاردا ۋە بىر قەدەر سىمىز ئەرلەردە كۆپرەك كۈرىلىدۇ.

ئۆت يۇلى سېستىمىسى جىگەر تۇقۇلمىلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئۆت سۇيۇقلۇقىنى زاپاس ساقلايدىغان ۋە 12 بارماق ئۈچەيگە يەتكۈزۈپ بىرىدىغان ئۆت يۇلى نەيچىلىرى ۋە ئۆت خالتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۆت يۇلى نەيچىلىرى جىگەر ئىچى ئۆت نەيچىسى ۋە جىگەر سىرتى ئۆت نەيچىسى دەپ ئىككىگە بۈلىنىدۇ. جىگەرنىڭ ئوڭ ۋە سول قانىتىدىن چىققان ئۆت نەيچىسى قۇشۇلۇپ جىگەر غول نەيچىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. جىگەر غول نەيچىسىنىڭ ئۆت خالتىسى بوينى بىلەن تۇتاشقاندىن كىيىنكى قىسمى ئۆت غول نەيچىسى دىيىلىدۇ. ئۆت سۇيۇقلۇقى شۇ يول بىلەن دەسلەپ ئۆت خالتىسىغا ئۇنىڭدىن كىيىن ئۆت يۇلى غول نەيچىسى ئارقىلىق 12 بارماق ئۈچەيگە قۇيۇلىدۇ. ئۆت يۇلى غول نەيچىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 6~8 سانتىمىتىر، دىئامىتىرى 5~8 مىللىمىتىر كېلىدۇ. ئۆت يۇلى غول نەيچىسى كۆپىنچە 12 بارماق ئۈچەيگە ئۇلىنىشتىن بۇرۇن ( تەخمىنەن %70 قىسمى ) ئاشقازان ئاستى بېزى نەيچىسى بىلەن قۇشۇلۇپ ئاندىن 12 بارماق ئۈچەيگە ئۇلىنىدۇ. شۇڭا ئۆتكە تاش چۈشۈش كېسەللىكىدە ئۆت يۇلىدىكى تۇسالغۇ سەۋەبىدىن ئۆت سۇيۇقلۇقى ئاسانلا ئاشقازان ئاستى بېزى نەيچىسىگە ئېقىپ كىرىپ، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۆت خالتىسىنىڭ ئارقا يۈزى جىگەرگە چاپلىشىپ تۇرىدۇ. ئۆت خالتىسى جىگەرنىڭ ئوڭ ۋە سول قانىتى چىگرىسىنىڭ ئالدى تەرىپىگە توغرا كىلىدۇ. ئۆت خالتىسىنىڭ سىرىتقى شەكلى نەشپۈتكە ئوخشىشىپ كىتىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 7~9 سانتىمىتىر، كەڭلىكى 2.5~3.5 سانتىمىتىر كىلىدۇ. ئۆت خالتىسى ئۆت خالتا تۈۋى، ئۆت خالتا گەۋدىسى ۋە ئۆت خالتا بوينى دەپ ئۈچ قىسىمغا بۈلىنىدۇ. ئۆت خالتىسىنىڭ ئارقا يۈزىگە جىگەر چاپلىشىپ تۇرىدۇ.

 

ئۆتكە تاش چۈشۈشنىڭ كىلىنىكلىق ئىپادىسى

ئۆتكە تاش چۈشۈش كېسەللىكى يوشۇرۇن تەرەققى قىلىش خاراكتېردىكى كېسەللىك بولغاچقا، بۇ كېسەللىككە دۇچار بولغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى بىمار كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئۈزى كېسەللىك ئالامىتىنى سىزەلمەيدۇ. كېسەللىكنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ بىماردا تەدىرىجىي ھالدا كۆپ كىكىرىش، ھۆ تۇتۇپ ئاچچىقسۇ ياندۇرۇش، يىگەن تاماقلارنى قۇشۇش، قورسىقىنىڭ ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قىسمى كۈيىۋاتقاندەك سېزىم پەيدا بۇلۇش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، مايلىق تاماقلاردىن سەسكىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۈرۈلۈشكە باشلايدۇ. مايلىق گۆش ۋە تەركىبىدە ماي بولغان يىمەكلىكلەرنى يۇقىرىقى ئالامەتلەر تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ خىل ئالامەتلەر بىر مەزگىل داۋاملاشقاندىن كىيىن، قۇرساقنىڭ ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قىسمىدا، يەنى ئۆت خالتىسىنىڭ ئۇدۇلىدا تۇتقاقلىق قادىلىپ ئاغرىش ياكى مۇجۇپ ئاغرىش سىزىمى پەيدا بۇلىدۇ ھەمدە كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلىشىپ كۈچىيىپ بارىدۇ. كېسەللىك ئېغىرلاشقانسىرى تۇتقاقلىق ئاغرىقنىڭ قوزغىلىش ئارىلىقى قىسقىرىپ، داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزىرايدۇ. بىمار ئاغرىق ئازابىغا چىدىيالماي، دائىم ئالدىغا ئىگىلىپ قولىدا ئوڭ تەرەپ بېقىنىنى تۇتىۋالىدۇ. ئاغرىق ئوڭ تەرەپ تاغاق ساھەلىرىگىچە تارقىلىدۇ، كۆيۈپ ئاغرىيدۇ. بۇ كېسەللىك كۆپىنچە كۈز ۋە قىش پەسىللىرىدە كۆپ قوزغىلىدۇ.

 

ئۆتكە تاش چۈشۈشنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكى

1. ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ئۆت خالتىسى ياللۇغى.

2. ئۆتكۈر خاراكتېرلىك يېرىڭلىق ئۆت خالتىسى ياللۇغى.

3. ئۆت خالتىسىنىڭ تېشىلىشى.

4. سۇزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى. بۇ كېسەللىكنىڭ %50 نى ئۆت يۇلىدىكى تاش، ئۆت يۇلىنىڭ ياللۇغلىنىشى، ئۆت يۇلىنىڭ تۇسۇلۇشى، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى نەيچىسىگە كىرىشى پەيدا قىلىدۇ.

5. ئۆت خالتىسى راكى. ئۆت خالتىسى راكىنىڭ پەيدا بۇلۇش سەۋەبى باشقا راك كېسەللىلىرىگە ئوخشاشلا ئىنىق ئەمەس. لېكىن، بەزى ماتېرىياللاردا ئۆت خالتىسى راكىنىڭ ئۆت خالتىسى تېشى ۋە ئۆت خالتىسى ياللۇغى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، يەنە بەزى ماتېرىياللاردا %70~%80 ئۆت خالتىسى راكىنىڭ ئۆت خالتىسى تېشى بىلەن بىرلىكتە پەيدا بۇلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

 

ئۆتكە تاش چۈشۈش كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

ئۆتكە تاش چۈشۈش كېسەللىكى ئۆت يۇلى كېسەللىكىلىرى ئىچىدە كۆپ ئۇچىرايدىغان كېسەللىك بۇلۇپ، ئالدىنى ئېلىش ناھايىتى مۇھىم. ئالدىنى ئېلىشتا تۈۋەندىكى نوقتىلارغا ئەھمىيەت بىرىش لازىم.

1. مېۋە - چىۋە، سەي - كۆكتاتلارنى كۆپرەك، گۆشلۈك، مايلىق غىزالارنى ئازراق يىيىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش كېرەك. مىۋە - چىۋە، سەي - كۆكتاتلارنى كۆپرەك يىيىش، گۆشلۈك، مايلىق تائاملارنى كەمرەك يىيىش يۈرەك، مىڭە قان تۇمۇرى قېتىشىش، قاندىكى ماي ئېشىپ كېتىش، يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۆتتە تاش پەيدا بۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مىۋە - چىۋە، سەي - كۆكتاتلارنى كۆپ يەپ، گۆشلۈك، مايلىق تائاملارنى كەم يىيىش ئادىتى بەدەندە سەپرا خىلىتى كۆپىيىپ، ئۆز يۇلىدىن چىقىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماستىن، يەنە قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى خولىستىرىننىڭ بىرلىك مىقدارىنى نورمال ساقلاپ، ئۆتتە تاش پەيدا بۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

2. تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ۋە جىسمانىي ئەمگەككە مۇۋاپىق قاتنىشىپ تۇرۇش ئارقىلىق زىيادە سەمىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. زىيادە سىمىزلىك بىلەن ئۆتكە تاش چۈشۈش كېسەللىكى ئوتتۇرسىدا ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەت بار، شۇڭا ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈش ھەمدە يىتەرلىك دەرىجىدە تەنتەربىيە پائالىيتى ۋە جىسمانىي ئەمگەككە قاتنىشىپ بەدەننىڭ نورمال ئېغىرلىقىنى ساقلاش ئۆتكە تاش چۈشۈش كېسەللكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم ۋاستە ھېسابلىنىدۇ.

3. قەۋزىيەت بۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك. دائىم قەۋزىيەت بولىدىغانلار ۋاقتىدا تىۋىپقا كۈرۈنۈپ قەۋزىيەتنى ئۈزۈل - كىسىل داۋالاتسا، ئۆتكە تاش چۈشۈشتىن ساقلىنالايدۇ.

4. روھىي كەيپىيات تۇراقلىق بۇلۇش كىرەك. پاسسىپ روھىي كەيپيات نېرۋىلارنى كۈچلۈك غىدىقلاپ، ئۆت تەركىبلىرى ئالمىشىشنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا تۇرمۇشنى رەتلىك ئۇرۇنلاشتۇرۇپ روھىي كەيپىياتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۆتكە تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

 

قەۋزىيەت ۋە ئۆتكە تاش چۈشۈشنىڭ مۇناسىۋىتى

داۋاملىق قەۋزىيەت بولغۇچىلاردا قورساق ئىچكى بېسىمى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆت خالتىسىنىڭ رېتىملىق قىسقىرىش - كېڭىيىشى تەرتىپسىزلىنىپ ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئۆت يۇلى غول نەيچىسى ئارقىلىق 12 بارماق ئۈچەيگە چىقىرىپ بېرىلىشى مەلۇم دەرىجىدە تۇسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، بۇ ئارقىلىقمۇ ئۆت تېشى پەيدا بۇلىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى