ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ تۇنجى ھەپتىسىدە ھامىلىدار ئايالدا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر

ھامىلىدارلىقنىڭ تۇنجى ھەپتىسىدە ھامىلىدار ئايالدا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر

ۋاقتى: 2016-08-31 ئاۋاتلىقى: 618 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدارلىقنىڭ تۇنجى ھەپتىسى، ھامىلىدار بولغۇچى ئەمىلىيەتتە ھەقىقىي «ھامىلىدار» بولمىغاچقا، ئۇنى ھامىلىدار دەپ ئاتاش توغرا ئەمەس. بۇ ۋاقىتتىكى ئايال ئاخىرقى قېتىملىق ھەيز كېلىش دەۋرىدە بولۇپ، تۇخۇمدان ئالدىنقى ئايدا ئاجرىتىپ چىقارغان تۇخۇم تېخى ئۇرۇقلانمىغاچقا، ئۆزلۈكىدىن رودىمېنتلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئاجرىشى سەۋەبلىك ھەيز كېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئاجرىشىغا ئەگىشىپ، ھورمۇننىڭ تەسىرىدە، ئايالنىڭ تۇخۇمدېنى قايتىدىن تۇخۇم قويۇپ بېرىشكە باشلايدۇ.

 ئەگەر سىز مۇشۇ ئايدا ھامىلىدار بولۇشنى قارار قىلغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا، بۇ قېتىمقى "ھەيز كېلىش" تە، سىزنىڭ كەيپىياتىڭىزدا ئوخشىماسلىق بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى، ئەگەر مۇشۇ ئايدا ھامىلىدار بولۇشنى ئويلىسىڭىز، يەنە بىر قېتىم "ھەيز كېلىش" سىزنىڭ بالىڭىز تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئىككى قېتىملىق ئىمىتىش ۋاقتىدىن ھالقىپ كېتىشتەك "ئاۋارىچىلىق" قا دۇچ كېلىشىڭىز مۇمكىن. تەخمىنىي ھېسابلىساق، ئالاھەزەل بىر يېرىم يىلدىن كېيىنكى ئىش ھېسابلىنىدۇ. ئويلاپ بېقىڭ، ھەيز دەۋرىگە سەل قاراشقا بولامدىكەن؟
يەنە بىر مۇھىم سەۋەب:  تۇخۇم چىقىرىش ھەيز دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىدا يۈز بېرىدۇ، بىر پىشىپ يېتىلگەن تۇخۇم سىزنىڭ گېن ئۇچۇرىڭىزنى ئېلىپ يۈرگەن بولىدۇ، تۇخۇمداندىن چىقىرىلىپ، بالىياتقۇغا قاراپ ھەرىكەتلىنىدۇ. سىزنىڭ كەيپىياتىڭىز ئۇنىڭ "ساياھىتى" گە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، كەيپىياتىڭىزنى ئەركىن تۇتۇڭ، ئۇنىڭغا تەبئىي كەيپىيات بىلەن يۈزلىنىڭ، بىلىشىڭىز كېرەككى، ھەر بىر بوۋاقتنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بولغان ئاجايىپ ياخشى مۇناسىۋىتىنىڭ مەھسۇلىدۇر.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى