ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ تۇنجى ھەپتىسىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ھامىلىدارلىقنىڭ تۇنجى ھەپتىسىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ۋاقتى: 2016-02-06 ئاۋاتلىقى: 618 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىرىنچى، ئۇرۇقلىنىشقا پايدىسىز ئامىللاردىن يىراق تۇرۇش
سىز ئوماققىنە بالىڭىز بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ، ھامىلىدار بولۇشنى قارار قىلغان ئىكەنسىز، بۇ ۋاقىتتا چوقۇم ھاراق-تاماكىنى تاشلىشىڭىز كېرەك. چۈنكى زىيادە تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش ئۇرۇق ۋە تۇخۇمنىڭ غەيرىي يېتىلىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. بالىڭىزنىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىن غەيرى ھالەتتە بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدىغانسىز؟ ئۇنداق بولغان ئىكەن، بالىلىق بولۇشنى قارار قىلغاندىن كېيىن ھاراق-تاماكىنى تاشلىشىڭىز كېرەك.

 پىلانلىق بالىلىق بولۇش جەريانىدا، زەھەرلىك بويۇملارغا تەگمەسلىك كېرەك. مەسىلەن: مەست قىلغۇچى، دېھقانچىلىق دورىلىرى، ھاشارەت ئۆلتۈرگۈچ، قوغۇشۇن، سىماب، كادمىي قاتارلىقلار شۇنىڭدەك X نۇر قاتارلىق رادىئوئاكتىۋلىق نەرسىلەرگە يېقىنلاشماسلىق كېرەك. بۇ ۋاقىتتا، بەدەننىڭ ئەركىن، ئىختىيارى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، سىجىللىقى يۇقىرى ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىق ۋە زىيادە ئەمگەك قىلغان ئەھۋال ئاستىدا ھامىلىدار بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.



ئىككىنچى: ئىللىق تورالغۇ مۇھىتى يارىتىش كېرەك
تۇرالغۇنىڭ ھاۋاسى ساپ، پاكىزە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىمكانقەدەر ئۆيدىكى نەرسىلەرنىڭ رومانتىك، ئىللىق تىزىلىشىغا دىققەت قىلىش، شۇ ئارقىلىق سىمفونىيەلىك ئەركىن مۇھىت يارىتىش كېرەك. سىمفونىيەلىك ئەركىن مۇھىت ئۇرۇقلىنىشنىڭ ساغلام ئېلىپ بېرىلىشىغا پايدىلىق پۇرسەت يارىتىدۇ.
ئۈچىنچى: ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن مۇۋاپىق مىقداردا ئوزۇقلۇق تولۇقلاش كېرەك
بالىلىق بولۇشنى قارار قىلغان ئانا چوقۇم زاپاس مىقدارى ئاز بولغان ئوزۇقلۇقلارنى كۆپرەك يەپ بېرىشى، تېنىدە ئوزۇقلۇقنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك كېرەك. مەسىلەن: تەركىبىدە مول يۇپۇرماق كىسلاتاسى، سىنىك، تۆمۈر، كالتسىي قاتارلىقلار بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش. شۇ ئارقىلىق ھامىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى نورمال يېتىلىشىگە ياخشى ئاساس سېلىشى كېرەك. دادا بولغۇچى يىلانبېلىق، كەپتەر، كۈدە قاتارلىق تەركىبىدە سىنىك ۋە ئاممۇنىي كىسلاتاسى مول بولغان بۆرەك قۇۋۋەتلىگۈچى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىشى كېرەك. چۈنكى بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپەتلىك ئۇرۇقنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىدە مۇھىم رولى بار.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى