ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 3-ھەپتىسىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ھامىلىدارلىقنىڭ 3-ھەپتىسىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ۋاقتى: 2015-10-28 ئاۋاتلىقى: 651 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1) قوبۇل قىلىنغان ئوزۇقلۇقلار مۇۋاپىق بولۇش كېرەك
ھامىلىدار بولماقچى بولغان ئاياللار كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئادەتتە «قان ھاسىل قىلغۇچى تەبىئىي يېمەكلىك» بولغان ئاقسىل، زۆرۈر بولغان مىكرو ئېلېمېنتلاردىن سىنىك، مىس، يوپۇرماق كېسلاتاسى ۋە ۋېتامىن B12 قاتارلىق ماددىلار مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بەرسە بولىدۇ. مەسىلەن، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىدىن جىگەر، بۆرەك، قان، بېلىق، راك، تۇخۇم، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، قارا مور، قارا كۈنجۈت، چىلان، يەر ياڭىقى (خۇاسىڭ) ۋە يېڭى كۆكتات ، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار.


2) ئامال بار ئىسسىق تاماق يېيىش كېرەك
ئىسسىق تاماقلار ئاشقازاننى راھەتلەندۈرۈپ، قۇۋۋەتلەپ، پۈتكۈل ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا پايدىلىق بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئامال بار بەك سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش، بولۇپمۇ ناشتىدا ئىسسىق ئۇماچ، ئىسسىق سۈت، ئىسسىق سۇيۇقئاش قاتارلىقلار ئەڭ مۇۋاپىق.



3) دورا ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك
نۇرغۇن دورىلار تۆرەلمىنىڭ يېتىلىشىگە، ھەتتا ھامىلىدار ئانىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭلاشقا ھەر قانداق دورىنى ئىستېمال قىلماقچى بولسا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىش، ھەم ئالدى بىلەن ھامىلىدار بولغان بولمىغانلىقىنى مۇقىم تەكشۈرۈتۈپ بېقىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، تىببىي ئىستاتىستىكىدا، نۇرغۇن كىشىلەردە ھامىلىدار بولغان دەسلەپكى كۈنلەردە، خۇددى «زۇكام» بوپ قالغاندەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن، بوش قىززىش، ئاجىز يۆتىلىش قاتارلىقلار. بۇ ۋاقىتتا، مۇبادا سىز ئادەتتە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى قوللانمىغان بولسىڭىز، ھامىلىدار بولۇشقا تەييارلىنىۋاتقان بولسىڭىز، ھەرگىزمۇ ئالدىراپ دورا ئىشلەتمەڭ. چۈنكى نۇرغۇن زۇكام دورىلىرى تۆرەلمىگە ئىنتايىن زىيانلىق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. نەچچە كۈن ساقلاپ بېقىپ، مۇبادا زۇكام ئالامەتلىرى ئېغىرلاپ كەتكۈدەك بولسا، دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، مۇۋاپىق داۋالانسىڭىز بولىدۇ.
4) ساغلام تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈڭ
چوقۇم تولۇق ئۇيقۇغا قېنىپ ئۇخلاڭ ۋە روھىي كەيپىياتىڭىزنى ياخشى ساقلاڭ. يېتىپ قوپۇش ۋاقتىدا، ئويۇن تاماشا مۇۋاپىق، ئەمگەك ۋە دەم ئېلىش مۇۋاپىق بىرلەشكەن بولۇشى كېرەك. ھامىلىدار بولماقچى بولغان ئاياللار ئىلمىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋېلىشى، ھازىرقى زامان ئىلمىي ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈپ، كېچىسى ئۇخلىمايدىغان ئىشنى قىلماسلىقى، تاماق تاللىماسلىقى، ئۇششاق-چۈشەك يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى، ھاراق تاماكىنى تاشلىشى كېرەك.



5) گىرىم بويۇملىرىڭىزنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ
بەزى گىرىم بويۇملىرىدا زىيانلىق خىمىيەلىك تەركىبلەر بولۇپ، ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە زىيانلىق تەسىرى بار. بولۇپمۇ بىر قىسىم داغ يوقىتىش تۈرىدىكى گىرىم بويۇملىرىدا، چاچ بوياش دورىسى ۋە بۈدۈرە قىلىش سۇيۇقلىقى تەركىبىدە مۇشۇنداق ماددىلار بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، لەۋ سۇرۇقى ھاۋادىكى مەلۇم مىتال ئېلېمېنتلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ، تىرناق بويىقىنىڭ ئەسلى ماتېرىيالى تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ماددىلار بار دېگەندەك. ھەر ۋاقىت ئېسىڭىزدە بولۇشى، گىرىم بويۇملىرىڭىزنى بىر تەكشۈرۈپ بېقىشىڭىز كېرەك. شۇڭلاشقا، ھازىردىن باشلاپ بالىڭىز تۇغۇلۇپ پۈتۈن ئېمىتىش مەزگىلى ئاخىرلاشقىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇلارنى قايتا ئىشلەتمەڭ.
6) ئەتراپىڭىزدىكى ھاۋا مۇھىتىنىڭ سۈپىتىگە دىققەت قىلىڭ
ئاز بىر قىسىم ئادەملەر توپلاشقان جايلار، مەسىلەن تىياتىرخانا، سودا سارىيى قاتارلىق يېپىق سورۇنلارنىڭ ھاۋاسى، بولۇپمۇ قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ تارقىلىش مەنبەسى بولۇپ قالىدۇ. ئادەتتە ئۆيدە بولسىڭىزمۇ، ئۆينىڭ ھاۋاسىنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىغا، ھاۋانىڭ ساپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك.



7) ئادەملەر توپلىشىۋالغان جايلارغا بارماڭ
ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يۇقۇملۇق يەلتاشما، يۇقۇملۇق زۇكام، سۇ چېچىكى قاتارلىق كېسەللەر تۆرەلمىنىڭ مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە زىيانكەشلىك قىلىپلا قالماي، يەنە ئېغىر بولغاندا بويىدىن ئاجراپ كېتىش، ئۆلۈپ كېتىش، غەيرى تۆرەلمە قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا، تىياتىرخانا، سودا سارىيى دېگەندەك ئادەملەر توپلىشىۋالغان ئاممىۋىي سورۇنلارغا بارماسلىقىڭىز، بولۇپمۇ قىش ۋە ئەتىياز مەزگىلىدە ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىشىڭىز كېرەك. ئادەتتە ئائىلىدە، ئۆي ھاۋاسىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا، شامال ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى