ھامىلىدارلىقنىڭ 3-ھەپتىسى ئىستېمال قىلغان كۇسەنشۈەن (苦参栓) ھامىلىگە تەسىر كۆرسىتەرمۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 3-ھەپتىسى ئىستېمال قىلغان كۇسەنشۈەن (苦参栓) ھامىلىگە تەسىر كۆرسىتەرمۇ؟
كۇسەنشۈەن ئىسسىقنى قايتۇرىدىغان جۇڭيىچە دورىغا تەۋە بولۇپ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدىغان دورىدۇر. (بەلكىم بويىدىن ئاجراپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ)، ھامىلىدارلىقنىڭ بىرىنچى ئېيىدا چوڭ تەسىرى بولماسلىقى مۇمكىن، بىراق كېيىنكى مەزگىلدە چوقۇم ئېھتىيات قىلىش كېرەك. دەسلەپكى 3 ھەپتىدە تۆرەلمە ئەمدى تېخى بالىياتقۇغا ئورۇنلاشقان بولغاچقا چوڭ چاتاق چىقماسلىقى مۇمكىن، بۇ سەۋەبتىن زىيادە ئەنسىرەپ كەتمەڭ، نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنقى مەزگىلى تۆرەلمە تەرەققىياتنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى بولغاچقا، ھەر قانداق دورىنى ئىشلىتىش ھامىلىگە تەسىرى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىلىدۇ، بىراق ئادەم بىلەن ئادەم ئوخشىمىغاچقا، سىز ئىستېمال قىلغان دورا بەلكىم ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەسلىكىمۇ مۇمكىن، ئارتۇقچە ئەنسىرەش بىھاجەت. مۇبادا قەتئىي خاتىرجەم بولالمىسىڭىز، ھامىلىدارلىق تەكشۈرۈشى قىلغاندا دوختۇرغا بىر ئەسكەرتىپ قويۇڭ، ھامىلىنىڭ توشقان كالپۇك دېگەندەك ئەھۋاللار B تىپلىق ئاپپاراتتا كۆرۈنىدۇ. دوۋن سىندرومى تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ھامىلىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ.