ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

سەيلە قىلىش ۋە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ساقلىقنى ساقلاش

سەيلە قىلىش ۋە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ساقلىقنى ساقلاش

ۋاقتى: 2015-11-03 ئاۋاتلىقى: 650 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

سەيلە قىلىش بولسا ھامىلىدارلارغا ماس كېلىدىغان بىرخىل تەنھەرىكەت.  بىراق سەيلە قىلىدىغان جاينى چوقۇم ياخشى تاللاش كېرەك.  نۇرغۇن ھامىلىدار ئاياللار يوللاردا ئايلىنىشقا ئامراق كېلىدۇ.  بىراق ماشىنىلار كۆپ يەرلەردە كېرەكسىز گاز تەركىبىدىكى كاربون چالا ئوكسىدى،  قوغۇشۇن،  ئازوت ۋە گۈڭگۈرتنىڭ ئوكسىدلىرى،  نەپەسلىنىش ئارقىلىق قانغا ئۆتىدۇ.  ھەمدە ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە ناھايىتى چوڭ تەسىر يەتكۈزىدۇ.  ئۇنىڭدىن باشقا 3-5 مېتىر ئارىلىقتىكى ھاۋادا يەنە كۆرگىلى بولمايدىغان چاڭ-توزانلار بولىدۇ.  ئۇنىڭ تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىلار قان ياساش ۋە سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىنىڭ فۇنكسىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.


ئانا-بالا تورىدىن ئالاھىدە    ئەسكەرتمە:
ھامىلىدار ئاياللار يېشىللىققا پۈركەنگەن جىمجىت يوللاردا كۆپرەك مېڭىشى كېرەك.  شارائىتى ياربەرسە ئورمانلىقلارغا بېرىپ ئورمان سەيلىسى قىلىشى كېرەك.  بۇنداق بولغاندا ھامىلىدار ئازادىلىك  تۇيغۇسى بەرگىلى،  يەنە ھاۋادىن ۋېتامىن يەنى ھاۋادىكى مەنپىي ئىئوننى تولۇقلاپ بەدەننى كېسەلدىن يىراق تۇتقىلى ۋە نېرۋىغا راھەتلىك تۇيغۇسى بەرگىلى  بولىدۇ.  بۇ  كەيپىياتنى تەڭشەش ۋە قورساقتىكى ھامىلىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە پايدىلىق.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى