ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدار ئاياللار ئاشخانىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ھامىلىدار ئاياللار ئاشخانىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ۋاقتى: 2016-07-14 ئاۋاتلىقى: 669 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا چاڭ-توزان، زەھەرلىك گازلارنىڭ زىچلىقى چوڭ بولغان جايلار زاۋۇت ۋە كوچىلاردا بولماستىن، بەلكى ھەركۈنى ئايرىلغىلى بولمايدىغان ئاشخانىمۇ بار. چۈنكى كۆمۈر سۇيۇقلاندۇرىدىغان گازنىڭ تەركىبى مۇرەككەپ، كۆيگەندىن كېيىن ھاۋادا ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق گازلار كۆپىيىدۇ. بولۇپمۇ ھامىلىدار ئاياللارغا بولغان تەسىرى تېخىمۇ چوڭ  بولىدۇ.

 چۈنكى قويۇپ بېرىلگەن فوسفات (4) ئوكسىد، ئازوت (4) ئوكسىد،  كاربون چالا ئوكسىد قاتارلىق زىيانلىق گازلارنىڭ قويۇقلۇقى سىرتتىكىگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ، تاماق ئەتكەندىكى ئىس-تۈتەك بۇلغىنىشىنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋېتىدۇ، زىيىنى ئەڭ ئېغىر بولىدىغىنى بىرلا ۋاقىتتا قويۇپ بېرىلگەن ئىس -تۈتەك ۋە چاڭ توزاندا راك پەيدا قىلغۇچى ماددا-بېنزوپىرېن ناھايىتى كۆپ بولىدۇ. ئەگەر ئاشخانىنىڭ شامال ئۆتۈشۈشى ياخشى بولمىسا بەزى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ قويۇقلۇقى نەچچە ھەسسە ئۆرلەپ كېتىدۇ، مەسىلەن:  كاربون (4) ئوكسىد قويۇقلۇقى دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىدىن 5 ھەسسسە  يۇقىرىلاپ كېتىدۇ، ھىدروكسىللىق ماددىلارنىڭ قويۇقلۇقى 14 ھەسسە يۇقىرىلاپ كېتىدۇ، بولۇپمۇ بېنزوپىرېننىڭ قويۇقلۇقى دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىدىن ناھايىتى كۆپ يۇقىرى بولىدۇ.
ھامىلىدار ئاياللار بۇخىل زەھەرلىك ماددىلارنى كۆپلەپ سۈمۈرگەندىن كېيىن نەپەسلىنىش سىستېمىسىدىن ئۆتۈپ قانغا كىرىدۇ، ئاندىن ھامىلە  تۆرەلمە توسۇقىدىن ئۆتۈپ ھامىلىنىڭ توقۇلما ئەزالىرىغا كىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھامىلىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە توسالغۇ بولىدۇ ۋە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ئانا-بالا تورىدىن ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
ئەڭ ياخشىسى ھامىلىدار ئاياللار ئاشخانىغا  كىرمەسلىكى،  ئاشخانىغا كىرىش زۆرۈر بولۇپ قالغاندا ئاشخانىدا تۇرۇش ۋاقتىنى ئازايتىشى كېرەك. ئاشخانىغا بۇس تارتقۇچ، شامالدۇرغۇچ قاتارلىقلار سەپلىمىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاشخانىنىڭ شامال  ئۆتۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى