ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى بەل ئاغرىقى

ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى بەل ئاغرىقى

ۋاقتى: 2016-06-15 ئاۋاتلىقى: 903 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 ھامىلىدارلىقنىڭ  ئاخىرقى مەزگىلىدە بەزى ھامىلىدار ئاياللار بەل قىسمىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بۇ يەڭگىش مەزگىلىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورساق قىسمىنىڭ ئالدىغا كۆپۈپ چىقىپ، بەدەننىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى ئالدىغا يۆتكىلىۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن،  ئۆرە تۇرغان ۋە يول ماڭغاندا ئىككى پۇتنى ئايرىپ، يۇقىرىقى بەدەننى كەينىگە تارتىپ مېڭىش كېرەك،  بۇنداق قىلغاندا دۈمبە ۋە بەل قىسىملاردىكى مۇسكۇللارنىڭ دائىم جىددىي ھالەتتە تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئومۇرتقا، بوغۇملارنىڭ بوشىشىپ كېتىشى،  بالىياتقۇنىڭ يوغىناپ بەل قىسمىدىكى نېرۋىلارنى بېسىشىدىن بەل ئاغرىش كېلىپ چىقىدۇ.


بەل ئاغرىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى پەسەيتىش ئۈچۈن،  ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا سەيلە قىلىش قاتارلىق مۇۋاپىق ھەرىكەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ، بەل قىسمىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرۇش، ئۇنىڭدىن باشقا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قاتتىق كارىۋاتتا ئۇخلاش، يەڭگىل كىيىنىپ، پاشنىسىز يۇمشاق ئاياغ بىلەن يول يۈرۈش، يەنە قىسمەن ئورۇنلارنى ئۇۋۇلاپ بېرىش، چوقۇم ئېغىر نەرسە كۆتۈرۈپ سېلىشتىن،  ئۇزۇن مۇددەت مەلۇم خىل بەدەن ھالىتىنى ساقلاش، ياكى بەل قىسمىغا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى