ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

زۇكامنىڭ بوۋاققا نىسبەتەن تەسىرى بارمۇ؟

زۇكامنىڭ بوۋاققا نىسبەتەن تەسىرى بارمۇ؟

ۋاقتى: 2015-11-02 ئاۋاتلىقى: 646 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جاۋاب: ھامىلىدارلار زۇكام بولۇپ قالسا بىرنەچچە خىل ئەھۋالغا بۆلۈپ مۇئامىلە قىلىش كېرەك. 
زۇكام بولۇپ قالسا لېكىن قىزىمىسا ياكى قىزىغاندا بەدەن تېمپېراتۇرىسى 38 سىلىتسىي گىرادۇستىن ئاشمىسا،  داۋالىمىسىمۇ بولىدۇ،  ھامىلىگىمۇ تەسىرى بولمايدۇ.  ئەگەر ھامىلىدار ئايالدا يۆتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە،  دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا ھامىلىگە تەسىرى يوق دورىلارنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. 
زۇكام بولۇپ قېلىپ قىزىتمىسى 39 گىرادۇستىن يۇقىرى ھەمدە ئۈچ كۈندىن يۇقىرى داۋاملاشسا،  تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئەھۋال بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. 
بىرىنچى خىل ئەھۋال،  ئەگەر ھامىلىدار ئايال تۇخۇم چىقارغاندىن كېيىنكى ئىككى ھەپتە ئىچىدە زۇكام بولۇپ قالغان بولسا، دورا ئىشلەتسە ھامىلىگە تەسىرى بولمايدۇ. 


ئىككىنچى خىل ئەھۋال: ئەگەر زۇكام بولۇپ قالغان ھامىلىدار ئايال تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدىن ئىككى ھەپتە بۇرۇنقى ۋاقىتتا تۇرۇۋاتقان بولسا، بۇ مەزگىلدە، ھامىلىنىڭ مەركىزى نېرۋا سىستېمىسى ئاللىبۇرۇن تەرەققىي قىلىشقا باشلايدىغان بولۇپ، ئەگەر ھامىلىدار ئايال 39 گىرادۇس قىزىسا ھەم بىر كۈن داۋاملاشسا، ھامىلىگە تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن؛ ئەگەر ئۈچ كۈندىن يۇقىرى داۋاملاشسا ھامىلىگە ئېنىقلا تەسىر قىلىدۇ؛ ئەگەر 40 گىرادۇسلۇق يۇقىرى قىزىتما بىر كۈندىن كۆپ داۋاملاشسا ھامىلىگە ئېنىقلا تەسىر قىلىدۇ.  نۆۋەتتە تېخى يېتەرلىك كىلىنىكىلىق ئىسپات يوق، ھامىلىدار ئايال ئىزچىل قىزىتسا، ھامىلىگە چوقۇم تەسىر قىلىدۇ (ھايۋانات تەجرىبىسى ئارقىلىق ئاللىبۇرۇن سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشكەن) شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق ۋاقىتتا، دوختۇر ئېھتىمال كېسەللىك ئەھۋالى ۋە دورا ئىشلىتىشتىكى تەھلىلى ئارقىلىق، ھامىلىنىڭ خەتەرگە ئۇچراش ئېھتىماللىقىنى ئېيتىپ بېرىشى ھەم تەكلىپ-پىكىر بېرىشى مۇمكىن، ئەڭ ئاخىرىدا ھامىلىدارلىقنى توختىتىش توختاتماسلىق ھامىلىدار ئايال ھەم ئائىلىسىدىكىلەر تەرىپىدىن قارار قىلىنىدۇ. 
ھامىلىدار ئايال ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئەڭ ياخشىسى ئاممىۋى سورۇنلارغا ئاز بېرىشى ؛ ئوزۇقلۇقنى كۈچەيتىشى؛ ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىشى؛ ئىمكانقەدەر زۇكام بولغانلار بىلەن ئاز ئۇچرىشىشى، يۇقۇملىنىش پۇرسىتىنى ئازايتىشى كېرەك.  دوختۇر زۇكام بولۇپ قالغان ھامىلىدار ئايالغا قارىتا دورا ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىكنى بىر تەرەپ قىلغان ۋاقىتتا، بىر قائىدە بار: پەقەت دورىنىڭ ئانىغا بولغان تەسىرى بالىغا بولغان زىيىنىدىن كۆپ بولغان چاغدا ئاندىن ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە دورا ئىشلىتىشنى ئويلىشىش كېرەك، ئىمكانىيەت بولسا، ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ئالدىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە ھەرقانداق دورا ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. 

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى