ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كالپۇك ۋە ھامىلىدار ئايالنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ساقلىقىنى ساقلاش

كالپۇك ۋە ھامىلىدار ئايالنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ساقلىقىنى ساقلاش

ۋاقتى: 2015-12-29 ئاۋاتلىقى: 759 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھاۋادا كۆپ مىقداردا چاڭ-توزان بولۇپلا قالماستىن يەنە ئۇنىڭ ئىچىدە ئاز بولمىغان زەھەرلىك ماددىلارمۇ ئارىلاشقان بولىدۇ، مەسىلەن: قوغۇشۇن، ئازوت، فوسفور قاتارلىق ئېلېمېنتلار. 

ئۇلار ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدىنىگە، يۈزىگە قونۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا كالپۇكىغىمۇ قونىدۇ، ھالبۇكى نۇرغۇنلىغان ھامىلىدار ئاياللار سىرتتىكى ۋاقتىدا ھەمىشە قولى بىلەن بىر نەرسىلەرنى تۇتۇپ يېيىشكە دىققەت قىلىدۇ، ياكى سىرتتىن قايتىپ كىرىشىگىلا دەرھال قولىنى يۇيىدۇ.  بىراق كالپۇكىنىمۇ تازىلاش كېرەكلىكىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ، دائىم كالپۇكىنى تازىلىمايلا سۇ ئىچىدۇ، بىر نەرسە يەيدۇ ياكى بىلىپ-بىلمەي كالپۇكىنى يالايدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدۇ. چۈنكى ھاۋادا لەيلەپ يۈرگەن چاڭ-توزانلاردىكى خىمىيەلىك زىيانلىق ماددىلار ھەم كېسەللىك قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملار ھامىلىدار ئانىنىڭ كالپۇكىغا قونىدۇ، ئۇلار ھامىلىدار ئانىنىڭ بەدىنىگە كىرىپ كەتسىلا، باشقا كىشىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ زىيانلىق، ئۇلار بىگۇناھ ھامىلىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، يۈز بېرىشكە تېگىشلىك بولمىغان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.  مەسىلەن توقۇلما ئەزالارنىڭ غەيرىلىكى قاتارلىق. 
ئانا-بالا تورىنىڭ ئالاھىدە ئەسكەرتىشى: سىرتقا چىققاندا ئەڭ ياخشىسى كالپۇكىڭىزغا زىيانلىق ماددىلاردىن قوغدىنىش رولى بولغان كالپۇك ئاسراش مەلھىمى سۈرىۋېلىڭ.  ئەگەر سۇ ئىچمەكچى ياكى تاماق يېمەكچى بولسىڭىز ئالدى بىلەن چوقۇم پاكىز ھۆل قەغەز بىلەن كالپۇكىڭىزنى سۈرتۈۋېتىڭ.  ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يۈزىڭىزنى يۇيۇۋېتىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى