ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بىخەتەر يۈرۈش-تۇرۇش خاتىرىسى

ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بىخەتەر يۈرۈش-تۇرۇش خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-02-08 ئاۋاتلىقى: 632 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. ئېڭىشىپ بەلنى قانداق ئېگىش ھەققىدە: ئالتە ئايدىن كېيىن بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئانىنىڭ ئومۇرتقىسىغا بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ ھەم ھامىلىدار ئايالنىڭ دۈمبە قىسمى ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئومۇرتقىغا تېخىمۇ چوڭ ئېغىرلىق ئېلىپ كېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىمكانقەدەر ئېڭىشىپ بەل ئەگىيدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىش زۆرۈر.  ئەگەر ھامىلىدار ئايال يەردىن بىر نەرسە تېرىشكە موھتاج بولسا، قورساق قىسىمى دۈمبە قىسىمىنىڭ ئېگىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ، مۇشۇنداق بولغانلىقتىن ئېڭىشكەندە ئالدىغا ئاستا-ئاستا، يېنىك ھەرىكەت قىلىش، يەنە ئاۋۋال تىزىنى ئېگىش ھەم پۈتۈن ئېغىرلىقنى تىزغا تەقسىملەش لازىم.  ھامىلىدار ئايال مۇنچىنى تازىلىغاندا ياكى كىرېسلو كىرلىكىنى ياپقاندا يەنە مۇشۇ بويىچە ھەرىكەت قىلىش كېرەك. 


2. ئورنىدىن قانداق تۇرۇپ بەدەننى تىك تۇتۇش ھەققىدە: ھامىلىدار ئايال ھەمىشە يانچە ياتقاندا راھەترەك ھېس قىلىدۇ، پۈتۈن بەدەن ئېغىرلىقىنى تەكشى تەقسىملەش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى تىزنىڭ ئارىلىقىغا كىچىك ياستۇق قىستۇرۇۋېلىشى لازىم.  ئەگەر بەدىنىڭىز قولاشقاندەك ياكى بۆرىكىڭىز ئاغرىغاندەك ھېس قىلسىڭىز، يانتۇ تەرىپىڭىزگە ياستۇق قىستۇرۇۋالسىڭىز بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا دۈمبە قىسمىڭىزنىڭ ئېگىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.  ئەگەر ئىككى ئۈچ ئايلىق ھامىلىدار ئايالنىڭ تۇرۇشى يەنىلا يېنىك بولسا، قورساق مۇسكۇلىنىڭ ھەددىدىن زىيادە جىددىيلىشىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇنداقتا ھازىر ئورنىدىن تۇرۇشتا ئاستا، تەرتىپلىك ھەرىكەت قىلىش كېرەك.  ئوڭدىسىغا ياتقان ھامىلىدار ئايال ئورنىدىن تۇرغاندا ئالدى بىلەن بەدىنىنى يانتۇ قىلىپ مۈرىسىنى ئالدىغا ئېگىپ، تىزىنى پۈكۈپ ئاندىن جەينىكى بىلەن بەدىنىنى تىرەپ تۇرۇپ پۇتنى ئايلاندۇرۇش، بۇنداق قىلغاندا پۇتنى كارىۋاتتىن يەرگە ئېلىپ تۇرۇشقا قولايلىق بولىدۇ.



3. بەدەننىڭ تىك ھالىتىنى قانداق ساقلاش ھەققىدە: ئەگەر ھامىلىدار ئايالنىڭ خىزمىتى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆرە تۇرۇپ قىلىدىغان خىزمەت بولسا، بۇ پۇت قىسمىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئاستىلىتىپ، سۇلۇق ئىششىق ھەم ۋېنا قان تومۇرنىڭ ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  ئانا بولاي دەپ قالغان ھامىلىدار ئاياللار قەرەللىك ھالدا ئۆزىنى دەم ئالدۇرۇشى كېرەك، ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاندا ئىككى پۇتىنى كىچىك ئورۇندۇققا قويۇۋېلىش، بۇنداق قىلىش قان ئايلىنىش ۋە دۈمبە قىسمىنى ئارام ئالدۇرۇشقا پايدىلىق.  ئەگەر ئولتۇرۇشقا شارائىت بولمىسا، بەدىنىڭىز ئەڭ راھەت ھېس قىلغان ھالەتتە ئۆرە تۇرسىڭىز مۇناسىۋەتلىك مۇسكۇللارنى ھەرىكەتلەندۈرگىلى بولىدۇ.  مەسىلەن: كاسسىنى يىغقاندا قورساق مۇسكۇلىنىڭ ئومۇرتقىنى تىرىگەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.  شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆرە تۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولغان ھامىلىدار ئاياللار قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئېغىرلىق مەركىزىنى پۇت بارماقلىرىدىن تاپانغا بىر پۇتتىن يەنە بىر پۇتقا يۆتكەشنى سىناپ باقسا بولىدۇ. 
4. ئولتۇرۇش ھالىتىنى قانداق ساقلاش ھەققىدە: ھامىلىدار ئايالنىڭ توغرا بولغان ئولتۇرۇش ھالىتى بولسا دۈمبە تەرىپىنى ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە چىڭ يۆلەش، زۆرۈر تېپىلغاندا بۆرەككە ئۇدۇل كېلىدىغان جايغا بىر كىچىك ياستۇق قويۇۋېلىش كېرەك.  ئەگەر ھامىلىدار ئايال ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان بولسا، زۆرۈر تېپىلغاندا ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىپ ھەرىكەت قىلىش، چۈنكى بۇنداق قىلغاندا قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى ۋە بۇۋاسىرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.  ناۋادا ھامىلىدار ئايالنىڭ خەت يازىدىغان ياكى كومپيۇتېردا قىلىدىغان خىزمىتى كۆپ بولسا، ئەڭ ياخشىسى ھەر بىر سائەت ئارىلىقىدا بىر قېتىم ئۆزىنى ئارام ئالدۇرۇشى كېرەك. 



5. پىيادە يول يۈرۈشتە قانداق قىلىش ھەققىدە: پىيادە يول يۈرۈش ھامىلىدار ئايالغا پايدىلىق،  ئۇ پۇت قىسمىدىكى مۇسكۇللارنىڭ جىددىيلىكىنى كۈچەيتىپ، ۋېنا تومۇرى ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەم قورساق مۇسكۇلىنى چىڭىتىدۇ. تۇيۇقسىز ھېرىپ كەتكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلسىڭىز، دەرھال توختاپ ئەتراپىڭىزدىكى ئەڭ يېقىن ئورۇندۇققا بېرىپ 5~10 مىنۇت ئارام ئېلىۋېلىڭ. ئەگەر باغچىدا ئايلىنىشقا شارائىت بولمىسا، ماشىنىدىن چىققان بۇلغانغان گازنى كۆپ سۈمۈرۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قاتناش ئەھۋالى ئانچە جىددىي بولمىغان كوچىلارنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. ماڭغاندىكى بەدەن ھالىتىڭىزنى تىك ساقلاشقا، ئىككى مۈرىڭىزنى ئەركىن قويۇۋېتىشكە دىققەت قىلىڭ.  ئايلىنىشتىن ئىلگىرى پاشنىسى پاكار، ئاستى كەڭرى، راھەت ئاياغنى تاللىغان ياخشى.  
6. ئاپتوبۇسقا قانداق ئولتۇرۇش ھەققىدە: ئەگەر ھامىلىدار ئايال پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۇزۇن سەپەرگە چىقىپ، بىر ئورۇندا ئولتۇرغانچە نەچچە سائەت ئولتۇرسا بەدەنگە زىيىنى بار.  شۇنىڭ ئۈچۈن پويىزدا ئورنىدىن تۇرۇپ ۋاگوندا ئۇيان-بۇيان مېڭىپ بېرىش قان ئايلىنىشقا ئاسانلىق تۇغدۇرىدۇ. تىراللىبۇس، ئاپتوبۇس ۋە مېتروغا ئولتۇرغان ھامىلىدار ئاياللار باشقىلارغا ئېغىز ئېچىپ ئورۇن تېپىپ ئولتۇرۇشتىن ھەرگىز خىجىل بولماڭ، چۈنكى جىددىي تورمۇز قىسقاندا تەڭپۇڭلىقىڭىزنى يوقىتىسىز ھەم يېقىلىپ كېتىسىز. بۇنىڭدىن باشقا ماشىنا پۈتۈنلەي توختاپ بولغاندا ئاندىن ماشىنىدىن چۈشۈڭ. مىنىبۇسقا ئولتۇرغان ھامىلىدار ئاياللارنىڭ تاللاش ئىمكانىيىتى بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، ئۆزىگە ئەڭ راھەت بولغان ئورۇننى تاللىسا بولىدۇ، يۆلەنچۈكى بار كىرېسلو ياكى ئورۇندۇق بولۇۋېرىدۇ. ئەگەر ھارغىنلىق ھېس قىلسىڭىز ماشىنىنى توختىتىپ پۇتلىرىڭىزنى ئۇۋۇلاپ بەرسىڭىز بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى