ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىق دەۋرىدىكى كىيىم-كېچەك ھەققىدە

ھامىلىدارلىق دەۋرىدىكى كىيىم-كېچەك ھەققىدە

ۋاقتى: 2016-09-23 ئاۋاتلىقى: 611 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئومۇمەن ئېيتقاندا، ھامىلىدارلىق دەۋرىدىكى كىيىم-كېچەك پىرىنسىپى كەڭرى، ئازادە، كۆركەم بولۇش. ھازىر بازاردا ھامىلىدار ئاياللار كىيىمى ناھايىتى كۆپ بولۇپ ئۇلارنى ناھايىتى زور تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، بىراق قانداق كىيىملەرنى كىيگەندە قولايلىق ھەم ساغلام بولىدۇ؟ تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنىڭ سىزگە ياردىمى بار!

ئۈستكى كىيىم
تېببىي ئەسكەرتىش:
1. ھامىلىدارلىق دەۋرىدە ئانا بولۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ، ئاسانلا شامالداپ، زۇكام بولۇپ قالىدۇ، ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش زۆرۈر.
2. ھامىلىدار ئاياللار ئاساسلىقى كۆكرەكچە نەپەسلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەپەسلىنىشى بىر قەدەر چوڭقۇر بولىدۇ.
3. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن باشلاپ، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ كۆكسى تەدرىجىي چوڭىيىپ، ئېمىتىشكە تەييارلىق قىلىشقا باشلايدۇ.



مۇۋاپىق بولغان ئۆلچەملەر:
ئۈستكى كىيىمنىڭ ماتېرىيالى يۇمشاق، پاسونى ئاددىي، كەڭرى بولۇشى، كىيگەندىن كېيىن قولنى ئەركىن ھەرىكەتلەندۈرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. ئۈستكى كىيىم ھەم كۆكرەكنى چىڭ سىقمايدىغان، قورساقنىمۇ چىڭ سىقمايدىغان بولسا، ئاندىن ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق.
بەزى ھامىلىدار ئانىلار ھامىلىدارلىق دەۋرىدە ئاسانلا زىيادە سېزىمچان بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا، شارائىت يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئەڭ ياخشىسى تەبىئىي رەختلەردىن كىيىم تىككۈزۈپ كىيىشى كېرەك. بەدەن شەكلى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا خېلىلا تولغان بولۇپ كېتىدىغانلىقتىن، سىز كىيىمنى تولۇقلاپ سېتىۋېلىشقا ئېھتىياجلىق، بىراق، ھامىلىدارلىقتىن كېيىن بۇ كىيىملەرنىڭ ئىشلىتىش ئورنى يوقلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئەڭ ياخشىسى قارىغۇلارچە كىيىم تولۇقلىماسلىق ياكى بەك قىممەت ھامىلىدارلار كىيىمىنى سېتىۋالماسلىق كېرەك.
يېڭىدىن سېتىۋالغان كىيىم بولۇپمۇ ئىچ كىيىمنى چوقۇم بىر قېتىم يۇغاندىن كېيىن ياكى كۈن نۇرىغا قاقلىغاندىن كېيىن ئاندىن كىيىش، بۇنداق قىلغاندا بەزى زەھەرلىك رەختلەردىن يۇقۇملىنىش پۇرسىتى ئازىيىپ، باكتېرىيەنىڭ تاجاۋۇز قىلىش پۇرسىتىمۇ ئازىيىدۇ.
ئانا-بالا تورىنىڭ ئالاھىدە ئەسكەرتمىسى:
 لىپتىكنىڭ نومۇرى تەدرىجىي چوڭلايدۇ.


 

ئىشتان ۋە يوپكا
تېببىي ئەسكەرتىش:
1. ھامىلىدارلىق دەۋرىدە بالا ھەمراھى قان ئايلىنىشنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغاندا ئاندىن ھامىلىدارلىق نورمال داۋاملىشىپ، ھامىلە ساغلام يېتىلەلەيدۇ.
2. بەلنى، قورساقنى چىڭ چىگىش ساڭگىلىما قورساق قىلىپ قويۇپ، ھامىلە ئورنىنىڭ نورمال بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا قىيىن تۇغۇتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. ھامىلىدارلىق دەۋرىدە، ھامىلىدار ئايالدا جىنسىي يولغا قان تولۇش، ئاجرالما ماددىلار كۆپىيىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ياز پەسلى زىيادە ئىسسىق، باكتېرىيەلەرنىڭ تېز كۆپىيىپ قىچىشىش، ھۆل تەمرەتكە، تۈك خالتا ياللۇغى قاتارلىق تېرە كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.


مۇۋاپىق بولغان ئۆلچەملەر:
ئەتىياز، ياز پەسلىدە ئۇزۇن كۆينەك بىرقەدەر مۇۋاپىق، كۈز قىش پەسلىدە ئەڭ ياخشىسى ئۇزۇن ئىشتان كىيىڭ. چىڭ كېلىدىغان ئىشتان ھەرقانداق پەسىلدە كىيىش مۇۋاپىق ئەمەس. بەل تاسمىسى ئىشلەتمەيدىغان ئاسما ئىشتانلار بولسا ھامىلىدار ئانىلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان بىر خىل ئىشتان، ئىچ ئىشتانغا ئەڭ ياخشىسى ساپ پاختا، سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى، ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى بولغاننى تاللاش كېرەك.


 

ئانا-بالا تورىنىڭ ئالاھىدە ئەسكەرتمىسى:
ئىشتاننىڭ چوڭ بولۇشى ھەرگىزمۇ ھامىلىنىڭ چوڭ بولغانلىقىدىن ئەمەس. تاماقنى كۆپ يېيىش، ئاز ھەرىكەت قىلىش بولسا ئىشتاننىڭ چوڭ بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى. شۇڭا بەزى ھامىلىدار ئاياللار چىڭ ئىشتان كىيىش ئادىتىنى چوقۇم ئۆزگەرتىشى كېرەك.
ھامىلىدارلىق دەۋرىدە بەدەن شەكلى تەبىئىيلا سېمىز بولۇپ قالىدۇ، باشقىلارنىڭ نەزىرىدە بۇ ناھايىتى نورمال، گۈزەللىكىنى دەپ قورساقتىكى بالىنى قىيناشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت ھامىلىدارلىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۇغۇتتىن كېيىنكى بەدەن شەكلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلسىلا، فىگۇرىسى ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كېلىدۇ.

 

پايپاق
تېببىي ئەسكەرتىش:
ھامىلىدارلىق دەۋرىدە، بالىياتقۇنىڭ بېسىشىدىن تۆۋەنكى مۈچە ۋېنا قان بېسىمى كۆرۈنەرلىك ئۆرلەپ، ۋېنا قان تومۇر دىۋارى بوشىشىپ، ھامىلىدار ئانىدا ئاسانلا تۆۋەنكى مۈچە سۇلۇق ئىششىقى، سىرتقى جىنسىي ئەزا قان تومۇرى ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىش ياكى بوۋاسىر كېلىپ چىقىدۇ.


مۇۋاپىق بولغان ئۆلچەم:
ھامىلىدار ئانىنىڭ پايپىقى ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پايپاق ئېغىزى بەك چىڭ بولماسلىق لازىم، بولۇپمۇ ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى دەۋرىدە.



ئانا-بالا تورىنىڭ ئالاھىدە ئەسكەرتمىسى:
ئەگەر پاقالچاقتا تال-تال بولۇپ كۆپۈپ چىققان «كۆك تومۇر»لار پەيدا بولۇپ ھەم قىسمەن ئىششىش ئاغرىش قوشۇلۇپ كەلسە، ئوشۇق قىسمى روشەن ئىششىپ، باسسىلا قولنىڭ ئىزى چىقىپ قالسا، بۇنىڭ كۆپ ساندىكىسى پايپاقنىڭ ئېغىزى بەك چىڭ بولغانلىقتىن بولغان بولىدۇ. بۇچاغدا دەرھال بازارغا چىقىپ، ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان، راھەت، تەر ئۆتكۈزىدىغان پاختا رەخت پايپاق سېتىۋېلىڭ.

 

ئاياق
تېببىي ئەسكەرتىش:
ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، بەدەننىڭ ئېغىرلىق مەركىزى بارغانسېرى ئالدىغا مەركەزلەشكەنلىكتىن پەقەت غول قىسمىنى كەينىگە غادايىتقاندا ئاندىن بەدەن تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىيالايدۇ.


مۇۋاپىق بولغان ئۆلچەم:
ئاياغنىڭ پاشنىسى پەقەت تۆت سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتسىلا ھامىلىدارلارنىڭ كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ، بىراق، ئەگەر پاشنىسىز ئاياق كىيىلسە، ئېغىرلىق مەركىزى تاپانغا چۈشكەنلىكتىن، ئۆرە تۇرغان ياكى يول ماڭغان ۋاقىت ئۇزارسا، بەل ياكى ئارقا تاپان ئاغرىيدۇ. شۇڭا، ئاياغنىڭ ئارقا پاشنىسىنىڭ ئېگىزلىكى ئىككى ئۈچ سانتىمېتىر بولغان پاكار پاشنىلىق ئاياق بىلەن پوقاق چەملىك ئاياغنىڭ (坡跟鞋) ھەممىسى مۇۋاپىق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاياق يۇمشاق، راھەت، ئېلاستىكلىقى ياخشى بولۇشى كېرەك.



ئانا-بالا تورىنىڭ ئالاھىدە ئەسكەرتمىسى:
ھامىلىدار ئانىنىڭ پۇتى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئۇزۇن ھەم كەڭرى بولۇپ، ھامىلىدارلىق دەۋرىدىكى پۇتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئاساسەن ئۆزىگە يېڭى ئاياق سېتىۋېلىشى لازىم، ھەرگىز كىچىك ئاياق كىيىپ بەدەننىڭ قان ئايلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزمەڭ، بۇ سىز ھەم ھامىلە ئۈچۈن زىيانلىق.

 

ئانا-بالا تورىنىڭ ئالاھىدە ئەسكەرتمىسى:
1. ياز ۋە قىش پەسلىدە سىرتقا چىققاندا قالپاق كىيىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، يازدا ئاپتاپتىن قىشتا ئىسسىقتىن ساقلايدۇ.
2. يازدا سىرتقا چىققاندا ھامىلىدار ئاياللار ئاپتاپتىن ساقلايدىغان يېپىنچا ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك، ئەڭ ياخشىسى كۈنلۈك ئېلىۋېلىش كېرەك، ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ ھامىلىدار ئايال ۋە ھامىلىگە ناھايىتى چوڭ زىيىنى بار.
3. يامغۇرلۇق پەسلىدە بىر تال يامغۇرلۇق چاپان ناھايىتى زۆرۈر بولۇپ، ئۆزگىرىشچان ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ.
4. ئەگەر ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئورۇندا خىزمەت قىلسىڭىز، ئۆزىڭىزگە بىر نېپىزرەك چاپان تەييارلاپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
5. سۇس يېشىل، سۇس سېرىق، قېنىق يېشىل، سۇس قىزىل قاتارلىق ئىللىق رەڭلەر ھامىلىدار ئاياللارنىڭ كىيىنىشىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ، بۇ رەڭلەر كىشىنىڭ كۆڭلىگە تىنچلىق بېغىشلاپ ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق.
6. ئاسان زۇكامداپ قالىدىغان ھامىلىدار ئاياللار ھاۋا سوۋۇغاندا ئۆزى ئۈچۈن بىر نەچچە تال شارپا تەييارلاپ قويۇشى لازىم، بۇ ھەم سوغۇقتىن ساقلايدۇ، ھەم بېزەش رولىنى ئوينايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى