ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى يېمەك-ئىچمەك ھەققىدە

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى يېمەك-ئىچمەك ھەققىدە

ۋاقتى: 2015-05-22 ئاۋاتلىقى: 556 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھامىلىنىڭ ئوزۇقلۇقى بىۋاسىتە ئانا تېنىدىن كېلىدۇ، ئەگەر ئانا تېنىگە ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە، ئانا بىلەن بالىنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ساغلاملىقى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا ھامىلىدار ئانىلار ئوزۇقلۇقنى تەڭشەپ ئىستېمال قىلىشقا دىققەت قىلىشى زۆرۈر. بۇنىڭدىن سىرت، تۇزلۇق ۋە غىدىقلىغۇچى تەمى بار يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم؛ ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى بەك تېز بولۇپ كەتسە، ئاقسىل ۋە قەنت تەركىبلىك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى ئازايتىش لازىم.


چىقىرىپ تاشلاش
ھامىلىدار ئانا ھەر كۈنى چوقۇم بىر قېتىم مۇقىم چوڭ تەرەت قىلىشى كېرەك، كۆپرەك قايناقسۇ ئىچىش ۋە سەي-كۆكتات يېيىش ئارقىلىق قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى دەۋرىدە بالىياتقۇ ۋە ھامىلە دوۋساقنى بېسىپ كىچىك تەرەت قېتىم سانىنى كۆپەيتىدۇ، بۇ نورمال فىزىيولوگىيەلىك ھادىسە، ئەنسىرەش ھاجەتسىز.



ھامىلىدارلىق دەۋرىدە سۈيدۈك قىستاش ۋە قەۋزىيەت ساقلانغىلى بولمايدىغان فىزىيولوگىيەلىك ھادىسە بولۇپ، سۈيدۈك قىستاشقا قارىتا ئالدىدا كۆپ سۆزلىدۇق. قەۋزىيەت ھەممە ھامىلىدار ئاياللاردا روشەن كۆرۈلمەيدۇ، ئەگەر يېمەكلىكتە گۆش بىلەن كۆكتاتنى ماسلاشتۇرۇش، بولۇپمۇ، ئىستېمال قىلغاندا يېمەكلىك تالاسى ۋە يىرىك تالالار كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسا چوڭ تەرىتى راۋان بولىدۇ. شۇڭا قەۋزىيەت بولۇپ قالغان ھامىلىدار ئاياللارغا ھەر كۈنلۈك تامىقىدا كۆكتات، مېۋە ۋە بەلگىلىك قارا ئاشلىق تاللاشنى تەۋسىيە قىلىمىز، مەسىلەن قوناق، تاتلىقياڭيۇ، يېشىل ماش قاتارلىقلار. بۇنىڭدىن باشقا ھەركۈنى ئەتىگەندە بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچسە قەۋزىيەت بولۇپ قالغان ھامىلىدار ئاياللارغا نىسبەتەن ياردىمى بار.
خەلق ئارىسىدا يەنە بىر خىل يەرلىك ئۇسۇل بولۇپ يەنى، تاماق ئەتكەندە كۈنجۈت مېيى ئىشلىتىپ سەي قورۇش، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈنجۈت مېيى تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ماي كىسلاتاسى ھامىلىدار ئانا ۋە ھامىلىگە نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى