ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقى
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە چىش دوختۇرىغا كۆرۈنۈپ قۇرت يېگەن چىشنى تولۇقلاڭ؛ ئەگەر تارتقۇزۇش تەلەپ قىلىنسا، بىرلا ۋاقىتتا چىش دوختۇرى ۋە تۇغۇت دوختۇرىغا كۆرۈنۈپ مەسلىھەت سورىسىڭىز مۇۋاپىق ۋە بىخەتەر بولغان داۋالاشقا ئېرىشەلەيسىز. چىشنى شەكىلگە كىرگۈزۈش قاتارلىق بىر قەدەر مۇرەككەپ بولغان ئېغىز بوشلۇقى داۋالىشىنى ھامىلىدارلىق مەزگىلىگە ئورۇنلاشتۇرۇش مۇۋاپىق ئەمەس، چۈنكى ھامىلىدار ئانىنىڭ نورمال ئوزۇقلىنىشىغا ئېنىق تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەم مۇشۇنداق بولغاچقا ھامىلىدارلىق دەۋرىدىكى ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭلىقىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ھامىلىدار بولغان مەزگىلدە ئېغىز بوشلۇقىدىكى شۆلگەي سۇيۇقلۇقىنىڭ مىقدارى ئاشىدۇ، ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك، ئەتىگەن كەچتە چىش چوتكىلاشتىن باشقا ھەر قېتىم تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئېغىز چايقاش بىلەن بىر ۋاقىتتا يېتەرلىك كالتسىي ماددىسى تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش زۆرۈر.