ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ساياھەت ھەققىدە

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ساياھەت ھەققىدە

ۋاقتى: 2014-02-08 ئاۋاتلىقى: 680 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدار ئانىلار يىراققا ساياھەتكە چىقماقچى بولسا، ئەڭ ياخشىسى ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىگە ئورۇنلاشتۇرسا بويىدىن ئاجراش ياكى بالدۇر تۇغۇتنىڭ خەتىرى ئاز بولىدۇ. ساياھەتتىن ئىلگىرى ئەڭ ياخشىسى تۇغۇت دوختۇرىدىن مەسلىھەت سوراپ، ساياھەت قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈش كېرەك.  بۇنىڭدىن سىرت، قاتناش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش، ماشىنىدا ياكى ئايروپىلاندا چوقۇم بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاش، بىرسى ھەمراھ بولۇش، ئەگەر ھەرقانداق بىئاراملىقلار بولسا شۇ جايدا دوختۇرغا تەكشۈرتۈش كېرەك.

 ھامىلىدار ئانىدا ئەگەر ساياھەت قىلىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئامىللار بولسا، سەپەر ئۈستىدە بىرەر ئەھۋال يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى زورلاپ ساياھەتكە چىقمىغان ياخشى. يىراق بولمىغان جايلارغا بارمىسا بولمايدىغان بولۇپ قالسا، تۇغۇت دوختۇرىڭىز سىزنىڭ ئالاھىدە ئەھۋاللىرىڭىزنى يېزىپ بەرسۇن، يېنىڭىزدا ئېلىپ يۈرۈپ، تۇيۇقسىز بىئاراملىق كۆرۈلسە، شۇ جايدىكى دوختۇرنىڭ كۆرۈشىگە بەرسىڭىز بولىدۇ، دوختۇرنىڭ دەرھال ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ توغرا تەدبىر قوللىنىشىغا ياردىمى بار.



ئادەتتە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئەڭ ياخشىسى سىرتقا چىقماڭ، بىراق ھازىرقى نۇرغۇن ھامىلىدار ئانىلار ئالدىراش خىزمەتچى ئاياللار بولۇپ، ئۇزۇن بۇلغان بۇ ئون ئاي ئىچىدە ساياھەتكە چىقىشىغا بىرنېمە دېگىلى بولمايدۇ، ئۆزىڭىزنىڭ بالىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئەستايىدىل ئوقۇڭ!


1. مۇۋاپىق ساياھەت پىلانى تۈزۈش
بەدەن ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولسىمۇ، ھامىلىدار ئانىلار يەنىلا زىيادە چارچاپ كېتىشكە بولمايدۇ، شۇڭا ۋاقىت جەدۋىلى تۈزگەندە چوقۇم يېتەرلىك ئارام ئېلىش ۋاقتى قالدۇرۇش لازىم. بۇنىڭدىن سىرت، يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى بارىدىغان جاينىڭ ھاۋارايى، قاتناش، دوختۇرخانا قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئېنىق تەكشۈرۈش زۆرۈر، ئەگەر ۋاقىت جەدۋىلىنى پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش تەس، جەزملەشتۈرگىلى بولمايدىغان نۇرغۇن ئامىللار بولسا، يەنىلا بارمىغان ياخشى.


2. يول ئۈستىدە بىركىشى چوقۇم باشتىن-ئاخىرى ھەمراھ بولۇش لازىم
ھامىلىدار ئانا بىر ئادەم يالغۇز سىرتقا چىقسا بولمايدۇ، ئەگەر بىر توپ ناتونۇش ئادەملەر بىلەن بىللە بولسىمۇ مۇۋاپىق ئەمەس، ئەڭ ياخشىسى يولدىشى، ئۆيىدىكىلەر، دوستى قاتارلىق تونۇش ئادەملەر ھەمراھ بولۇپ چىقسا ياخشى، سەپەر كۆڭۈللۈك بولۇپلا قالماستىن، سىز چارچىغان ياكى بىئارام بولغان چاغدا، ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم بولىدۇ.


3. تۇرار جاي ۋە يۈرۈش تۇرۇشتا دىققەت قىلىش لازىم
يېمەك-ئىچمەك:

ھەزىم ياخشى بولماسلىق، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق تۇيۇقسىز ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن خام ۋە سوغۇق، پاكىز بولمىغان ياكى يەپ باقمىغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك لازىم. سۈت مەھسۇلاتلىرى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ئاسان بۇزۇلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئەگەر يېڭى ياكى يېڭى ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرەلمىسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى يېمەڭ؛ قايناقسۇنى كۆپ ئىچىش، مېۋە-چېۋىنى كۆپ يېيىش سۇسىزلىنىش ۋە قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
كىيىم-كېچەك:

كىيىم-كېچەكتە كىيىش ۋە سېلىش قولايلىق بولغان ئىسسىق كىيىملەر ئاساس قىلىنىدۇ، زۇكامداپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يەنە قالپاق، چاپان، شارپا قاتارلىقلارنى ئېلىۋېلىشقا بولىدۇ؛ ئەگەر بارغان جاينىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولسا قالپاق، ئاپتاپتىن ساقلىغۇچى ماي كەم بولسا بولمايدۇ؛ پاشنىسىز ئاياق، قورساقنى كۆتۈرىدىغان بەلباغ (托腹带)، ئېلاستىكلىقى ياخشى بولغان پايپاق قاتارلىقلار چارچاشتىن كېلىپ چىققان بىئارامسىزلىقلارنى تۈگىتىشكە ياردىمى بار؛ ئېھتىيات ئۈچۈن كۆپرەك ئىشتان ئېلىۋېلىڭ.



تۇرالغۇ:

ئارال ۋە قاتناش قولايسىز جايلارغا بېرىشتىن ساقلىنىڭ؛ چىۋىن پاشا كۆپ، تازىلىقى ناچار جايلارغا بارماڭ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر رايونىغا بېرىش ھامىلىدار ئاياللارغا تېخىمۇ ماس كەلمەيدۇ.
يۈرۈش-تۇرۇش:

ماشىنا، ئايروپىلانغا ئولتۇرغاندا چوقۇم بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقاش، ھەم ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى تازىلىق ئۆيىنىڭ ئورنىنى تېپىۋېلىش لازىم. ھامىلىدار ئانىدا سۈيدۈك قىستاش بولۇپ تۇرىدۇ بۇنداق چاغدا كىچىك تەرەتنى كەينىگە سۈرۈش ھامىلىدار ئايالغا پايدىسىز. ئەڭ ياخشىسى ھەربىر سائەتتە بىر قېتىم ئورۇندىن تۇرۇپ ئون مىنۇت ھەرىكەت قىلىش، ئەگەر سىلكىنىش ئېغىر بولسا، ئورنىدىن تۇرماي، ئورنىدا كېرىلىپ قويسا بولىدۇ. موتوسىكلىت ياكى كاتېرغا چىقىش، تاغقا يامىشىش قاتارلىقلار ئىشلارنى قىلماسلىق، يول ماڭغاندىمۇ بەك كۈچەپ كەتمەسلىككە دىققەت قىلىش، ھەممىسىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە قىلسا بولىدۇ.


4. يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان دورىلار
ئاشقازان ئۈچەي دورىسى، سىرتقى زەخمىنى داۋالايدىغان دورا سۈيى، دورا مەلھىمى، دورىلىق پىلاستىر، گۈل سۈيى قاتارلىقلار، ئىشلىتىشتىن بۇرۇن چۈشەندۈرۈلۈشىگە قاراش، ھامىلىدار ئاياللار ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىڭ دېگەندەك خەتلەرنىڭ بار-يوقلىقىغا قاراش كېرەك.
5. ھەرىكەت مىقدارى بەك چوڭ، ياكى بەدەنگە نىسبەتەن تەسىرى كۈچلۈك بولماسلىقى كېرەك
ھەرىكەت مىقدارى بەك چوڭ بولسا ئاسانلا ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدەن يۈكى ئېشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مۇشۇ سەۋەبتىن بويىدىن ئاجراش، بالدۇر تۇغۇش ھەم باش سۈيى يېرىلىشنى كېلىپ چىقىدۇ. بەك تەسىرى كۈچلۈك ياكى خەتەرلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق، مەسىلەن: تاغ ماشىنىسى، ئەركىن چۈشكەن جىسىم ئويۇنى، يۇقىرى بوشلۇقتا سەكرەش قاتارلىقلار.



5. سەپەر ئۈستىدە ھەرقاچان بەدەن ئەھۋالىغا دىققەت قىلىش
سەپەر ئۈستىدە، ئەگەر ھارغاندەك ھېس قىلسىڭىز ئازراق ئارام ئېلىۋېلىڭ؛ ئەگەر ھەرقانداق بىئاراملىقلار كۆرۈلسە مەسىلەن بەدەننىڭ تۆۋەنكى قىسمى قاناش، قورساق ئاغرىش، قورساق كۆپۈش، باش سۈيى يېرىلىش قاتارلىق، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش لازىم. بۇنىڭدىن باشقا، ھامىلىدار ئانىدا زۇكام بولۇش، قىزىش قاتارلىق ئەھۋاللار بولسىمۇ دوختۇرغا بالدۇر كۆرۈنۈش لازىم. ئومۇمەن، ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بەدەندىكى ھەرقانداق ئالامەتلەرگە سەل قاراپ داۋاملىق ساياھەت قىلماسلىق لازىم.


ئانا-بالا تورىنىڭ ئالاھىدە ئەسكەرتمىسى:
1. سىرتقا چىقىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، تۇغۇت دوختۇرىڭىز بىلەن بىر قېتىم كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىڭىزنىڭ بەدەن ئەھۋالىنى چۈشىنىپ، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى مەسلىھەت سوراش ھەم جىددىي ئەھۋالدا ئالاقىلىشىشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرىنى خاتىرىلىۋېلىش كېرەك.
2. قولايلىق بولسا، بىرەرسىگە ھاۋالە قىلىپ بارىدىغان جايدا ئىشەنچلىك بىر دوختۇر تېپىپ قويۇش، ياكى ئاۋۋال شۇ جايدىكى تۇغۇت دوختۇرخانىسىنى ئۇقۇشۇپ كۈتۈلمىگەن ئىشلار ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش كېرەك.
3. ئۆزىڭىزنىڭ كېسەل كۆرۈنۈش خاتىرىڭىزنى يېنىڭىزدا بىللە ئېلىپ يۈرۈڭ.



يۇقىرىقى بىرنەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلغان تەقدىردىمۇ، بىراق بەزى سىرتقا چىقىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ھامىلىدار ئانىلار بار، ئۆزىڭىزنىڭ بۇنىڭ ئىچىدە بار-يوقلۇقىڭىزنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ.
1. ئىلگىرىكى ياخشى بولمىغان تۇغۇت سەرگۈزەشتىسى بولغانلار
تەبىئىي بويىدىن ئاجراش، بالىياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلىدارلىق، ھامىلىدارلىقتىن زەھەرلىنىش كېسىلى، بالدۇر تۇغۇش، بالىياتقۇ بوينى پۈتەيلىكى، قىيىن تۇغۇت، بالا ھەمراھى بالدۇر سويۇلۇش، بالىياتقۇ ھەم بالا ھەمراھى تۇغما غەيرىلىك ۋە يۇقىرى قان بېسىم، داس بوشلۇقى ياللۇغى، تۆۋەنكى مۈچە ۋېنالىرى ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىش بىلەن قان نوكچىسى قوشۇلۇپ كېلىش، Rh مەنپىي قان تىپىدىكىلەر، ياكى ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئېغىر دەرىجىدە «سېزىك» بولغۇچىلار.
2. ئىچكى بۆلۈم كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغۇچىلار
ئىچكى بۆلۈم كېسەللىكى بار ھامىلىدار ئانىلار چوقۇم ئىلگىرىكى كېسەللىكى كونترول قىلىنغاندىن كېيىن ياكى دوختۇرنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن خاتىرجەم سىرتقا چىقسا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بەزى كۆپ ئۇچرايدىغان ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار، مەسىلەن: دىيابېت كېسىلى، تۇغما ياكى كېيىن پەيدا بولغان يۈرەك كېسىلى، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى، شامالدارىش، قاندىكى ياغ كۆپىيىش كېسىلى، ئېغىر دەرىجىدىكى قان ئازلىق، زىققا، تۇتقاقلىق ھەم ماشىنىدا، ئايروپىلاندا، پاراخوتتا بېشى قايىدىغان ھامىلىدار ئانىلار، چۈنكى سەپەردە تۇيۇقسىز جىددىي كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغاچقا، ئومۇمەن سىرتقا چىقىشقا بولمايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى