ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ بۇلغىنىشىنى ئازايتىش

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ بۇلغىنىشىنى ئازايتىش

ۋاقتى: 2016-05-25 ئاۋاتلىقى: 597 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۈگۈنكى كۈندە، كۆپلىگەن ئائىلىلەر يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، ئولتۇراق شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ئەلۋەتتە ياخشى ئىش، بىراق يېڭى بېزەك ماتېرىياللىرىدىن ئۇچۇپ چىققان زەھەرلىك گازلارنىڭ، ھامىلىدار ئانا ۋە ھامىلىگە نىسبەتەن بەزى ياخشى بولمىغان تەسىرلىرى بار، بىلىپ قويغان بەزى ئۇچۇرلارنىڭ سىزگە ياردىمى بولىدىغانلىقىنى ئىشىنىمىز.


ئاروماتىك زەھەرلىك گاز-بېنزول
بېنزولنىڭ ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن قانداق زىيانلىق تەسىرى بار؟
ئاستا خاراكتېرلىك بېنزولدىن زەھەرلىنىشنىڭ تېرە، كۆز، ئۈستۈنكى نەپەس يوللىرىغا نىسبەتەن غىدىقلاش تەسىرى بار. مەلۇم دوختۇرخانىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، نۇرغۇنلىغان زىيادە سېزىمچان خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى، بوغۇز ئىششىقى، كانەيچىلەر ھەم قان پىلازمىسى تۆۋەنلەش قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولغان بىمار ھەم ئۇنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ھەممىسى بېزەلگەن ئۆيدىكى زەھەرلىك گازنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
ئۇزاق مەزگىل بېنزولنى سۈمۈرۈش، قايتا ئىشلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراش خاراكتېرلىك قان ئازلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر قان ئىشلەش ئىقتىدارى پۈتۈنلەي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، جاننى ئالىدىغان دانچىلىق ئاق قان ھۈجەيرىسى يوقاپ كېتىش كېسىلى يۈز بېرىپ، ئاق قان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار ئۇزاق مەزگىل بېنزولنى سۈمۈرسە، ھەيز نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بېنزول بىلەن ئۇچراشسا ھامىلىدارلىققا قوشۇلۇپ كەلگەن كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئۆرلەيدۇ. بېنزول ھامىلىدە تۇغما كەمتۈكلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  دۆلەت سىرتىدىكى ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتكۈل ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە كۆپ مىقداردىكى مېتىل بېنزول سۈمۈرگەن ئاياللار تۇغقان بوۋاقنىڭ كۆپىنچىسى غەيرى بېشى كىچىك، مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، ئۆسۈپ يېتىلىش ئاستا بولۇش قاتارلىقلار ئەھۋاللار كۆرۈلگەن. بېنزول بىرىكمە ماددىلىرى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن راك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ماددا دەپ جەزملەشتۈرۈلدى.



ئولتۇراق ئۆيدىكى بېنزول نەدىن كېلىدۇ؟
ئۆيدىكى بېنزول ئاساسلىقى قۇرۇلۇش بېزەك ماتېرىياللىرىغا ئىشلەتكەن خىمىيە سانائىتى خام ماتېرىياللىرىدىن كېلىدۇ، مەسىلەن سىر، ھىملەش ماتېرىيالى ۋە ھەرخىل ئورگانىك ئېرىتمە قاتارلىقلار، چۈنكى نۆۋەتتە ئۆي ئىچى بېزەك ماتېرىياللىرىغا مېتىل بېنزول، كىسلول ئورنىغا ساپ بېنزولنى يېلىم، سىر، بوياق، سۇدىن ساقلىغۇچى ماتېرىيالنىڭ ئېرىتمىسى ياكى سۇيۇلدۇرغۇچى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ، مۇشۇنداق كۆپ مىقداردىكى ئورگانىك بىرىكمىلەر بېزەپ بولغاندىن كېيىن ئۆي ئىچىگە پارلىنىپ چىقىدۇ.
جۇڭگو ئۆي ئىچى مۇھىتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ مۇدىرى سوڭ گۇاڭشېڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل بېزەك ماتېرىياللىرىدا بېنزول مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى ئىكەن.
سىر: ھەرخىل سىر بوياقلارنىڭ خۇرۇچلىرى ۋە سۇيۇقلاندۇرغۇچى دورىلىرى، ھەرخىل يېپىشتۇرغۇچى، سۇ ئۆتمەس ماتېرىياللاردىن باشقا يەنە تۆۋەن دەرىجىلىك ۋە ساختا سىرلار.
ئالدىنى ئېلىش:

بېزىگەندە ئىمكانقەدەر دۆلەت ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق ۋە بۇلغىنىش ئاز بولغان بېزەك ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىش، بۇ بولسا ئۆي ئىچى ھاۋاسىدىكى بېنزولنىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ تۈپ ئاساسى. مەسىلەن مۇنتىزىم زاۋۇتلار ئىشلەپچىقارغان سىر، يېلىم ۋە بوياقلارنى تاللاپ ئىشلىتىش؛ بۇلغىنىشسىز ياكى بۇلغىنىش ئاز بولغان سۇ ئۆتكۈزمەيدىغان ماتېرىيالنى تاللاپ ئىشلىتىش؛ يېپىشتۇرغۇچىنى تاللاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم، چۈنكى نۆۋەتتىكى قۇرۇلۇش بېزەك ساھەسىدىكى ھەرخىل بەلگىلىمىلەر ئىچىدە يېپىشتۇرغۇچى ئىشلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە يوق.
يېشىل مۇھىت ئاسراش بەلگىلىرى بار بېزەش شىركەتلىرىنى تاللاش، بېزەش كېلىشىمنامىسىنى بېكىتكەندە ئۆي ئىچى مۇھىت تەلىپىنى ئەسكەرتىش كېرەك. ھازىرقى يېشىل بېزەش شىركەتلىرى بوياقسىز ھۈنەر-سەنئەت ئىشلىتىپ، ئۆي ئىچىدىكى زەھەرلىك گازنى خېلى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى.



ئون بەش يىل زەھەرلىك گاز چىقىرالايدىغان گاز -فورمالدېھىد
فورمالدېھىدنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى:
فورمالدېھىد نەپەس يولى ئارقىلىق سۈمۈرۈلىدۇ. زامانىۋى پەن-تېخنىكىنىڭ كۆرسىتىشىچە، فورمالدېھىدنىڭ ئادەم بەدىنىگە سەلبىي تەسىرى بار ئىكەن. ئۇزۇن مەزگىل تۆۋەن مىقداردىكى فورمالدېھىد بىلەن ئۇچراشسا، ئاستا خاراكتېرلىك نەپەس يولى كېسەللىكلىرى، ئاياللاردىكى ھەيز قالايمىقانلىشىش، ھامىلىدارلىقتىكى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا بەدەن ساپاسى تۆۋەنلەش، خىروموسوما غەيرىلىكى ھەتتا بۇرۇن يۇتقۇنچاق راكى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى فورمالدېھىد نېرۋا سىستېمىسى، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ۋە جىگەرگە نىسبەتەن زەھەرلەش رولى شۇنداقلا غەيرىلىك ۋە راك كەلتۈرۈپ چىقىرىش تەسىرى بار، ئۇزۇن مەزگىل فورمالدېھىد بىلەن ئۇچراشقاندا، بۇرۇن بوشلۇقى، ئېغىز بوشلۇقى، بۇرۇن يۇتقۇنچاق قىسمى، گال، تېرە ۋە ھەزىم يولى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۆيدىكى فورمالدېھىد نەدىن كېلىدۇ؟
گەرچە فورمالدېھىد كىشىلەرگە مۇشۇنداق زىيانكەشلىك قىلسىمۇ، بىراق فورمالدېھىد يېپىشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ھەم تاختاينىڭ قاتتىقلىقىنى ئاشۇرۇش، قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، شۇڭا يەنىلا قۇرۇلۇش بېزەكچىلىك ماتېرىياللىرىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە. ئۇ تەبىئىيلا ئولتۇراق ئۆيگە ئېلىپ كىرىلدى. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ئۆي ئىچىدىكى فورمالدېھىدنىڭ تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل كېلىش مەنبەسى بار.
1. خىزمەت قىلىدىغان ئۆيدىكى بېزەك پەنەركىسى، ئىنچىكە ياغاچچىلىق تاختىيى، ئوتتۇرا زىچلىقتىكى پىرېسلانغان تاختاي، قىرىندى تاختاي قاتارلىق سۈنئىي تاختاي ماتېرىياللار.



2. ئادەم ئىشلىتىپ ياسىغان ئۆي-سايمانلىرى، بەزى زاۋۇت يۇقىرى پايدىنى كۆزلەپ مۇۋاپىق بولمىغان تاختاي ئىشلىتىش، تاختايلارنى يەملىگەندە سۈپىتى ناچار يېلىم ئىشلىتىش، نەتىجىدە بۇنداق ماتېرىياللارنى خېرىدارلار سېتىۋېلىپ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىشى بىر كىچىك تىپتىكى كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىش پونكىتىنى ئېلىپ كەتكەنگە تەڭ بولىدۇ.
3. تەركىبىدە فورمالدېھىد بولغان تەركىبلەر ھەم سىرتقا تارقىتىش ئېھتىماللىقى بولغان باشقا بېزەك ماتېرىياللىرى، مەسىلەن تامغا چاپلايدىغان رەخت ۋە قەغەز، سۈنئىي تالالىق گىلەم، كۆپتۈرمە سولياۋ، سىر ۋە بوياق قاتارلىقلار.
4. كۆيدۈرگەندىن كېيىن فورمالدېھىد ئۇچۇپ چىقىدىغان بەزى ماتېرىياللار، مەسىلەن تاماكا ۋە بىر قىسىم ئورگانىك ماتېرىياللار.
ياپونىيە يوكوخاما دۆلەتلىك (Yokohama National University) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ئۆيدىكى فورمالدېھىدنىڭ قويۇپ بېرىش ۋاقتى ئۈچ يىلدىن ئون بەش يىلغىچە ئىكەن.
ئالدىنى ئېلىش:
1. تۆۋەن فورمالدېھىد تەركىبلىك ۋە تەركىبىدە فورمالدېھىد بولمىغان قۇرۇلۇش ۋە بېزەك ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىش، بۇ بولسا ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.
2. تەركىبىدە فورمالدېھىد بولمىغان سىر ۋە بوياقنى ئىشلىتىش.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى