ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدار ئايالنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى يېمەك-ئىچمىكى ۋە بوۋاقنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى

ھامىلىدار ئايالنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى يېمەك-ئىچمىكى ۋە بوۋاقنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى

ۋاقتى: 2016-02-25 ئاۋاتلىقى: 861 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى يېمەك-ئىچمەك بىلەن بوۋاقنىڭ كەلگۈسىدىكى كۆرۈش قۇۋۋىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك
ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە مايلىق كېروگېن بېلىق تۈرىدىكىلەرنى كۆپ يېگەن ۋاقىتتا، مەسىلەن ساردىنا بېلىقى ۋە ماككېرېل بېلىقى، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ياخشىلىق دەرىجىسى قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ سەۋىيەسىگە نىسبەتەن تېز يەتكۈزگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى مايلىق كېروگېن بېلىق تۈرىدىكىلەردە نېرۋا پەردىسىنى تۈزگۈچى بىر خىل مۇھىم ئېلېمېنت بار بولۇپ، omega-3 ماي كىسلاتاسى دەپ ئاتىلىدۇ، omega-3 ماي كىسلاتاسىنىڭ تەركىبىدە چوڭ مېڭە ئىچكى نېرۋىسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان HDA بار بولۇپ ھامىلىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ياردىمى بار.

 ھامىلىدارلىقنىڭ 7~9 ئېيىدىن تۇغۇشنىڭ ئالدى-كەينىدە، ئەگەر ھامىلىدە HDA كەم بولسا نېرۋا ياللۇغى، كۆرۈش سەزگۈسى غۇۋا بولۇش، ھەتتا ئەمالىق كېلىپ چىقىدۇ. لېكىن ھامىلىدار ئاياللارنىڭ مايلىق كېروگېن بېلىق تۈرىدىكىلەردىن ياسالغان كونسېرۋانى يېيىشىنى تەۋسىيە قىلمايمىز، ئەڭ ياخشىسى يېڭى بېلىق سېتىۋېلىپ ئۆزى پىشۇرۇپ يېگىنى ياخشى، ھامىلىدار ئاياللار ھەر ھەپتىدە كەم دېگەندە بىر قېتىم يېيىش كېرەك.



مايلىق كېروگېن بېلىق تۈرىدىكىلەردىن سىرت يەنە، تەركىبىدە كاروتىن بولغان يېمەكلىكلەر ۋە يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى كۆپ يەپ بېرىش كېرەك. ۋېتامىن ، B، E لارنىڭ كەم بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بولۇپمۇ ھامىلىدارلىق ئىنكاسى كۈچلۈك، داۋاملىشىش ۋاقتى نىسبەتەن ئۇزۇن بولغان، يېمەك-ئىچمىكىگە تەسىر كۆرسەتكەن، ياندۇرغان ھامىلىدارلار ۋېتامىن ۋە مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلارنى تولۇقلاشقا چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك. ھامىلىدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە ھامىلىدارلىق ئىنكاسى كۈچلۈك بولغانلار ئۆزىنىڭ رايىغا باقماسلىق كېرەك، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەڭ چوڭ دەرىجىدە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكلەرنى يەپ بېرىشى كېرەك، شۇ نەرسە ھەر ۋاقىت يادىمىزدا بولۇشى كېرەككى، ھامىلىدارلىق بىر خىل كېسەل ئەمەس بەلكى ئىرادە بىلەن يەڭگىلى بولىدىغان بىر خىل ئەھۋال،  ھامىلىدار ئايالنىڭ يېمەك-ئىچمىكى بىلەن بالىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تەرەققىياتى زىچ مۇناسىۋەتلىك. قورسىقىڭىزدىكى قوزىڭىزنىڭ بىر جۈپ نۇرلۇق، ئۆتكۈر كۆزىنىڭ بولۇشى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئىلھاملاندۇرۇپ، بالىڭىزغا پايدىلىق بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەڭ.


كالتسي كەم بولغان ھامىلىدار ئاياللار تۇغقان بالىنىڭ ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى نورمال ئاياللارنىڭ ئۈچ ھەسسىگە باراۋەر كېلىدۇ، شۇڭا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يېتەرلىك بولغان كالتسىينى تولۇقلاش ئىنتايىن مۇھىم ۋە  زۆرۈردۇر.

2. ئانىنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن بالىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تەرەققىياتى بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك
ئانىنىڭ ئېمىتىش مەزگىلىدىكى يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى گۆدەكلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تەرەققىياتى توسالغۇغا ئۇچراشنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى.



ئانا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ماي تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلسا، ئانا سۈتىدە سىنك كەمچىل بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر ئانا پۇرچاق ۋە كاروتىن تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمىگەندە، ئانا سۈتىدە ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ كەم بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار بوۋاقنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى پايدىلىق بولۇپ، كەمچىل بولسا بالىنىڭ كەلگۈسى كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئانىلارنىڭ ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مەلۇم نەرسىنى بەك كۆپ ياكى بەك ئاز ئىستېمال قىلىشتەك توغرا بولمىغان ئوزۇقلۇق ئادىتىنى ئۆزگەرتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئەگەر مەلۇم خىل يېمەكلىكلەرنى ھەقىقەتەن يېيەلمىسىڭىز، ۋېتامىن ، كاروتىن، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات، پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى ۋە ھايۋانات جىگىرىنى ئىستېمال قىلىش كېرەك، بۇ خىل يېمەكلىكلەرنىڭ ئىستېمال قىلىنىشى بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق.

ئانا سۈتى تەركىبىدە كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان HDA بار بولۇپ، بۇ بالىنى ئانا سۈتىدە بېقىشنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. ئەگەر ئانا سۈتى يېتەرلىك بولمىسا تەركىبىدە HDA بولغان بوۋاقلار سۈت پاراشوكىنى قوشۇپ بېرىش كېرەك.

3. كۆرۈش قۇۋۋىتى تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغان يېمەكلىكلەر
قارا گۆش، قۇش گۆشى، ھايۋانات ئىچكى ئەزالىرى، بېلىق-راك، سۈت تۈرىدىكلەر، ئاقسىل تۈرىدىكىلەر، پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنىڭ تەركىبىدە مول مىقداردا ئاقسىل بار، ئاقسىل بولسا ھۈجەيرىنى تۈزگۈچى مۇھىم تەركىب، توقۇلمىلارنىڭ تولۇقلىنىشى ۋە يېڭىلىنىشى ئۈچۈن توختىماستىن ئاقسىل تولۇقلاش زۆرۈر.


 

 تەركىبىدە ۋېتامىن بولغان يېمەكلىكلەر كۆزگە پايدىلىق، ۋېتامىن كەم بولغان ۋاقىتتا، كۆزنىڭ قاراڭغۇ مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئېغىر بولغاندا نامازشام قارىغۇسى كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ. ۋېتامىن يەنە كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ. ۋېتامىننىڭ ئەڭ ياخشى كېلىش مەنبەسى بولسا ھەرخىل ھايۋانات جىگىرى، بېلىق جىگىرى مېيى، سۈت ۋە ئاقسىل تۈرىدىكىلەر، ئۆسۈملۈك خاراكتېرلىك يېمەكلىكلەر، مەسىلەن سەۋزە، قىزىل بۇغداش، پالەك، كۈدە (جۈسەي)، كۆكمۇچ ھەمدە مېۋىلەرنى ئىچىدىن ماندارىن، ئۆرۈك، ھالۋابىدىت قاتارلىقلار.

تەركىبىدە ۋېتامىن بولغان يېمەكلىكلەرمۇ كۆزگە پايدىلىق. ۋېتامىن بولسا كۆز قارىچۇقى سۈيى كىرىستالىنى تۈزگۈچى تەركىبلەرنىڭ بىرى. ئەگەر ۋېتامىن كەم بولسا ئاسانلا خىرۇستال تەنچە دۇغلىشىپ ئاق ئىچكى توسالغۇ كېلىپ چىقىدۇ. ۋېتامىن، ھەرخىل يېڭى مېۋىلەر ۋە يېڭى كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە كۆپ بولىدۇ، بولۇپمۇ كۆكمۇچ، تەرخەمەك، چېچەكسەي، يازلىق يېسسىۋېلەك، يېڭى چىلان، ماندارىن قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە ئىنتايىن مول.
مول مىقداردىكى كالتسىي تالقىنىنىڭمۇ كۆزگە نىسبەتەن پايدىلىق رولى بار. كالتسىي كۆزنىڭ جىددىيلىكىنى يوقىتىدۇ. مەسىلەن پۇرچاق تۈردىكىلەر، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار، قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راك قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدىكى كالتسىي مىقدارى نىسبەتەن مول. كۆيدۈرمە قوۋۇرغا شورپىسى، تاتلىق چۈچۈمەل قوۋۇرغا قاتارلىق قورۇما قورۇش ۋە تەڭشەش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق كالتسىينىڭ مىقدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

ۋېتامىن بولسا كۆرۈش سەزگۈ نېرۋىسىنىڭ ئوزۇقلۇق مەنبەسىنىڭ بىرى، ۋېتامىن B1 نىڭ يېتەرسىز بولسا كۆز ئاسانلا چارچايدۇ؛ ۋېتامىن يېتەرسىز بولسا ئاسانلا مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ. كۈنجۈت، پۇرچاق، يېڭى سۈت، ئارپا ئۈندۈرمىسى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.


 

ئالقات قېقىنىڭ جىگەرنى تازىلاپ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش رولى بار بولۇپ كۆزگە پايدىلىق، ئالقات قېقى تەركىبىدە كاروتىن، ۋېتامىن  B1، B2، C، كالتسىي، تۆمۈر قاتارلىقلار مول بولۇپ بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆزنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلىرىدۇر.

 

ئانا-بالا تورىنىڭ كىچىك ئەسكەرتمىسى:
ئالقات قېقىنىڭ  يېمەكلىك بىلەن داۋالاشتىكى ئۈچ خىل تەييارلاش ئۇسۇلى:
ئالقات قېقىغا گۈرۈچ قوشۇپ، قاينىتىپ ئۇماچ قىلغاندىن كېيىن ئازراق ئاق شېكەر قوشۇش.
ئالقات قېقىغا جۇخار گۈلى قوشۇپ، قىزىق سۇ بىلەن دەملەپ ئېچىش.

ۋېتامىننىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار بولۇپ، كىرىستال تەنچە ئىچىدىكى زىيادە ئوكسىدلانغان لىپوپلاسىت رېئاكسىيەنى تورمۇزلايدۇ-دە، نېرۋا ئاخىرقى ئۇچ قان تومۇرلىرىنى كېڭەيتىپ قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، مۇسكۇل مېتابولىزم رولىنى كۈچەيتىدۇ، كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلگەن توقۇلمىلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە كۆپىيىش فۇنكسىيەسىگە نىسبەتەن ياخشى تەسىرى بار. يۇقىرىقى روللىرىدىن سىرت يەنە، بىر قىسىم كۆز كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا نىسبەتەن ياردەمچى رولى بار، لېكىن بالىلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كەلمەيدۇ، ئۇلارغا تاماقنى ياخشىلاش ئارقىلىق تولۇقلاش لازىم. تائاملاردىن پۇرچاق مېيى، خاسىڭ مېيى ۋە باناننىڭ تەركىبىدە ۋېتامىننىڭ مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ ھەر 100 گىرام خاسىڭ مېيى تەركىبىدە 12 مىللىگرام بار، تاماق بولسا ۋېتامىننىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.



تاغ ئۈجمىسى:

تاغ ئۈجمىسى كۆز ئاسرىغۇچى ئەڭگۈشتەر دەپ قارىلىدۇ. تاغ ئۈجمىسى كۆرۈش تور پەدە سۆسۈنە ماددىسىنىڭ قايتا ھاسىل بولۇش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆرۈش سېزىمىنىڭ ئۆتكۈرلۈك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.  تاغ ئۈجمىسى تەركىبىدىكى سىئانىدىن (花青素)، ئۈنۈملۈك ھالدا كۆز قىسمىدىكى ھۈجەيرىلەردىكى ئېنىزىملارنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تاغ ئۈجمىسىدىن سىرت يەنە  تەركىبىدە سىئانىدىن كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، قىزىل، سۆسۈن، قىزغۇچ سۆسۈن رەڭلىك كۆكتاتلار، مېۋە-چىۋە ياكى مېۋە قىيامى (قىزىل شوخلا، پېدىگەن، قار جېنەستە پوستى، جۈفېڭ قارا ئۈزۈمى، كالىفورنىيە شىتاتى ئالۇچىسى، توغاچ شاپتۇل). ئەڭ مۇھىمى قېنىق رەڭلىك قىسمىنى يېيىش كېرەك، شۇڭا قېنىق رەڭلىك قىسمىنى تاشلىۋەتمەسلىك لازىم.
مېۋە-چىۋە: كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بېرىش كۆزگە نىسبەتەن ساقلىقنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ. ھەر خىل كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە Lutein بىلەن Zeaxanthin قاتارلىق ماددىلار بار، بولۇپمۇ يېشىل كۆكتاتلار كۆزنى قوياشتىن كەلگەن ئولتىرا بىنەپشە نۇرىنىڭ زىيىنىدىن ساقلايدۇ،  بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەركىن رادىكاللارنىڭ كۆز توقۇلمىلىرىغا زىيان يەتكۈزۈشىدىن قوغدايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى